شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى

12- نويابىر، جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز خاتىرە كۈنىدە، گوللاندىيە، گىرمانىيە، بىلگىيە، شىۋىتسىيە، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاۋانگارت ياشلار ۋەكىللىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۋىگىيە ياشلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى. ياشلار قۇرۇلتىيى مەزكۇر بەش دۆلەتتىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ فىدىرال بىرلىكى بولۇپ، ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق دىليار مۇساباي باش كاتىپلىققا سايلاندى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى 

2019-11-18

ئەردەم 

ياشلار قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇسالام بۇ ھەقتە شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ مۇتەكامىل ئىدىلوگىيە، مۇنەۋۋەر سىستىما، مۇقىم غايەدىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان ھالدا غەرب ئەندىزىسىگە لايىق ئۈلگىلىك بىر تەشكىلاتلار بىرلىكى قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياشلار قۇرۇلتىيى  باش كاتىبى دىليار مۇساباي گوللاندىيەدىكى سۆھبەتتە «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا كۆپ قىرلىق بولۇش، كەم يەرنى تولۇقلاپ، يىڭىدىن يول ئىچىپ مىڭىش دەۋىر ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، بۇ ھەل قىلغۇچ پۇرسەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسىدىن سىياسىي دەۋاغا يۈكسىلىش كىرەك» دېدى. 

ياشلار قۇرۇلتىي ۋەكىلى ئابدۇسالام ياشلار قۇرۇلتىيى توغرىسىدا تەپسىلاتلار تولۇقى بىلەن پات پۇرسەتتە قۇرۇلتاي مەخسۇس تور بىتى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئاگىنتلىق نامىدىن شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىينىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇلارنىڭ ۋەتەن خەلقنىڭ نىجاتلىقى يولىدا ئىجابىي رول ئوينىشىغا تىلەكداشمىز! 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى«خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.

چا نويابىر 20 , 2019
19-نويابىر چۈشتىن كېيىن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى. ئىككى پارتىيەدىكى مەجلىس ئەزالىرى ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like