تارىخى پارتىلاتقۇچ خەۋەر: بىرلەشكەن دۆلەتلەردوكلاتىدا:ئۇيغۇرلارغا قارشى« مەجبۇرى ئەمگەك » مەۋجۇت ،ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئ‍شلەنمەكتە؛

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاخىرى ختتاي ھاكىېمىيتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان جىنايى قىلمشلىرى ھەققىدە رەسمى دوكلات ئىلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا دىيشلىچە، «ختتاينىڭ بەزى مەجبۇرى ئەمگەك ۋەقەلىرى – ئ‍نسانىيەتكە قارشى جىنايەت كەبى قۇل قىلىشقا يېتىدۇ» دىگەن.

تۇرسۇنجان 
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-ئاۋغۇست

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىندا ئىلان قىلغان مەجبۇرى ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتتا ئاخىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى ئىلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى رەسمىي تەنقىدى دوكلات ئىلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرگە قاراتقان سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان ھەتتا «خىتاينىڭ بەزى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەقەلىرى »» ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»» بولغان  قۇل قىلىشقا يېتىدۇ» دېگەن.

مەزكۇر دوكلات -بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئالاھىدە دوكلات ئۆمىكىنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە سۈكۈت قىلىش تارىخىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگاننىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىشى ھېسابلىنىدۇ.شۇنداقلا ئىلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان رەسمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلات ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2018-يىلى تۇنجى قېتىم «خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا» دەپ دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ  دۇنيادا خىتايغا بېسىم پەيدا قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەسىرى كۈچلۈك بولغانىدى.

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ئادىريان زىنز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: 
« بۇ ئىنتايىن ئالاھىدە بىر دەقىقە… مەن ئۈچۈن ۋە باشقا نۇرغۇنلارئ‍ۈچۈن  ئىنتايىن ئالاھىدە…
بۇ مەزكۇر تېما ھەققىدە نەچچە يىللاپ قىلغان جاپالىق ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا، خەلقئارادىكى مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ بۇ جىنايەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى يەنە بىر مۇھىم بەلگە. بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى يىللاردىن بۇيانقى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش.»

ئۇ يەنە تېۋىتتردا  مۇنداق دېدى : « بۇ -زامانىمىزدىكى دۇنيا بويلاپ قۇل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە -بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن كەلگەن ئىنتايىن ئالاھىدە ۋە كۈچلۈك باھالاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن مەزكۇر دوكلاتنىڭ -ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۇقۇملاشتۇرۇش رامكىسى ھەققىدىكى باھالىرىمنى پايدىلانغانلىقىدىن غورۇرلىنىمەن.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي  كومىسسارى مېچىل باچلېت مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ، ئۇ بۇ يىل خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ۋە خىتاينى تەنقىد قىلمىغاندىن كىيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن ئىدى.ب د ت كىشلىك ھوقۇق كومسسارىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخىرقى دوكلاتى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىلان قىلىنىشى كۇتۇلمەكتە بولۇپ،مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەسرى كۇچلۇك بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتى ئ‍ش-ئىزلىرى ھەققىدە

چا ئاۋغۇست 17 , 2022
پېشـقەدەم شـائىر، ژۇرنالىسـت ھـەم يازغۇچـى ئەخمـەت ئىگەمبـەردى – نىجـادى 1937- يىلى – 4- ئاينىـڭ 4- كۈنـى ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ بەشــبالىق (ھازىرقــى جىمىسار) ناھىيەسـىگە قاراشـلىق سـەنتەي رايونىدا ئائىلىنىـڭ 3- پەرزەنتى بولۇپ دۇنياغـا كەلگەن، دادىسى ئىگەمبەردى ھوشۇر غوجا ئەسلىي قەشـقەر ئاستىن ئاتۇش تىجەن يېزىسىدىن بولۇپ ئانىسـى بۈۋىرابىيە قاسىم قىزىـدۇر.

You May Like