ئەنگىلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېلىشىم ئىمزالاشتىن بۇرۇن خېلى مۇنازىرىلىشىشى مۇمكىن

گولدمان ساكس گۇرۇھى (The Goldman Sachs Group) مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى برەكسىت (Brexit: ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى) مەسىلىسىدە دراماتىك كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، ئەمما نويابىرنىڭ باشلىرىدا يەنىلا بىر پارچە برەكسىت سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بار.

رېيتېر ئاگېنتلىقى (لوندون)، 2020- يىلى 15- ئۆكتەبىر
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 15- ئۆكتەبىر

 

گولدمان ساكس  گۇرۇھى (The Goldman Sachs Group) مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى برەكسىت (Brexit: ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى) مەسىلىسىدە دراماتىك كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، ئەمما نويابىرنىڭ باشلىرىدا يەنىلا بىر پارچە برەكسىت سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بار.

 

گولدمان ساكس ئانالىزچىسى سۋەن يارى ستەن (Sven Jari Stehn) خېرىدارلار دوكلاتىدا: «ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىنىڭ 15- ئۆكتەبىردىكى مۆھلىتىمۇ، ياۋروپا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 31-ئۆكتەبىردىكى مۆھلىتىمۇ برەكىس كېڭىشىنىڭ مۇتلەق ئاخىرلىشىشى ئەمەس. ياۋروپا كېڭىشى بەلكىم بۇ ھەپتە ھەددىدىن ئارتۇق سىياسىي ئويۇن ئوينىشى مۇمكىن.» دېدى.

 

گولدمان ساكس: «بىز <كېلىشىم يوق> ھالەت ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن دەپ قارايمىز. شۇنداقلا بىز يەنە باجسىز/نورمىسىز سودا كېلىشىمى نويابىرنىڭ بېشىدا ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن دەپمۇ قارايمىز.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

 

مەنبە: https://cn.reuters.com/article/goldman-sachs-1015-thur-idCNKBS2700U0

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «خىتتاي، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاتتى

پە ئۆكتەبىر 15 , 2020
6-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فەيىس بوك بېتىدە «خىتتاي ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈنسىرى غالجىرلىششى قارشىسىىغا، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلىقارادا كۈنسىرى چوڭىيپ، غەرىپ دۆلەتلىرى ۋە خەلىقنىڭ كۈنتەرتىپگە كەلدى

You May Like