تۈركىيەنىڭ كېلەچەك پارتىيەسى (گەلەجەك پارتىيەسى)2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيەنىڭ كېلەچەك پارتىيەسى (گەلەجەك پارتىيەسى)2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

 تۈركىيەنىڭ كېلەچەك پارتىيەسى (گەلەجەك پارتىيەسى)2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى05-دېكابىر

ماقالىنى تەمىنلىگۈچى :سەلچۇق ئۆزداغ 

تەرجىمىدە :ھەبىبۇللا ئىزچى 
 
كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر رەئىسلىكى تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلىنى بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. نۆۋەتتە كېلەچەك پارتىيەسى يەنە ئۆزلىرى تەييارلىغان بايقۇت تېكىستىنى سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن 19 پارتىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن ئىمزا قويۇشنى  ۋە ئۇلارنىڭ بۇ بايقۇت چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ پۇقرالار جەمئىيىتى ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر رەئىسلىكى، بولۇپمۇ تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى، سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن باشقا  19 پارتىيەنى بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

خەلق  ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر رەئىسلىكى ئېلان قىلغان بايقۇتىنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

« كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىگە:

زامانىۋى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1896-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياشلارنى ئۆز -ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇق روھى بىلەن تەربىيەلەش ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل ۋە تېخىمۇ تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ شوئار بىلەن باشلانغان دۇنياۋى تەشكىلات تۇنجى قېتىم ياز پەسلىدە تەشكىللەندى. 1924-يىلدىن باشلاپ ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىش پەسلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىللەنگەن.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيا ئۇرۇشى بولمىغان مەزگىلدە ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم تەكرارلاندى. گەرچە يۈز يىگىرمە بەش يىللىق ئولىمپىك تەشكىلى كومىتېتى بۈگۈنگە قەدەر ئولىمپىكنى سىياسەتكە ئارىلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەپسۇس يەنىلا ساھىبخانىلىق قىلغان دۆلەتلەر ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل مەسىلىلەر كېلىپ چىقتى.

1936-يىلدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناتسىست گېرمانىيە ساھىبخانىلىق قىلغان بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ياخشى نىيەتلىك قارارى 1931-يىلى چاقىرىلىپ ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن چەتكە قېقىلغان گېرمانىيەنىڭ قايتا تەشكىللىنىشىگە پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن ، ناتسىستلار پارتىيەسى گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ، ئادولف گىتلېر گېرمانىيەنى باشقۇرۇشقا باشلىغان بىر دەۋردە ناتسىست گېرمانىيەسىدە ئولىمپىكنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارار بېرىلگەن ئىدى.

1933-يىلى 4-ئايدا ، ناتسىستلار گېرمانىيەدىكى بارلىق تەنتەربىيە ئورگانلىرىدا «ئاريانلار»لا سىياسىتىنى تۈزۈملەشتۈردى. «ئارىيان ئەمەس» [يەھۇدىي ياكى يېرىم يەھۇدىي ۋە رىم (سىگان) تەنھەرىكەتچىلىرى] گېرمانىيە تەنتەربىيە ساھەسىدىن ۋە جەمئىيەتلىرىدىن سىستېمىلىق قوغلاندى. بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلار تۈپەيلىدىن دۇنيا جامائەت پىكىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. بۇ سەۋەب بىلەن تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ناتسىست گېرمانىيەسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى ، ناتسىست گېرمانىيەسىمۇ قارشى پىكىرنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنى كۈن تەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.

