قاتار ئوپىكتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئوپىك 1960-يىلى باغدادتا قۇرۇلۇپ، 58 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قاتار دۆلىتى يىڭى يىل 1-ئايدىن باشلاپ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

كوررېكتور: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-06

 

نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىتتىپاقى ئوپىك 1960-يىلى باغدادتا قۇرۇلۇپ، 58 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قاتار دۆلىتى يىڭى يىل 1-ئايدىن  باشلاپ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئوپىك 1960-يىلى، ئىران، ئىراق، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ۋىنسۇئىلا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، 58 يىل مابەينىدە قاتار، ھىندونىزىيە، لىۋىيە، ئالجىرىيە، نېگىرىيە، ئىكۋاتور، گابون، ئانگولا، كونگو قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا بولغان. ئىتتىپاقنىڭ دەسلەپكى مەركىزى شىۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەگە قۇرۇلۇپ، 1965-يىلى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىناغا يۆتكەلگەن.   ئوپىك قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە 1973-يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىل ئۇرۇشى، 1980-يىلىدىكى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى، 1990-يىلىدىكى ئىراق-كۇۋەيت ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. ھەر بىر باك نېفىتنىڭ باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1999-يىلىدىكى ئاسىيا ئىقتىسادىي كىرىزىسىدا 10 دوللارغا چۈشۈپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2008-يىلى 147 دوللارغا ئۆستى. نۆۋەتتە ھەر بىر باك نېفىتنىڭ باھاسى 53 دوللار بولماقتا. 3- دېكابىر قاتار ئوپىكتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گەرچە قاتارنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 610 مىڭ باك، خەلقئارا نېفىت باھاسىغا ھىچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئوپىك ئىچىدە زەنجىرسىمان تەسىر پەيدا قىلالايدۇ. ئوپىكتىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى يەنە بىر دۆلەت ئىراق. ئىراق يىللاردىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى. نېفىت ئىراق ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى.  نۆۋەتتە ئىراقنىڭ كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4.5 مىليون باك، ئىراق ئوپىك بەلگىلەپ بەرگەن نېفىت ئىكسپورت قىلىش نورمىسىغا ئانچە رىئايە قىلپ كەتمىگەچ، ئوپىكمۇ ئىراققا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كەڭچىلىك قىلغان، ئىراق ھەرقانداق چەكلىمىگە ئۇچراشنى خالىماسلىقى مۈمكىن. ئىراقتىن باشقا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تالاپىتىگە ئۇچرىغان لىۋىيە، نىگىرىيە قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە.   نۆۋەتتە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش توغرىسىدا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئوپىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىپ، نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. ئەمما رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازراق ئازايتسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئازايتىشنى خالىمايدۇ. ئارگېنتىنادىكى ئۇچرىشىشتا، رۇسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشقا ۋەدىلەشتى، ئەمما رۇسىيەنىڭ ۋەدە قىلغىنى ئوپىك ئۈمىد قىلغاندىن كۆپ يىراق.  ئامېرىكا نېفىت باھاسى ئۆرلەپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. تىرامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتسا، نېفىت باھاسى ئۆرلەپ، ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگونىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرماقتا. تەھلىلچىلەر ئوپىك ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق، خەلقئارا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوپىكنىڭ كېلەر يىلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىپ، باھانى ئۆستۈرۈش پىلانىنىڭ سۇغا چىلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.   پايدىلانغان مەنبەلەر: http://www.bbc.com/arabic/world-46419256 . http://www.bbc.com/arabic/business-46469148    

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەربىيىلەش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە   

پە دېكابىر 6 , 2018
يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان ئاتا-ئانىسى بىلەن بۇلتۇر 10- ئايدىن باشلاپ ئالاقە قىلالمىغان. ئۇ باشقىلاردىن ئاپىسنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركىزىگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرتاپقان. 11-ئايدا دادىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇپ، دەرۋەقە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئىكەن. تۇتۇپ كېتىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئاتا-ئانىسى ئ‍سلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ھەجگە بارغانلىقى ئىكەن.

You May Like