«مىنىڭ دادام خەن گاۋزۇ»دەپ رومان يازغان ئۇيغۇر بالا ختاينىڭ داڭلىق يازغۇچسى بولۇپ باھالانغان

ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستان خەلقىگە تۈرلۈك زۇلۇم ۋە تەشۋىقات-ئاسسلماتسيە سياسەتلىرىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە.

ختاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ختاي رادىئوسنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 1995-يىلى تۇغۇلغان بۈگۈرلۈك ئۇيغۇر بالا ئەلتام پەرھات 2023-يىلى ختاينىڭ ئەڭ داڭلىق يازغۇچسىغا ئايلانغان. ختاينىڭ خەۋەر قىلىشچە، بۇ نامنى  دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجادىي ئەدەبىيات تور بېكىتى «جۇڭگو ئەدەبىياتى تورى»نىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ «ئاتام خەن گاۋزۇ» ناملىق ئەسىرى 2022-يىلىدىكى ئەڭ بازارلىق رومان بولۇپ قالغان ھەم يۆۋېن گۇرۇھىنىڭ تور ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئەلتام پەرھاتنىڭ 2023-يىلى 10-ئايدا يەنە بىر يېڭى كىتابى ئالقىشلىنىپ، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ قېتىم ختاي تىل-ئەدەبىيات تورىدا تارىخ تۈرىدىكى كىتابلار ئىچىدە بازىرى ئىتتىك بولۇش تىزىملىكى، ئوقۇش كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىدە بىرىنچى بولغان.

بۇ ختاينىڭ ئاسسلماتسيە سياستىدىكى يەنە بىر خىل قەدەم ۋە تاكتىكا ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

One thought on “«مىنىڭ دادام خەن گاۋزۇ»دەپ رومان يازغان ئۇيغۇر بالا ختاينىڭ داڭلىق يازغۇچسى بولۇپ باھالانغان

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئالماشتۇردى

شە يانۋار 6 , 2024
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئالماشتۇردى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن 248 نەپەر خادىمى ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى رايوندىن رۇسىيەگە قايتتى. ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە: بۇ ئىككى تەرەپ توقۇنۇش كەسكىنلەشكەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتى […]
روسيە-ئۇكرائىنا ئەسر

You May Like