ئەنگىلىيە رادىئو شركتى ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6- دېكابىر ئەنگىلىينىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك سېتىش شىركىتى ماركس ۋە سپەنسىر ئۆزىنىڭ ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا ئ‍شلەنگەن ھەر قانداق پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئ‍ىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان

6- يانۋار دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىردەك بۇ زوراۋانلىقنى بىر تارىخىي جىنايەت دەپ ئەيىپلىدى.

بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى تېخىكا ئاساس قىلغان بىتكوين يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتتى ، ئەڭ دەسلەپكى 0.008 دوللاردىن ھازىر 31200 دوللارغا يېقىنلاشتى ، مۇشۇنداق باھا ئۆرلەپ ،سانسىزلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزغىن نەزىرىنى جەلپ قىلدى .

يېقىندا ، بىر ئىقتىسادشۇناس ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۆزگۇر دەمىرتاش ( özgür demirtaş ) ئىسىملىك ​​بۇ پروفېسسور سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىدا تۇرغان ، ھەمدە 2012-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ دائىم تېلېۋىزوردا پەيدابوپ تۇراتتى ، ئەمما 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇ تېلېۋىزورغاچىقىشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان-ت.) ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش شىركىتى (XPCC) نىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.

نيۇيورك تايمىز گېزىتىنىڭ 30- نويابىردىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئالما شىركىتىدىن كېيىن، نايىك ۋە كوكاكولا شىركەتلىرىمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى سىياسىيونلار بىلەن سۆزلەشمەكتە ئىكەن.

ئامېركىدىكى مۆلۈك قەرزى ئومۇمى سوممىسى ئەڭ زور بانكا مورگان چېس ( (JPMorgan chase بىر پارچە دوكىلات ئېلان قىلىپ، ( (GBTCنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مىسالىنى تەتقىق قىلغان. بۇ بانكا ئىلگىرى بىتكويننى قاتتىق تەنقىد قىلغان بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، دوكىلاتتا بىتكوينگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن بازارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆرگەن بىر دەسلەپكى لايىھەگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى پات يېقىندا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا ساھەلەردىن «خىتاي سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» ۋە «خىتاي ئالەم سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (Aviation Industry Corporation of China، AVIC) قاتارلىق 89 كارخانىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلماقچى بولۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئامېرىكىدىن مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى سېتىۋىلىشىنى چەكلەيدىكەن.

گېرمانىيە «يەكشەنبىلىك دۇنيا گېزىتى» (Welt am Sonntag) نىڭ 15- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە گېرمانىيەدىكى ھەر قايسى كۆچمە تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى چوڭ شىركەتلەر خۇاۋېينىڭ 5G ئۈسكۈنىلىرىنى يادرولۇق تورىدا ئىشلىتىشتىن تەدرىجىي ۋاز كېچىدۇ.

شۋېتسىيە پوچتا-تېلېگراف باش ئىدارىسى (Swedish Post and Telecom Authority, PTS) ئالدىنقى ئايدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى سەۋەب قىلىپ، شۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5G كىمئارتۇق سودىسىدا خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، خۇاۋېي بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى ھەپتە PTS ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ئىدى

ب ب س نىڭ 12-نويابىر ئىلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرمانىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماشىنا شىركىتى ۋولكىسۋاگىننىڭ بىيجىڭدىكى باش مۇدىرى سىتىفىن ۋوللىنسىتەين Stephan Wollenstein ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشچىلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىيىتقان.

11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىستانبۇل سېلىم پاشادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇرتلار بىرلىكىنىڭ يېغىندا، بىرلىك قارمىقىدىكى سودا گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەزالارغا پايدا ئايرىش، كەلگۈسى سودا تىجارەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاقىدار مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يىغىنى ئېچىلدى، شۇنداقلا سودا بىرلىكىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا تۇنجى قېتىملىق پايدا ئۈچۈن 50 مىڭ لىيرا، كىشى بېشىغا 900 لىيرا دىن پۇل تارقىتىپ بىرىلدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى 15- ئۆكتەبىر 2 نەپەر ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزنى نەقىل ئېلىپ مۇنداق خەۋەر بەردى: ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى ترامپ ھۆكۈمىتىگە بىر تەكلىپ لايىھىسى تاپشۇرۇپ، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە تېخنىكا شىركىتى چۈمۈلە گۇرۇھىنى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇنلا سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان.