كاناداغا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى يۆتكەش خىزمىتى جىددى ئ‍شلىنىۋاتىدۇ (4-ئايلىق ئۇقتۇرۇش)

كاناداغا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى يۆتكەش خىزمىتى جىددى ئ‍شلىنىۋاتىدۇ (4-ئايلىق ئۇقتۇرۇش)

كاناداغا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى يۆتكەش خىزمىتى جىددى ئ‍شلىنىۋاتىدۇ (4-ئايلىق ئۇقتۇرۇش)

 

مەمەت توختى (كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»)ئىجرائىيە دىرېكتورى

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش پەقەت نۆۋەتتە ئ‍شلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىنىدۇ.تەپسلى تەلەپ ۋە ئۇقتۇرۇشلار ئالدىمىزدا داۋاملىق تەپسلى ئۇقتۇرۇلىدۇ.

 

كانادا پارلامىنتىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن 1- فىۋرال قوبۇل قىلغان قارارىغا ئاساسەن 10،000 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق، بىخەتەر ۋە راۋان ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان پىلان، پروگرامما ۋە كونكرىتنى خىزمەت قەدەم باسقۇچلىرىنى  بىكىتىش  ئىشلىرى ئاساسەن ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئولتۇراقلاشقان بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان بۇ ھەققىدىكى سۆھبىتىنى باشلىدى.

كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى بولسا بۇ 10،000 ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا ئورۇنلاشتۇرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك  بارلىق ماددى تەييارلىقلىرى بىلەن قوشۇپ ئومۇمى كىتىدىغان چىقىم راسخوتىنى رەتلەپ مالىيە مىنىستىرلىكىگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.

تەخمىنەن 350 مىليۇن دوللارلىق بىر چىقىم مۆلچەرلەنمەكتە.

بىز، ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىقلار قاتارىدا ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانكىت ۋە جەدۋەللىرىنى توشقۇزۇشقا، بۇ خىزمەتلەرنى نەخ مەيداندا بىجىرىدىغان خادىملارنى تەربىيلەيدىغان خىزمەت  قەدەم باسقۇچلىرى قوللانمىسى، نەخ مەيداندا خىزمەت قىلىدىغان  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇئ‍اش ۋە زۆرۈر چىقىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمىلى مەسىلىلەرنى  پۈتتۈرۈپ ئالدىمىزدىكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 2024- يىلى كاناداغا كىلىشى پىلانلانغان ئەڭ ئاز 3500 ئۇيغۇرنىڭ ئانكىتلىرىنى توشقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. 

كىلەر يىلى ئۈچۈن پلانلانغان 3500 كىشىنىڭ ماتىرياللىرى مۇشۇ يىل 9- ئايغىچە كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇلۇش كۈتۈلمەكتە ۋە شۇنداق بولغاندا 1- تۈركۈم

ئۇيغۇرلار كىلەر يىلى 2- ئايلاردىن باشلاپ كاناداغا قەدەم بېسىشقا باشلايدۇ.

نامزاتلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ماتىرياللار، مەلۇماتلار ۋە  زۆرۈر ئۇچۇرلار قىسقا ۋىديۇ ۋە ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن پات يېقىندا  قېرىنداشلارغا خەۋەر قىلىنىدۇ.

قايسى دۆلەت ۋە رايۇندا بۇ خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقى  قېرىنداشلارغا مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۇقتۇرىلىدۇ.

دەسلەپكى قەدەمدە جىددى ياردەمگە ئىھتىياجلىق كاتىگورىيەسىدىكى قبرىنداشلىرىمىزنى تۆۋەندىكىدەك ئويلىشىۋاتىمىز:

1-ب د ت ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنغانلار ( مەيلى قوبۇل قىلىنغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن)

2-ب د ت ياكى باشقا ھەرقانداق دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇھاجىرلىق سالاھىيىتىگە ئىرىشكەنلەر

3-ۋەتەندە ئاىلىسى تەۋەلىكى بىۋاستە خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار

4-ئاساسلىق ئائ‍ىلە باشلىقى تۈرمىگە ياكى لاگىرغا قامالغانلار ۋە كۆپ بالىلىق تۇل خانىملار

ئوقۇغۇچىلار،

5-چەتەل تىلى ئاساسى بولغان كەسپ ئىگىلىرى قاتارلىقلار

 

تەپسلى ئۇچۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى كانادا كۆچمەنلىك پىروگراممىسى سەھىپىسگگ داۋاملىق دىققەت بولغايسز.

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئوبزور: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى 40 يىل ئالدىغان تاكتىكىسى: ئاجىز ۋە قالاق كۆرۈنۈش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى

دۈ ماي 1 , 2023
ئوبزور: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى 40 يىل ئالدىغان تاكتىكىسى: ئاجىز ۋە قالاق كۆرۈنۈش ۋە بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئوينىشى

You May Like