بېلگىيەلىك ئۇيغۇر ماھىر فەرۇخ قۇربانوف دۇنيا يېنىك دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

بېلگىيەلىك ئۇيغۇر ماھىر فەرۇخ قۇربانوف دۇنيا يېنىك دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

 بېلگىيەلىك ئۇيغۇر ماھىر فەرۇخ قۇربانوف دۇنيا يېنىك دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-ئىيۇن

ئارمان

ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بېلگىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بوكس ماھىرى يېنىك دەرىجىلىكلەر بويىچە (IBF) ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەنگلىيەلىك ماھىرZelfa Barrett قا جەڭ ئېلان قىلدى.

بېلگىيە تاراتقۇسى «كەلگۈسى» تورى(L»Avenir) نىڭ 3-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، بېلگىيەلىك بوكس ماھىرى فەرۇخ قۇربانوف (ئۇيغۇر) 4-ئىيۇن شەنبە كۈنى ۋېلش(برىتانىيە ئارىلىغا تەۋە) قا جايلاشقان كاردىف شەھىرىدە دۇنيا بوكس بىرلەشمىسى يېنىك دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە(57-58 كىلوگراملىقلار بويىچە) نۆۋەتتىكى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەنگلىيەلىك ماھىر Zelfa Barrett  بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشمەكچى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، فەرۇخ قۇربانوف 2021-يىلى 12-ئايدا بېلگىيەنىڭ Herstal شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ ياۋروپا چېمپىيونى بولغان بولۇپ، 4-ئىيۇندىكى مۇسابىقىگە « ياۋروپا چېمپىيونى» لىق ساياھىتى بىلەن قاتنىشىدىكەن. بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ياپونىيەلىك ماھىر  Kenichi Ogawaبىلەن ۋېلشلىق ماھىر Joe Cordina ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئەگەر فەرۇخ قۇربانوف بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قازانسا ئۇنىڭ دۇنيا بوكس ماھىرلىرى ئىچىدىكى رەت تەرتىپى بىۋاسىتە ئەڭ ئالدىنقىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.

فەرۇخ قۇربانوف بۈگۈنكى بەدەن تەكشۈرتۈش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى دۈمبىسىگە ئارتقان ھالدا رەقىبى بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ سۈرەت بۈگۈن دۇنيادىكى داڭلىق تەنتەربىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ باش بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا فىرانسۇز تىلىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش غەلىبىلىك تاماملاندى. خۇددى مەن بۇرۇن سىلەرگە دېگىنىمدەك، مەن ئۇيغۇرلار ۋە بېلگىيەگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىمەن…كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلەن شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بىللە بېسىپ ئۆتكىنىگە ھەقىقەتەن رەھمەت ئېيتىمەن.» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

سە ئىيۇن 7 , 2022
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېتەكلىشىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

You May Like