بىتكوين ۋە ئالتۇن

نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئالتۇن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ كەلدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2020-11-25

 

نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ئالتۇن دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ كەلدى. قەغەز پۇل ئىجاد  قىلىنغاندىن كىيىنمۇ دەسلىپىدىلا ئالتۇن بىلەن چېتىشتۇرۇلغان ئىدى. 1971-يىلىغا كەلگەندە، نىكسۇن زۇڭتۇڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ ئايرىۋېلگەنلىكىنى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئالتۇننى بىرلىك قىلىش تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. شۇنىڭدىن كىيىن ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئېگە بولۇپ، پاخاللىقنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە كونترۇل قىلدى. ئايرىۋېتىلگەندىن كىيىن گەرىچە ھېچقانداق ئورگان ياكى ھوقۇقدار تەرەپلەر ئالتۇن ئۈچۈن كۈچىمىگەن بولسىمۇ، ئالتۇن باھاسى نۆلگە قايتمىدى. كىشىلەرنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىپ بازارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ساقلاش قىممىتىنى ئامېرىكا دوللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەكسىچە زور دەرىجىدە ئۆستى.

 

 

 

  ئالتۇننىڭ ئالاھىدىلىكى

 

  ئىچكى قىممەت ساختا ھۆكۈم، ماددى بويۇم يوق، پەقەتلا ئىچكى قىممەت بار، قىممەتنى بولسا كىشىلەر بەرگەن. 100 دوللار بىلەن مىليۇنېرلار تەڭگىسىنىڭ پەرقى شۇكى، 100دولار پۇلنى مەركەز بانكىسى كېپىل بولۇپ تارقاتقان زايۇم بولۇپ، كىشىلەر مەركەز بانكىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا 100دوللار پۇلىنىڭ قىممىتى بار. مىليونېرلار تەڭگىسى بۇ جەھەتتىن ئارقىدا تۇرىدۇ، شۇڭا قىممىتى يۇقىرى ئەمەس. دوللار يوق دەۋرلەردە دۇنيا خەلقى ئومۇمىيۈزلۈك ئالتۇنغا ئىشەنگەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئاز ئۇچرايدۇ، چىدامچان، تەكشۈرۈش ئاددى، پارچىلىغىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. يازمىمىزنىڭ مەقسىدى ئالتۇننىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈش بولمىغاچقا، بۇ جەھەتتە تەپسىلى توختالمايمىز.

 

 

 

  بىتكوينىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئالتۇننى سېلىشتۇرۇش

 

  ئاۋال يېتەرسىزلىكىنى ئېيتساق: نۆۋەتتە بىتكوينىگە ئېرىشىش ئانچە قۇلايلىق ئەمەس، سەۋەبى ھەممەيلەنگە ئايان. ئۇنىڭدىن باشقا باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى بىرقەدەر زور بولۇپ، چوڭ ئابونتلارنىڭ كىرىشىنى توسقان، نىسبەتەن يۇقىرى خەتەرگە ئورگانلار كۆپ مەبلەغ بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نۆۋەتتىكى بازاربىتكوينىنىڭ باھاسىنى يەنىلا مۇقۇملاشتۇرالمىدى. بەزىلەر قوللايدۇ، بەزىلەر پەرۋا قىلمايدۇ، زادى كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتالىقىنى پەقەت ۋاقىت بىلىشى مۇمكىن.

 

  ئەمدى بىتكوينىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا كەلسەك بىتكوين كەمچىل. نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ كەمچىل بولۇشى بىتكوينىنىڭ ئىككى ھەسسىگە تەڭ. 2022-يىلىدىن كىيىن بىتكوينىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئالتۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ.

 

 

 

چىدامچانلىقى. بىتكوين مەۋھۇم نەرسە، ئۇپرىمايدۇ. ئەمما ئۇ ئالاقە تورىغا تايىنىدۇ. نۆۋەتتىكى تېخنىكا شارائىتىدا ئالاقە تورى بولمىسىمۇ بىتكوين ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئەمما ئىشلىتىلىش دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئەمما تېخنىكا ئاستا-ئاستا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ!؟ ئۇنىڭدىن باشقا تورنى ئۈزىۋېتىشمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتىن قارىغاندا ئاقىلانە تاللاش ئەمەس.

 

  تەكشۈرۈش ئاسان. ئالتۇننى ئىرىتىش ئارقىلىق تەكشۈرىمىز، بىتكوينىنى بولسا ماتېماتىكىلىق تەرتىپ ئارقىلىق تەكشۈرىمىز، ئىنتايىن تېز ھەم چىقىم كەتمەيدۇ.

 

 

 

 

 

  ئېلىپ يۈرۈش ۋە توشۇش قۇلايلىق. بىر بىتكوين بىلەن ئون مىڭ بىتكويننىڭ ئېغىرلىقى پەرقلەنمەيدۇ. سىز ئۇنى بوينىڭىزغا ئېسىپ يۈرسىڭىزمۇ ھېچكىم بۇلىۋالمايدۇ. كىيىن كىشىلەر چۈشەنگەندىن كىيىن بولسا بۇلايمەن دېسە ئۇنىڭغا بېرىۋېتىڭ، بۇلاپ ئالسىمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ.

 

  تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرۇشچانلىقى. مەشغۇلاتچىلارمۇ سىزنىڭ تەڭگىڭىزنى تارتىپ كېتەلمەيدۇ. تەڭگىڭىزنى ساقلاپ تۇرالامسىز-يوق؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىدە تۇرۇش-تۇرالماسلىقىڭىز بەلگىلەيدۇ. ئىنسانلار ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى مەخپىي شېفىر ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، باشقىلار ئېرىشەلمەيدۇ. 

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

ئەنگىلىيە خۇاۋېينى چەكلەش قانۇنى چىقاردى، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالىنىدۇ.

چا نويابىر 25 , 2020
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ لوندوندىن خەۋەر قىلىشىچە، 24- نويابىر ئەنگىلىيە يېڭى قانۇن جاكارلىغان بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتتىكى تېلېگراف كەسپىدىكىلەر خۇاۋېي ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سودا ئوبورتىنىڭ %10 ياكى ھەر كۈنى 100 مىڭ فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىنكەن.

You May Like