شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «خىتتاي، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاتتى

6-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فەيىس بوك بېتىدە «خىتتاي ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈنسىرى غالجىرلىششى قارشىسىىغا، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلىقارادا كۈنسىرى چوڭىيپ، غەرىپ دۆلەتلىرى ۋە خەلىقنىڭ كۈنتەرتىپگە كەلدى

(مەزكۇر خەۋەر پائالىيەت تەشكىللىگۈچىسى تەرىپىدىن تەييارلاندى)

 

6-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فەيىس بوك بېتىدە «خىتتاي ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈنسىرى غالجىرلىششى قارشىسىىغا، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلىقارادا كۈنسىرى چوڭىيپ، غەرىپ دۆلەتلىرى ۋە خەلىقنىڭ كۈنتەرتىپگە كەلدى. كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر، مەشھۇر تەنھەركەتچىلەر، سەنئەتچىلەر ۋە سىياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى بىزنىڭ داۋارىمىزنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىلىشىگە تۈرۈتكە بولدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى بۇ قېتىملىق خەشتەگ پائالىيىتى ئارقلىق ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى، بىزنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىك كىشىلەرگە بىلدۈرگۈسى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئۇلارنىڭ ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ۋە گېرمانىيەدىكى ئەزالىرى قاتناشقان.
ئۇلارنىڭ فەيىسبوك بېتىدە ئېلان قىلغان پائالىيەت چاقىرقى تېكىستى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز ۋەتەنداشلار، ئاللاھنىڭ گۈزەل سالاملىرى ۋە رەھمەتلىرى سىلەرگە ۋە زۇلۇم ئىچىدە ئىڭراۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولسۇن!

 

 

ئۇشبۇ چاقىرىقنى قىلىشىمىزنىڭ مەخسىدى شۇكى، بىز يېقىندا بىر # خەلق ھەرىكتى باشلىدۇق. تېمىسى:«خىتتاي ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» #ChinaGetOutFromMyLandEastTurkistan
سەۋەبى: خىتتاي زالىملىرىنىڭ سان-ساناقسىز، چىدىغۇسىز، زۇلۇم-ئازاب ئوقۇبەتلىرىنىڭ دەستىدىن، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ناتىۋان خەلقىمىز ۋەتەن ئىچىدە خار ۋە قۇل بولسا، ۋەتەن سىرتىدىكى، مۇھاجىرەتتىكى چارىسىز خەلقىمىز ئىمكانسىزلىقلار ئىچىدە، ئازابتىن تېپىرلىغان ھالەتتە، ئاددى بولسىمۇ ھەرخىل تىپتىكى شەخسى ، كوللېكتىپ ھالدا ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش، ھەرخىل تېمىدىكى # پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارادا بىر قەدەر ياخشى بولغان نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. توختاۋسىز قىلىنغان بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە تارىخ مىقياسىدا تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇر قانۇنى» ماقۇللاندى. يەنە بەزى قانۇنلارنى ماقۇللاش، خىتتاي زالىملىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ جازالاش خىزمەتلىرى تەييارلىق باسقۇچلىرىدا تۇرۇپتۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارى، تارتىۋاتقان زۇلۇم-زىيانكەشلىكلىرى خېلى ياخشى دەرىجىدە دۇنيا مىقياسىدا تونۇتۇلدى.

 

 

ھەممىمىزگە ئايان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دەردى پەقەت ۋە پەقەتلا زۇلۇمنى توختىتىش ئەمەس. ئەسلى مەقسىتىمىز بولسا، ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ بىزگە نىئمەت قىلىپ بەرگەن بۇ تۇپراقلىرىنى، ئامانىتىنى ياخشى ساقلاش، ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخلىرىنى، سەلتەنەتلىرىنى، ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان ئانا تۇپراقلىرىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا پاكىزە مىراس قالدۇرۇش. خىتتاي بولسا شۇنداق بىر شەرمەندە قەۋمكى، تارىختىكى تاجاۋۇزچىلاردىن تۈپتىن پەرقلىق ھالدا نومۇسسىزلارچە بۇ زېمىننى خىجىل بولماستىن « مېنىڭ » دەپ داپشاقلىق قىلىۋاتىدۇ. گەرچە بىر تاجاۋۇزچى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا مەردانىلارچە«تاجاۋۇزچىلىقىغا » ھېچ ئىقرار يوقتۇر…

