بىتكوين ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ ؟

ئامېركىدىكى مۆلۈك قەرزى ئومۇمى سوممىسى ئەڭ زور بانكا مورگان چېس ( (JPMorgan chase بىر پارچە دوكىلات ئېلان قىلىپ، ( (GBTCنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مىسالىنى تەتقىق قىلغان. بۇ بانكا ئىلگىرى بىتكويننى قاتتىق تەنقىد قىلغان بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، دوكىلاتتا بىتكوينگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن بازارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2020-11-25

 

 ئامېركىدىكى مۆلۈك قەرزى ئومۇمى سوممىسى ئەڭ زور بانكا مورگان چېس ( (JPMorgan chase بىر پارچە دوكىلات ئېلان قىلىپ، ( (GBTCنىڭ مۇۋەپپەقىيەت مىسالىنى تەتقىق قىلغان. بۇ بانكا ئىلگىرى بىتكويننى قاتتىق تەنقىد قىلغان بانكىلارنىڭ بىرى بولۇپ، دوكىلاتتا بىتكوينگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەتتا پىشىپ يېتىلگەن بازارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

 

 

 

مورگان چېسبىتكوينىگە بولغان ئېھتىياج ئالتۇن EFT سىغا بولغان ئېھتىياجنى چىرىتىپ تاشلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. بۇ دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، 10-ئايدا خۇيدۇ ۋە بىت تەڭگىسىنى ھاۋالە قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ئالتۇن EFT دىن يۇقىرى بولغان. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ بۇ بانكىسى GBTC بەلكىم ئالتۇن EFT بازىرىنىڭ بىر قىسىم ئۈلۈشلىرىنى تۇتۇپ تۇرالىشى مۇمكىن دەپ يەكۈن چىقارغان.

 

  بىتكوين ھاۋالە فوندىنىڭ 10-ئايدىكى يۆتكىلىشچان پائالىيەت ئىزلىرىدىن كىشىگە ئەڭ چۇڭقۇر تەسىر قىلىدىغىنى، ئۇ ئالتۇن ETF نىڭ تەڭ قىممەتلىك پائالىيەت ئىزلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولالايدۇ. كىيىنكىسىدە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كىيىن ئومۇمى جەھەتتىن مەبلەغ چىقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

 

  بۇ خىل سېلىشتۇرما مۇنداق بىر قاراشنى قوللايدۇ، يەنى ئىلگىرى ئالتۇن ETF گە مەبلەغ سېلىپ باققان مەبلەغ سالغۇچىلار بىتكوينىنىڭ ئالتۇننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

 

 

 

 

 

 بىر قىسىم شىركەتلەر بىتكوينىىنى زاپاس پۇل دەپ ئېتىراپ قىلغان، بولۇپمۇ paypal شېفېرلاشقان پۇل ئارقىلىق بېۋاستە سېتىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، بىتكوينىىگە بولغان ئېتىياجنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا غىدىقلىغان. بانكا كەسپىي ماگىناتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بىتكوينى ھاۋالىسىدىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، <<يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە مەبلەغنىڭ كىرىشى تىك ھالەتتە ئاشقان>>.

 

  مورگان چېسنىڭ ئېيتىشىچە، بىتكوينىڭ گۈللىنىپ كېتىشى بىر ئەۋلاتنىڭ بىت تەڭگىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرىغىمۇ تۈرتكە بولغان. بۇ مەبلەغ سېلىش ئورگانلىرى بىتكوينىغا ئەڭ زور مەبلەغ سالغۇچىلار بولۇپ، بەلكىم ئۇلارنىڭ بىتكوينىىگە فوند شەكلىدە مەبلەغ سېلىش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى مۇمكىن.   

 

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆسۈش تەرەپدارى بولغان بۇ بىر پارچە دوكىلاد ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ بۇ مۆلۈك باشقۇرۇش شىركىتى يەنە بىر قېتىم رىكورت يارىتىشى مۇمكىن. Sonnenshein شەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ شىركىتىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە بارىلىق مۆلۈكنى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

 

  

 

  (1) تارىختىن بۇيان ھەرقايىسى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەڭ زور توپلانغان مۆلۈك سوممىسى  237 mm+ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

 

  (2) ETH ھاۋالىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زور توپلانغان مۆلۈك سوممىسى 58 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بولغان.

 

  (3) بۆگۈنكىچە كىرگەن مەبلەغ ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان.

 

  (4) باشقۇرۇش فوندى توققۇز مىليارد 100 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

 

بىراق بىز تېخى ئەمدى باشلىدۇق.

 

بىتكوين <<غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ>> كە ئېگە—مورگان چېس.

 

 

 

 

 

 

 

مورگان چېس مۇتەخەسسىسىلىرى مۇنداق كۆرسەتتى: <<ئەگەر بىتكويننڭ ئورنىنى ئالىدىغان پۇل بولۇپ ئالتۇن بىلەن كەسكىن رىقابەتلەشسە، ئۇنداقتا بىتكوينىنىڭ ئوزۇن مۇددەتلىك ئۆسۈش بوشلۇقى ھەقىقەتەن چوڭ بولىدۇ. چۈنكى بىتكوينىنىڭ بازار قىممىتى ھازىردىن باشلاپ 10 ھەسسە ئۆسۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا كىشىلەرنىڭ ETF ئارقىلىق ئالتۇنغا سالغان ئومۇمى مەبلىغى بىلەن ماسلىشالايدۇ>>.

 

  بىراق تەھلىلچىلەر يەنە <<بۇ ھەپتىدىكى باھانىڭ كەڭ كۆلەمدە ئوسۈشىدىن بىتكويننىڭ سېتىش نۇقتىسىغا يەتكەندەك قىلىدۇ، بۇ بەلكىم سېتىۋېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن>> دەپ كۆرسەتتى. بۇ ھەپتىدىكى بىتكوينىنىڭ سېتىش نۇقتىسىغا يېقىنلاشقانلىقى پايدىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سېتىۋېتىشى ياكى ئەكسىچە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشىمۇ مۇمكىن. 

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

بىتكوين ۋە ئالتۇن

چا نويابىر 25 , 2020
نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئالتۇن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ كەلدى

You May Like