ۋولكسۋاگېن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى: «شىنجاڭ»دىكى زاۋۇتىمىز داۋاملىق تۈردە يۈرۈشىدۇ

ۋولكسۋاگېن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى: «شىنجاڭ»دىكى زاۋۇتىمىز داۋاملىق تۈردە يۈرۈشىدۇ

 ۋولكسۋاگېن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى: «شىنجاڭ»دىكى زاۋۇتىمىز داۋاملىق تۈردە يۈرۈشىدۇ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 31-ماي

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى 27-ماي جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە سېلىنغان زاۋۇتىغا ھۆكۈمەتتىن كېلىدىغان مەبلەغ كاپالەت سوممىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 30-ماي ۋولكسۋاگېن شىركىتى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سودا گېزىتى» نىڭ 30-ماي سانىدا ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Herbert Diess بايانات بېرىپ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: « مېنىڭ قارىشىمچە، شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان زاۋۇتى شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پايدىلىق… بىز ئۇ يەرگە بېرىپ زاۋۇت قۇرۇشتىن ئىلگىرى بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكچىلەر ئۆلچىمىدىكى قائىدە پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلغان قىلىنمىغان ئاساستا ئىشلەيدىغانلىقىنى، مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكىنى تەكشۈرىمىز، خۇددى بىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايلىرىدا مۇشۇنداق پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغىنىمىزغا ئوخشاش… ئەگەر ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىمىزدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا خىلاپلىق قىلىنغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، شۇ ھامان كۈچلۈك ئىنكاس قاتۇرۇپ نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. »

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ،بۇ پىلان 2023 يىلىغىچە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە مەزكۇر پىلان ئىقتىساد، سودا، سىياسەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئاسىيالىقلار مەدەنىيەت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراي كورېيە چولپانلىرىنى تەكلىپ قىلدى

چا ئىيۇن 1 , 2022
ئاسىيالىقلار مەدەنىيەت ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاقساراي كورېيە چولپانلىرىنى تەكلىپ قىلدى

You May Like