1936-يىلدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ ئەنگلىيە ، فىرانسىيە ، شىۋېتسىيە ، چېخوسلوۋاكىيە ۋە گوللاندىيەدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولدى ، بولۇپمۇ بۇ مۇسابىقىگە ئەڭ كۆپ ئادەم ئەۋەتكەن ئامېرىكىدا. خەلق ئىچىدىكى قارشىلىقلارغا قارىماي ئامېرىكا ھەۋەسكار تەنھەرىكەتچىلەر بىرلەشمىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئۇرۇنغانلىقتىن ،بۇنىڭدىن ئۈلگە ئالغان  باشقا دۆلەتلەردىكى تەنھەرىكەتچىلەرمۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ سەۋەب بىلەن  بەختكە قارشى ، ناتسىست گېرمانىيە تەشكىللىگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلالمىدى. ئەمەلىيەتتە ، ناتسىست گېرمانىيەسى دۇنيانىڭ كۆزىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن بويىغان ئىدى. مۇسابىقە ئاخىرىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلار باش تېما قىلىپ ناتسىست گېرمانىيەسىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

 ناتسىست گېرمانىيەسى 1936-يىلدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئۈچ يىل كېيىنلا پولشاغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۆلۈم لاگېرى قۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ نومۇسى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى.
بۇ قېتىمقى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋە بۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي سەكسەن يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان تۈركلەرگە قارشى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ جىنايىتى- ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغان ۋە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى.

1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ، دېموكراتىيەگە قارشى كوممۇنىزم ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ يىللاردىلا قېرىنداشلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن جازا لاگېرلىرىدا 1 مىليون ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى گوياكى «مائارىپ مەركىزى»دە قايتا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ دەپ تونۇشتۇرۇلغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك مايىللىقىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغىچە، ئورپ-ئادەتلىرىگىچە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا. دىنىي ئېتىقادىنى رەت قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىغا كىرگەندە تىزىملانماقتا. تۇتقۇن قىلىشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي  ھۆكۈمىتى ،تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچقانداق قانۇن ياكى قائىدىگە سىغمايدىغان شەكىلدە جازالىماقتا. ۋە بۇ تۇتقۇندىكىلەرنىڭ تەقدىرى قاراڭغۇ. بەش يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ۋە يېتىم-يېسىرلار مەركەزلىرى نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە كامپلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ  بۇ «ئەۋلادلارنى بۆلۈش» سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى  قىلمىشتۇر. ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنماقتا!

خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ تۈرى ،  سانىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ بەلگىلىيەلمەيۋاتىدۇ! 

بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسىتىنى   ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ئامېرىكا ، ئەنگلىيە ، كانادا ، گوللاندىيە ۋە لىتۋا ،ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە  ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، ۋە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى.

دۆلەتلەر 1936-يىلدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇ يىللاردا ناتسىست گېرمانىيە تەشكىللىگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ناتسىستلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئارقىلىق بايقۇت قىلىنغان بولسا، ئىنسانىيەت ئو  نومۇسسىز چوڭ قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولاتتى. ئەگەر بۇ مۇسابىقە بايقۇت قىلىنمىسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلگۈسى يىللاردىكى ۋەھشىيلىكىمۇ ناتسىست گېرمانىيەسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ!

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ئىنكاس.  بۇ مودەرن دۇنيا دەل شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ 1980-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغاندا، مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى 1980-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى موسكۋادا باشلىنىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغان.  

مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ۋە  ئۇ كۈنى ئۇ ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىغان دۆلەتلەر 2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە سىستېمىلىق يولغا قويۇلۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكى، ئىدىيە ۋە ئىش ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ، ژۇرنالىستلارغا ۋە بۇ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشنى خالايدىغان كىشىلەرگە ئىشىكنى ئېچىشقا مەجبۇرلاش كېرەك! 

كېلىڭ ! بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى  «توختات» دەيلى!

بىز ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن سىستېمىسى ئىچىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، ئالدى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ 2022-يىلى 4-فېۋرالدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش قارارى. ; ئۇنىڭدىن كېيىن ، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە ۋاكالىتەن ، تۈركىيە بۈيۈك مەجلىسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى خەلقئارالىق تېلېفون ئارقىلىق بايقۇت قىلىش قارارىغا تەكلىپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز ! »

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خادىملارنى چېكىندۈرۈش توغرىسدىكى قائىدىلىرى

دۈ دېكابىر 6 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خادىملارنى چېكىندۈرۈش توغرىسدىكى قائىدىلىرى

You May Like