كاناداغا كىلىشتە ئالدىن تەييارلايدىغان ماتېرىياللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

كاناداغا كىلىشتە ئالدىن تەييارلايدىغان ماتېرىياللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

 كاناداغا كېلىشتە ئالدىن تەييارلايدىغان ماتېرىياللار ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

مەمەت توختى (كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»)ئىجرائىيە دىرېكتورى

ئېلان قىلغان ۋاقتى: 2023-يىلى 30-ئاپرېل

كاناداغا كۆچمەن بولۇش پىلانى بار قېرىنداشلار تۆۋەندىكىدەك ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بۇ مەلۇماتلار ۋاقتى كەلگەندە، تىزىملاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

1.بارلىق كىملىك، كىنىشكا  ۋە ھۆججەتلەر؛

2. ئون يىللىق ئادرېس ( ئاي ئاتلىماسلىقى لازىم)، 10 يىللىق ئىشلەش ياكى ئىشسىزلىق تارىخى؛

3. ئون يىللىق ئوقۇش تارىخى (تۇلۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ)؛

4. ئون يىللىق ساياھەت تارىخى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىسىم ۋە ئادرېسلىرى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇچۇرلار؛ 

10 يىللىق دېگەننىڭ مەنىسى، مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

 2013-يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە دېگەن 10 يىلنى كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىياللارنى تەييارلاش ھەققىدە:

ماتېرىياللارنى قانداق تەييارلاش ھەققىدە يېقىندا ۋىدىيولۇق چۈشەندۈرۈش تارقىتىلىدۇ.

بۇ مەلۇماتلار ئالدىمىزدىكى بىر يېرىم ئاي ئىچىدە لازىم بولىدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىئەندە ئۇچرىشىپ شىئەن-ئوتتۇرا ئاسىيا پويىز لىنىيەسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

دۈ ماي 1 , 2023
خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىئەندە ئۇچرىشىپ شىئەن-ئوتتۇرا ئاسىيا پويىز لىنىيەسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

You May Like