ئۇيغۇر قوللىغۇچىلىرى: كانادا ئوتتاۋالىق كىشلەر 40 ئايدىن بىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ

كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتەنىڭ پەيشەنبە كۈنى سائەت 3-4 ئارىسىدا توختاۋسىز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيپلەپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كانادالىق قوللىغۇچىلىرى مەيلى قار، يامغۇر، سوغۇق ئىسسىق ھەر قانداق شارائىتتا بولسۇن، نامايىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ئاگېنىتلىق كۆز قارشى : ئۇيغۇرلار داۋاملىشۋاتقان قىرغىنچىلىقتا يالغۇزلۇق، ئۈنۈمسزلىك، ھارغىنلىق ھس قىلغان بۇ چاغلاردا چەتئەللىك قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن بىر سەپتە بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇشى-ئىنتايىن مۇھىم.

https://www.facebook.com/UyghurTimesUyghur/videos/1131564448272160

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

«مىنىڭ دادام خەن گاۋزۇ»دەپ رومان يازغان ئۇيغۇر بالا ختاينىڭ داڭلىق يازغۇچسى بولۇپ باھالانغان

جۈ يانۋار 5 , 2024
ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان خەلقىگە تۈرلۈك زۇلۇم ۋە تەشۋىقات-ئاسسلماتسيە سياسەتلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە. ختاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ختاي رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 1995-يىلى تۇغۇلغان بۈگۈرلۈك ئۇيغۇر بالا ئەلتام پەرھات 2023-يىلى ختاينىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچسىغا ئايلانغان. ختاينىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ نامنى  دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجادىي ئەدەبىيات تور بېكىتى «جۇڭگو ئەدەبىياتى تورى»نىڭ ھۆكۈمەت […]
atam han gawzung

You May Like