گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت دەپ ئەسكەرتىش بەردى

گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت دەپ ئەسكەرتىش بەردى

 گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى خىتاينى ئەڭ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دۆلەت دەپ ئەسكەرتىش بەردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 19-ئۆكتەبىر

17-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ چوڭ ئىستىخپارات ئورگانلىرىنىڭ يىللىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «فېدېراتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى» نىڭ تاشقى ئىشلار ئاخباراتىغا مەسئۇل ئىدارە باشلىقى برۇنو كارل(Bruno Kahl) پارلامېنت ئەزالىرىنى ئەسكەرتىپ خىتايغا بەك «ساددا» مۇئامىلە قىلماسلىققا چاقىرغان. ئۇنىڭدىن باشقا « گېرمانىيە ھەربىي ئىشلار جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى» باشلىقى مارتىنا روسېنبېرگ (Martina Rosenberg) ۋە دۆلەت ئىچى ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگان بولغان «فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇن بىخەتەرلىك ئىدارىسى»نىڭ باشلىقى توماس خالدېنۋاڭ (Thomas Haldenwang) قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتىكى بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاينىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتلىرى توغرىسىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەسكەرتىش بەرگەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىچىگە سىڭىپ كىرگەن مەخپىي جاسۇسلۇق قىلمىشلىرى، شۇنداقلا گېرمانىيە سودا ساھەسىدىكى تېخنىكا، ئۇچۇر، ئۇل ئەسلىھە ھالقىلىرىدا  يوشۇرۇنچە ئېلىپ بېرىۋاتقان مەخپىي جاسۇسلۇق  قىلمىشلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇن بىخەتەرلىك ئىدارىسى» باشلىقى توماس خالدېنۋاڭ سۆزىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: « بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى قەتئىي تۈردە رەت قىلىشىمىز كېرەك.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي باياناتچىسى جۆيلىدى: مانچېستېردىكى ئەلچىخانىمىز «قانۇنسىز» ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئادەملىرىمىز يارىلاندى

چا ئۆكتەبىر 19 , 2022
خىتاي باياناتچىسى جۆيلىدى: مانچېستېردىكى ئەلچىخانىمىز «قانۇنسىز» ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئادەملىرىمىز يارىلاندى

You May Like