گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا داغدۇغا قوزغىدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا داغدۇغا قوزغىدى

 گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا داغدۇغا قوزغىدى

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى 2023-يىلى 15-ئاپرېل

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بوئېربوك خانىم  خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشىنى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت» لەرنى توختىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاننالېنا خانىمنىڭ بۇ تەلىپى بۈگۈن بارلىق گېرمانىيە ۋە ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىندى.

ھازىرغىچە گېرمانىيەلىك ھېچبىر باش مىنىستىر ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇنداق ئوچۇق ئاشكارىلىق بىلەن، كەسكىن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان ئىكەن.

يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە قەھرىمان لاگېر شاھىتلىرىمىزدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە ئۆمەر بېكالى قاتارلىقلار بىللە ۋە يالغۇز بولۇپ ئۈچ  قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن رەئىس ۋە خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان  ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىشلار ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىدا ۋە بېرلىندا ئارقا-ئارقىدىن نامايىشلار ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» تېما قىلىنغان رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇندىن باشقا يېقىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە قۇرۇلتاينىڭ بېرلىن ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەنمۇ سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئاننالېنا خانىم «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بىر ئورتاق ئۆلچەم بارلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە« ب د ت نىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلىرى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئورتاق ئۆلچەم بار ئەمما مەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە  پۇقرالارنىڭ تېگىشلىك ھەق -ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيمەن » دېگەن.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى « شىنجاڭدىكى مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس بەلكى رادىكاللىققا قارشى كۈرەش، ھازىر شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم كىشىلەر ئىنتايىن بەختلىك. غەرب جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق  قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، توسقۇنلۇق قىلماقتا» دەپ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەت قىلغان.

ئاننالېنا خانىم بۇ ھەقتە « ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى ئايرىمىچىلىق ، تۇتقۇن قىلىنىش، ۋە قىيىن- قىستاق ھەققىدە دوكلاتى بار. قانداقلا بولسۇن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك» دەپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ب د ت نىڭ دوكلاتىنى ئەسلەتكەن.

ئاننالېنا خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ۋە بېيجىڭدىكى سۆزى پۈتۈن ياۋروپادا مەتبۇئاتلاردا كەڭ دائىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئەربابلىرى تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىي تۆھپىلىرىنى قۇتلۇقلىدى

يە ئاپرېل 16 , 2023
دۇنيا ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە ئەربابلىرى تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىي تۆھپىلىرىنى قۇتلۇقلىدى

You May Like