تۈركىيەدە پۇلنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟

يېقىندا ، بىر ئىقتىسادشۇناس ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۆزگۇر دەمىرتاش ( özgür demirtaş ) ئىسىملىك ​​بۇ پروفېسسور سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىدا تۇرغان ، ھەمدە 2012-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ دائىم تېلېۋىزوردا پەيدابوپ تۇراتتى ، ئەمما 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇ تېلېۋىزورغاچىقىشنى رەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2021-01-03

 

يېقىندا ، بىر ئىقتىسادشۇناس ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۆزگۇر دەمىرتاش ( özgür demirtaş ) ئىسىملىك ​​بۇ پروفېسسور سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكىدا تۇرغان ، ھەمدە 2012-يىلى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ دائىم تېلېۋىزوردا پەيدابوپ تۇراتتى  ، ئەمما 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇ تېلېۋىزورغاچىقىشنى رەت قىلغان. 

 

بۇ يىل يۇقۇم جەريانىدا،  پروفېسسور ئۆيىدە  ئىشلىگەن بولۇپ ، ئۇ ئ‍ۆزنىڭ يۇتۇپ قانىلىدا  ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە توغرىسىدا دەرىس سۆزلەپ كەلمەكتە . قانالنىڭ ئۇلانمىسىنى ماقالىنىڭ ئاستىغا چاپلاپ قۇيىمەن .  بۇگۇن بىرلىكتە  يىقىندا چىقارغان بىر دەرىسى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى .   

 

 بۇرسادا بىر كىشى بولۇپ  كونا بىر ئۈسكۈنىگە يەنى تۇڭ دەك نەرسىگە 7 يىل  تەڭگە تاشلاپ يىققان  . 7 يىلدىن كېيىن ، ئۇ جەمى  12 مىڭ 800 لىرا (ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 152 لىرا) يىققان .  شۇ چاغلاردا تاراتقۇلاردا  خەۋەرقىپ خلى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ، بۇنىڭغا قارساق تېجەش ھەقىقەتەن مۇھىمدەك قىلىدۇ.

 

پروفېسسور بۇ ئىشقا مەخسۇس سىن ئىشلىگەن بولۇپ . ئۇ ھەر ئايدا يىغىلغان 152 لىرانىڭ ئوخشىمىغان كىرىم مەنبەسىنى  تەسۋىرلەش ئارقىلىق  بىر قانچە خىل مەبلەغ پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇپ ، شۇنداق قىلىپ كۆپچىلىككە پۇل پاخاللىقى ۋە پۇل پاخاللىقى ئېغىر دۆلەت بولغان تۈركىيەدە پۇلنى قانداق باشقۇرۇشنى سۆزلەپ بەردى.

 

ئۇكىشنىڭ پۇل يىققان ۋاختىدىن باشلىساق يەنى  2013-يىلى 9-ئايدىن بۇ يىل ئاۋغۇستقىچە. جەمى 12 مىڭ 800 لىرا يىغىلغان . 

 

ئەمدى بىز پروفېسسورنىڭ بۇ پۇل قانداق يىغىلسا بۇنىڭدىنمۇ جىق يىغالايدىغانلىقىنى كۇرۇپ چىقىلى. 

 

بىرىنجىسى  ئەڭ تۆۋەن چېكى 12 مىڭ 800 لىرا بولۇپ ، بۇ ھازىرقى پۇل يىغىش ئۇسۇلىنىڭ كىرىمى.

 

ئىككىنجسى  ھەر ئايداتۈركيە  پاي چەك بازىردىن ئالدىنقى 100 چوڭ شىركەتنىڭ خالىغان پىيىنى سىتۋىلىش .  بۇ ھىساپ بىلەن يىغىلغان پۇل يەتتە يىلدىنكىيىن جەمى 15666 لىرا بولغان .  

 

ئۈچىنجى ئۇسسۇل   ، ئاۋغۇستتىكى پېرېۋوت نىسبىتىگە ئاساسەن ھەر ئايدا يىغىلغان 152 لىرا پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلاندۇرۇپ دوللار يىغىش بۇ ھىساپبىلە يەتتە يىلدىنكىن جەمى كىرىم 27مىڭ 844لىرا بولغان .  

 

 تۆتىنچىسى بولسا ھەر ئايلىق يىغىلغان پۇلىغا ئالتۇن سېتىۋېلىش. بۇنداق بولغاندا يەتتە يىلدىنكىنكى بۇگۇنگى كۇندا جەمى 43.318 لىرا بولاتتى . 

 

بەشىنجى ئۇسسۇل ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ  ھەر ئايدا يىغىلغان پۇلغا  ئامېرىكا پاي بازىرىدا پاي سېتىۋېلىش ، بۇنىمۇ ئوخشاش ئالدىنقى 100 چوڭ شىركەتنىڭ پيىنى سېتىۋالىمىز .   بۇ ئۇسسۇلدا يىغىلغان پۇلى يەتتە يىلدىنكن جەمى 73127 لىرا بولغان .

 

ئۇ يەنە بىر سىنئالغۇدا ئاددىي سىتاستىكا ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ 2023-يىلغا بارغاندا ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

 

تۈركچىگە قىزىقىدىغان ۋە بىلىدىغان  دوستلارنىڭ ئۇ ئىلگىرى قاتناشقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۇپ چىقىشنى ئۈمۇت قىلىمەن.

 

 مەن كۆپچىلىكنىڭ بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە تارىخى تەكرارلاش بۇلۇپ ، يېڭىلىق يوق.  ئېغىر مالىيە قىزىل رەقىمى ، چوڭ تاشقى پېرېۋوت پەرقى ، مەركىزىي بانكا مۇستەقىل ئەمەس ، ھۆكۈمەت پۇل تېجەلمەيدۇ ، سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس.  مانا بۇلار بولسا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ناچار بولىشىدىكى سەۋەپلىرى . 

 

ئاخىردا تۈركيەدەك پۇل پاخاللىقى ئىغىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان قىرىنداشلارنىڭ يىڭى بىر يىلدا  قايتىدىن ئىقتىسادقا بولغان كۆزقارشىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمۇت قىلىمەن .

 

https://www.youtube.com/watch?v=TbaAUqZQOGQ&t=8s

 

https://www.youtube.com/watch?v=wlzkGJ4U-zI&t=571s

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

"بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ"

دۈ يانۋار 4 , 2021
موڭغۇللار پايتەخت ئۇلانباتاردا يىغىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى قوش تىل مائارىپى سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈردى (2020-يىلى 15-سېنتەبىر)

You May Like