دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى شى جىنپىڭغا ئۇچۇق خەت يېزىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى خىتايدىن ياردەم سورىدى 

مەھمۇتجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27- ئ‍ۆكتەبىر 

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان ئۆلىمالار تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئورگان تور بېكىتى، سوسيال مېدياسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇچۇق خەت ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭدىن  ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائ‍ىلىيەگە قارشى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە پەلەستىنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 

مەزكۇر خەت ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئەڭ ئۇلۇغ كەلىمە «بىسمىللاھىرراھمانىررەھىم »دىن كېيىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇلغان. خەتتە جاللات شى جىنپىڭ ساغلام فىترەتكە ئىگە دەپ سۈپەتلەنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ۋە ختاي كومپارتىيسى بولۇشىغا مەدھىيلەنگەن. ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب ۋە ئ‍سلام دۇنياسغا رەھبەرلىك قىلىپ، گازانى ئازات قىلىشى،  ئامېرىكىغا قارشى دۇنيا تەرتىۋىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشى تەشەببۇس قىلىنغان. خەتتە «خىتاينىڭ قەد كۆتۇرۇشىنى ئ‍سلام دۇنياسى ئەڭ قارشى ئالىدۇ» دېيىلگەن. مەزكۇر خەتتە يەنە ئاللاھ ختاينى كۈچلەندۇرۇپ، غەرپنى ۋەيران قىلىدۇ… دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان. خەت بېشىغا لايىھەلەنگەن رەسمدە قاتىل ۋە كوممۇنست ختاي بايرىقى بىلەن پەلەستىن بايرىقى بىللە لەپىلدەپ تۇرغان رەسم بىلەن لايىھەلەنگەن.

بۇ بىرلىكنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىنىڭ ئىمزاسى بىلەن يېزىلغان مەزكۇر خەت مەزكۇر دۇنيادىكى ئەڭ ئالقشلانغان مۇسۇلمان ئالىملار تەشكىلاتى ئورگان تور بېكىتى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار جەمئىيتىمۇ ئۆز تور بېكىتىدە ئىلان قىلغان بولۇپ، بۇ پەلەستىن ھۆكۈمىتىدىن باشقا، ئۆلىمالىرىنىڭمۇ خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنىڭ بىۋاستە ۋە ئاشكارا پاكىتى ھسابلىنىدۇ. 

خەتتە شى جىنپىڭ: «ئولۇغ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جانابلىرى….» دەپ چاقىرىلغان. بۇ ئۇچۇق خەتتە يەنە شى جىپنىڭ ۋە خىتاي خەلقى ساغلام فىترەتكە ئىگە، بۇنى خىتايدا ياشىغا ياكى خىتاي جەمئىيىتىنى چۈشىنىدىغان ھەر كىم بىلىدۇ، دېيىلگەن. خەتتە قاتىل شى جىن پىڭ، ھەتتا ماۋزىدۇڭغىچە ئ‍سلام دۇنياسغا قوشقان تۆھپىسى ۋە ياردىمى سەۋەبلىك ئۇزۇن تارىختىن باشلاپ مەدھىيلەنگەن.

خەتتە مۇنۇ مەزمۇنلار بىلەن باشلانغان: 

ناھايتى مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئ‍سمى بىلەن باشلايمەن.

«ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ناھەق تاجاۋۇزچىلىقى ۋە توننىلاپ پارتلاتقۇچ بومبا تاشلاش نەتىجىسىدە، پەلەستىن ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە دۇنيا قايناق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مەن بۇ خەتنى سىزگە يېزىۋاتىمەن. ھازىر  فرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە ، كانادا، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ سىياسىي ، ھەربىي ، مالىيە ۋە ئاخبارات ياردىمى ئاستىدا غەززەدىكى بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ بېشىغا ئايروپىلان ۋە زەمبىرەكتىن بومبىلار يېغىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ… 

بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى ئەۋەتىشتىكى مۇددىئايىمىزنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئىشلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 

  • سىز پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش تەلىپىنى قوللاپ ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ۋە تىنچ ياشاشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوللايسىز. 
  • سىزنىڭ بۇ توقۇنۇشنىڭ رېئاللىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمى، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنى ۋە تارىخى يىلتىزى، ئۇزۇن يىللىق كۈرەش دائىرىسى ۋە ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتلىرى توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى ئاڭلاشنى خالايسىز.» 

خەتتە مۇنداق داۋام قىلىدۇ: 

«خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئاكتىپ ۋە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، سىياسىي ئېھتىياتچانلىقى، دىپلوماتىك ئەقىل-پاراسىتى ۋە چوڭقۇر دىئالوگ ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئادالەتسىز ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن ئارىلىششنى ئۈمىد قىلىمەن». 

خەتتە يەنە، غەرپنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن: 

«خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بىۋاسىتە ياپون مۇستەملىكىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ، مىلادىيە 1949-يىلى خىتاي ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانغا قەدەر ۋە جىياڭ جىيېشى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغىچە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى كاپىتالىستىك لاگېرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى. ھەتتا خىتاي ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنمۇ، خىتاي زېمىنى بولغان خوڭكوڭ مىلادىيە 1997-يىلغىچە بىۋاسىتە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىكىدە قالغان. ئاۋمىن. 1999- يىلغىچە پورتۇگالىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. تەيۋەن ھازىرمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ.» 

