ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى جۇمھۇرىيەت بايرىمنى تەبرىكلىدى.

ھەر يىلى 12-نويابىر پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتى-شەرقى تۈركستاننى ھەسرەت ۋە ئۇمىد ئ‍ىچىدە ياد ئېتىدۇ.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،ۋاشنگىتون

 

ھەر يىلى 12-نويابىر پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتى-شەرقى تۈركستاننى ھەسرەت ۋە ئۇمىد ئ‍ىچىدە ياد ئېتىدۇ.

 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى قۇززات ئالتاي سۆز قىلماقتا

 

بۇ يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۇرلۇك شەكىلدە تەبرىكلىنىۋاتقان بىر پەيتتە،ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى كۇتۇۋالدى.

 

11-ئاينىڭ 9-كۈنى شەنبە كۇنى كەچتە ۋاشنگىتونغا يېقىن ۋىرگىنىيە شتاتى فايىر فاكىس شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر جامائىتى مەركىزىدە 200دىن ئارتۇق جامائەت جەم بولۇپ،جۇمھۇرىيەت كۇنىنى خاتىرلىدى.

 

جۇمھۇرىيەت خاتىرە مۇراسىمى ئالدى بىلەن-شەرقى تۈركستان مىللى مارشى ،ئاندىن ئامېرىكا دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى قۇززات ئالتاي-ۋەتەنگە بولغان ئۇمىد ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىمىلىقى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى.ئۇ مۇنداق دىدى :«ئۇيغۇر مىللىتى قەددىنى كۆتۇرۇپ ئۇمىد-جاسارەت بىلەن كەلگۇسىگە يۇزلىنىشى ،ئۆز-ئارا مۇرىنى -مۇرىگە تىرەپ،كەلگۇسى ۋەتەن ئۇچۇن ،خەلقىمىز ئۇچۇن كۆرەش قىلىشى كىرەك،بىز چوقۇم ۋەتنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز »

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى،ئاسيا-تىچ ئوكيان ئەركىنلىك ئېتتپاقىنىڭ رەئ‍ىسى رابىيە قادىر خانىم-ئۇيغۇر جامائىتىنى ئ‍شەنچلىك بولۇشقا،ۋەتەننى ئۇنۇتماسلىققا،بىرلىششكە چاقىردى،دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇمىد-ئارزۇلىرىنى بىلدۇردى.

 

شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئابدۇراھمان ئەپەندى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئۇچۇن ئاتىغا شېرنى ئوقۇپ ،ئۇلار بىرلەشكەندە بارلىققا كىلىدىغان «ۋەتەن»سۆزىنى شەكىللەندۇرۇپ،بىرلىك ۋە ئېتتپاقلىققا كۇچلۇك چاقىرىق قىلدى.

 

شەرقى تۇركستان مىللى ئارمىيە مارشى ئوقۇلۇپ،مىللى ئارمىيە كىيمنى كىيىپ ھەربيچە سالام بىلەن زالغا كىرگەن ياشلارنى كۆپچىلىك ھاياجان ئىچىدە كۇتۇۋالدى.

 

مۇراسمدا تارىخچى،تەتقىقاتچى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئىككى شەرقى تۇركستان جۇمھۇرىيتى ھەققىدە تەپسلى لېكسيە بەردى.

 

تارىخچى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ تارىخ ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سەنئەت نۇمۇرلىرى ئورۇنلاندى، ئابدۇرىھىم ھىيت ئەپەندىنىڭ «ئۇچراشقاندا»ناملىق ناخشىسى دۇتتار بىلەن ئورۇنلاندى.

 

مۇساپىر ناخشسى پىئانىنو بىلەن ئورۇنلاندى.

 

ئۇيغۇر بالىلىرى-ئانا تىلدا تۇرلۇك نۇمۇرلارنى ئورۇنلىدى.

 

ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن، تارىختا ئۆتكەن بارلىق ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ نامىدىن ئەۋلاتلارغا نەسھەت سۆزى تەكرارلاندى.

 

 

جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرىلەش ئۇچۇن ۋەتەننىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە ئاتاپ تەييارلانغان تورت -ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇرىيە خانىمنىڭ يتەكچىلىكىدە پارچىلاندى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيغۇر بالىلىرى ئولىشپ،چۇقىرىشپ،ئىنتايىن مېھىرلىك بىر مەنزىرە ياراتتى.پىداكار ئۇيغۇر ئانىلار تەييارلىغان مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى كۆپچىلىكنى خۇرسەن قىلدى.

 

پائالىيەتكە ھەدە-ئېنى ئىرادە كاشغەرى جەلىل ۋە ئەرك جەلىل قوش تىلدا رىياسەتچىلىك قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

جۇڭنەنخەي نېمە ئۈچۈن «ئىككىنى ھىمايە قىلىش»نىڭ ئوبىكتى شى جىنپىڭ، باشقىلار ئەمەس دەپ بايانات بېرىدۇ؟

دۈ نويابىر 11 , 2019
خىتاينىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ھەر ساھەگە بۇ يىغىننىڭ قارارىنى يەتكۈزۈش نامىدا مەخسۇس لېكسيە ئۆمەكلىرى ئەۋەتىلدى. جۇڭنەنخەي باش كاتىپى، سىياسى بىيرۇنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتىت ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشىئاڭ (丁薛祥)بۇ «قارار»نى ئىزاھلادى. ئۇنىڭ بۇ ئىزاھاتى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

You May Like