خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر شىركەت AirBus بىلەن توختام ئىمزالاپ 140 دانە ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-نويابىر

ئامېرىكا « ۋولت كوچىسى» گېزىتىنىڭ 4- نويابىر بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئەسۋابلىرى گۇرۇھى» ياۋروپا ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى AirBus بىلەن 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى توختامنى ئىمزالىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، توختام بويىچە خىتاي تەرەپ AirBus تىن 132 دانە A320 تىپلىق ئايروپىلان ۋە 8دانە A350 تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋالماقچى ئىكەن.

AirBus شىركىتى 1970-يىلى گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت تەرىپىدىن ئورتاق قۇرۇلغان ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ياساش شىركىتى بولۇپ، باش شتابى فىرانسىيەنىڭ تۇلۇز شەھىرىگە جايلاشقان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈرك نەسلىدىن بولغان دوكتور مەھمەت ئۆز ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى سايلىمىدا

جۈ نويابىر 4 , 2022
تۈرك نەسلىدىن بولغان دوكتور مەھمەت ئۆز ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى سايلىمىدا

You May Like