خەتتە يەنە ئامېرىكىغا قارشى دۈشمەنلىك كۈچلۈك ئەكىس ئەتكەن:  

«ھۆرمەتلىك پىرەزدىنت ئەپەندى،  ئىسرائىلىيە قىلىۋاتقان بارلىق ۋەھشىيلىك ۋە جىنايى قىلمىشلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللايدۇ، ئۇ ئۆزىنى قوغداشتا يوللۇق دەپ قارايدۇ، ھەمدە ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ بىر قىسمى، ئامېرىكا  ئىسرائىلىيەنىڭ  پەلەستىن خەلقىنى ئالۋاستىلاشتۇرۇش  ھېكايسنى قوبۇل قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئازادلىق ۋە ياپون ۋە غەربنىڭ ئادالەتسىزلىكى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشى، ئاندىن ھوقۇق ۋە گۈللىنىش تەجرىبىسى بىكاردىن بىكار پەيدا بولۇپ قالغىنى يوك. ئەكسىچە ، خىتاينىڭ باتۇر ياشلىرى ۋە رەھبەرلىرى ئىنقىلاب ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشپ، خەلقى ئۈچۈن كۆرەش قىلدى. ئۇلار نىجاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلدى.» 

خەتتە يەنە ختاي بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ماۋزىدۇڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھەمكارلىشپ غەرپكە قارشى تۇرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ: 

«خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 7 يىللىق جىددىيلىك ۋە توقۇنۇشتىن كېيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. خىتاينىڭ «ياخشى قوشنا» تەشەببۇسى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تارىخىي كېلىشىم ئىمزالانغان. خىتاينىڭ تەسىرى ۋە نەتىجىسى بار، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەسىرىگە ئاساسەن زور دىپلوماتىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.»  

«بىز يەنە خىتاينىڭ 2023-يىلى 20-مارت ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن تىنچلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلىمىز. ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقى ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتكە ۋەدە بېرىش، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش … بەش دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ئىشەنچلىك خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىش، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش ۋە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن پەلەستىن خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىراننىڭ ئۆز-ئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چۈشەنچىسى ئېلان قىلىنغاندىن ئون كۈن كېيىنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەشەببۇسنى قارشى ئالدى. بۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى.» 

«پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ كۈچلۈك ئارىلىشىشىدا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار. چۈنكى پەلەستىنلىكلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەربكە بېسىم ئىشلىتىپ ، ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدىغان خەلقئارالىق كۈچنىڭ قوللىشىغا موھتاج. خىتاينىڭ پاجىئەنى تۈگىتىش ۋە پەلەستىن خەلقىنى قوللاشتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي ئورنى شۈبھىسىزكى پۈتكۈل دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ». 

مەزكۇر خەت ئاللاھ ختاينى كۈچلەندۇرۇپ، غەرپنى ۋەيران قىلىدۇ دەپ ئاخىرلاشتۇرۇلغان: 

«ناھەقچىلىك ۋە چىرىكلىك يامراپ كەتسە، ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلسا، ئېزىلگەنلەرگە تەكەببۇرلۇق ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالسا، خۇدانىڭ ئىرادىسى مىللەتلەرنى داۋاملىق يوقىتىدۇ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەرشارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، خىتاي بۈگۈن ئۆزىنىڭ  دىپلوماتىك ئۇسۇلى، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئۇسۇلى، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەمكارلىقىغا باغلىنىشى ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئارزۇسى بىلەن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەرشارىۋى كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا خىتاي چوقۇم بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى كېرەك. خىتاي پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان قورشاۋ ۋە كوللېكتىپ جازانى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىكى ۋە زىيانكەشلىكلىرىدىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى ئادالەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كىرەك». 

uyghurtimesuyghur

One thought on “دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى شى جىنپىڭغا ئۇچۇق خەت يېزىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى خىتايدىن ياردەم سورىدى 

  1. بۇ چۈپرەندە ئاتالمىش دىن دەججاللىرى ھامان مۇشۇنداق قىلىدۇ، نىقاۋىنى بىراقلا ئېلىۋەتتىدە، مۇشۇ ئەخلەتلەرنى ۋە مۇشۇلارنىڭ يالاقچىلىقىنى قىلىۋاتقان ئارىمىزدىكى دىن دەلتىلىرىنى ياخشى تونۇپ قويايلى. ئادالەت ۋە زالىملىقنىڭ مەيدانى ئايرىلىۋاتىدۇ، بىز ئادالەتنىڭ سېپىدە شۇنداقلا ھەرقانداق يالغان دىندارلىققا، دىن ساختىپەزلىكىگە، زوراۋانلىققا قەتئىي قارشى !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دولقۇن ئەيسا:ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىللى مەنپەئىتى بىرىنچى ئورۇندا بولۇشى كىرەك؛

شە ئۆكتەبىر 28 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 25-ئۆكتەبىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دىئاسفورادىكى خەلقنى ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دىدى: ئۇيغۇرلار بىر ئادالەتلىك مىللەت، ھەر قانداق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ھسداشلىق قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيتىگە قارساق، دۇنيادىكى ھەر قانداق مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى بىرىنچى ئورۇندا ىز تۇرىدۇ، […]
دولقۇن ئ‍سا

You May Like