گۇگىل تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىغا قوشتى.(2020 يىل)

گۇگىل تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىغا قوشتى.(2020 يىل)

گۇگىل تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىغا قوشتى.(2020 يىل)

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

26-فېۋرال،2020-يىلى

 

دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قوللانغۇچىسى بار بولغان تىل تەرجىمە مۇلازىمىتى-گۇگىل تەرجىمىسى بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىغا قوشتى.

ئۇيغۇر ئاممىسى بۇ خەۋەرنى قارشى ئالدى، نۇرغۇن كشلەر تەرجىمە ئارقىلىق مەزكۇر ئىقتىدارنى نەتىجىسنى توردا ئورتاقلاشتى.

نۇرغۇن كىشلەر پىدائى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.گىرمانيەدىن تور تېخنىك خادىمى،ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە كۆپلىگەن يۇمشاق دىتال خىزمىتىنى ئ‍شلىگەن مۇھەممەد ئەلى نياز مۇنداق دىدى:بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان  بىر قەدەم.

تىلشۇناس ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇنداق دىدى: ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيتى باستۇرۇشقا دۇچ كىلىۋاتقان بۇگۇنكىدەك پەيتتە،ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۇگىل تەرجىمىسگە قوشۇلۇشى بىز ئۈچۈن چوڭ خوش خەۋەر،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر تەرجىمە ئىقتىدارى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسلەرنى بىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيەدىن تۇرسۇنجان ئېسملىك بىر تورداش مۇنداق يازدى: مەن گۇگىلنىڭ بۇ ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاسكىتبول چولپىنى ئەنەس كانتىر بىلەن بىرلىكتە نامايىش قىلدى

يە ئۆكتەبىر 31 , 2021
ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ۋاسكىتبول چولپىنى ئەنەس كانتىر بىلەن بىرلىكتە نامايىش قىلدى

You May Like