 

 

بىز بولساق بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى. بىز ئەۋلادتىن ئەۋلادقا بۇ زېمىندا ياشاپ، گۈللەندۈرۈپ، ئاسراپ كېلىۋاتىمىز. بۇ تۇپراقنىڭ سۇلىرىمۇ، تاغلىرىمۇ، ئاسمانلىرىمۇ، گۈل-گىياھ، ئۇچار-قۇش، جان-جانىۋارلىرىمۇ «ئۇيغۇر» دەپ خەندان ئۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

 

شۇڭا بۇ زۇلۇملارنى توختىماستىن ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، بۇ تۇپراقنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى، قانۇنلۇق ۋارىسى ئىكەنلىكىمىز ئۈستىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىش بىزنىڭ باش تارتماس بۇرچىمىزدۇر. بۇ ئارقىلىق دۇنياغا خىتتاينىڭ شەرمەندىلىكىنى ئاشكارىلاش، ھىچ نېمىمىز يوق ئاجىز ھالەتتىمۇ دۈشمەن ئالدىدا تىز پۈكمەس روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خىتتاينى سۇنماس ھەقىقەت ئالدىدا ئىلاجىسىز قالدۇرۇش بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىزدۇر.

 

 

ئۇلارغا شۇنداق دەيمىز:
«خىتتاي،ئۇيغۇر قرىغنچىلىقىنى توختات»
شەرقى تۈركۈستانغا مۇستەقىللىق»
«بولدى بەس ، ئەمدى يېتەر»
«خىتتاي سەن بىر تاجاۋۇزچى»
«بۇ زىمىن شىن جىياڭ ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان»
«بىز ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان بولسا بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز»
خىتتاي ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»

 

ھاسىل كالام، دۇنيا خىتتاينىڭ ياۋۇز قىلمىشلىرىنى تونۇشقا باشلىدى. ھەتتابىر قىسىم ئادالەت تۇيغۇسىغا ئىگە چەتئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇرۇشقا باشلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا بىزدەك ۋە سىزدەك ئاشۇ زېمىننىڭ ھەقدارلىرنىڭ تېخدىنمۇ جەڭگىۋار ھالەتكە ئۆتۈپ بۇ ھەرىكەتلەرگە ئاۋاز قوشۇشىمىز ئەقەللىي كىملىك بۇرچىمىز!

 

 

جانابى ئاللاھ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ھىچ بىر قوۋمگە ئۆز ھالىنى ئۆزى ئۆزگەرتىشكە تىرىشمىغۇچە، ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىپ بەرمەيدۇ. سەپەر بىزدىن زەپەر ئاللاھتىن. قانچىلىك تىرىشساق شۇنىڭغا تىرىشىمىز. ئۇلۇغ ئاللاھ رەھمەت قىلىپ بىزگە بۇ زەپەرنى ئىرادە قىلسا شۈكۈر ئىچىدە ھەمدۇ سانالار ئېيتىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنىڭغىمۇ شۈكىرى! بۇ يولدا ماڭغان كۈرەشلىرمىز ئۈچۈن ھىچ ئارمىنىمىز يوقتۇر!

 

ھۆرمەت بىلەن:

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

"قاسساپلار"، سىلەر قەيەردە؟

جۈ ئۆكتەبىر 16 , 2020
ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ئۆزۈمنى ھارغۇچە ماختايمەن، شۇڭا مېنى تازا ياقتۇرمايدىغانلار، ئوقۇماڭلار.

You May Like