گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۇچراشقان

گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۇچراشقان

گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن بېيجىڭدا ئۇچراشقان

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-ئاپرېل

خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك(Annalena Baerbock)  جۈمە كۈنى (14-ئاپرېل) بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئاننالېنا مۇنداق دېگەن: «ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا شۇنى بىلىپ باققۇم بار، نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتقان مەيدانىدا رۇسىيەدىن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؟… يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلغىنىدا دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ رۇسىيەگە خىتايدەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى، ئۇنداقتا خىتاي بۇ تەسىر كۈچىگە تايىنىپ ياۋروپانىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە تەسىر قىلىشنى قارار قىلدىمۇ-يوق؟»

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، تۇنجى قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا خانىم تولۇقلىما قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي تەرەپنىڭ خۇددى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىدا تىنچلىقنىڭ تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى تاپقىنىغا ئوخشاش، رۇسىيەگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

«گېرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن : «بىز خىتاي تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە ئۈستىدىكى ئەندىشىمىزگە قارىتا توغرا  پوزىتسىيە تۇتۇپ، گېرمانىيە شىركەتلىرىگە ئادىل بولغان رىقابەت مەيدانىنى ھازىرلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر بىر قىسىم شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشسە، ئۇ ھالدا بۇ ئادىل رىقابەت بولماي قالىدۇ.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا داغدۇغا قوزغىدى

جۈ ئاپرېل 14 , 2023
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا داغدۇغا قوزغىدى

You May Like