ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك يەنە ئىككى ختاي شركىتىنى جازالىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك يەنە ئىككى ختاي شركىتىنى جازالىدى.

 
ئۇيغۇر يۈرەك، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
10-ئ‍يۇن
ئامېرىكا دۆلەت بېخەتەرلىك ئىدارىسى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن چېتشلىق بولغان،دۇنيادىكى 4-چوڭ لازىر نۇرلۇق باسما ماشنا كارخانىسى جيۇشڭ پىرىنتىر (باسما ماشىنىسى) شركىتى ۋە شنجاڭ جۇڭتەي بېئو-خېمىيە شركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چتېشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىدى.بۇنىڭدىن كيېىن مەزكۇر شركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا قىلىشى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشى ۋە سېتش چەكلىنىدۇ.
ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىق قۇل قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىپ، ختاينىڭ چوڭ شركەتلىرىگە ئۇيغۇرلاردىن ئشچى قۇل ئىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە.ئامېرىكىنىڭ 2021-يىلى دىكابىردا قانۇن بولۇپ ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى توختىتىش قانۇنى»ختايغا ئېقتسادى جەھەتتە كەسكىن زەربە بىرىش بىلەن بىرگە ، ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئشلىتىش بىلەن پايدا ئالالمايدىغان قىلىش ئارقىلىق ختايغا ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشنى توختىشقا مەجبۇرلايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارالماقتا.

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئانتونى بىلىنكىن: ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئالاقە لىنيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىدى.

سە ئىيۇن 20 , 2023
ئانتونى بىلىنكىن: ختاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ئالاقە لىنيسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلمىدى.

You May Like