ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يولىنى ئاچتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يولىنى ئاچتى

 ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سېيىت تۈمتۈركنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يولىنى ئاچتى

مەمەتجان ئۇيغۇر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-ماي

(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى بىتەرەپ ھالدا خەۋەر قىلىشقا تىرىشىدۇ)

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا  بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى سېيىت تۈمتۈرك يېقىندا ئامېرىكىغا زىيارەت قىلىدۇ.

ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىيت تۈمتۈرك سەككىز يىلدىن بىرى ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ۋىزا بېرىلمىگەن. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىل تەكشۈرۈپ چىقالمىدى. بۇ سۆز-چۆچەكلەرنىڭ ئىچىدە، سىيت تۈمتۈرك سۈرىيەگە ئادەم سالغان، تۈركىيە ئىستىخباراتىغا ئىشلىگەن »دېگەندەك  تارقالمىلارمۇ بار.

ئامېرىكىنىڭ سىيت تۈمتۈركنىڭ سەككىز يىل ئامېرىكىغا زىيارەت قىلىشنى چەكلەش سەۋەبى  ھەققىدە سورالغان سوئالغا سىيت تۈمتۈرك ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرى  مۇھەممەتجانغا مۇنداق دېگەن :

«بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيمەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئەمما خىتاينىڭ بىر قىسىم قورچاقلىرى بۇنىڭدا رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا مەلۇم بولغاندەك، مەن پەقەت ۋە پەقەتلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىزمەتچىسى»

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا پىكىر بىلدۈرگەن ئامېرىكىدىن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىنجان (ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن) مۇنداق دېدى: «سىيت تۈمتۈركنىڭ  ئامېرىكا زىيارىتى ھەممىدىن بەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەمما سىيت تۈمتۈرك ئامېرىكا زىيارىتىدە ئۇيغۇر داۋاسىغا  قانداق ئىجابىي تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلەلەيدۇ؟ بۇنى كۆزىتىش كېرەك، چۈنكى ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتى  قاتارلىقلار بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. بۇلار ھەر قانداق سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقىنى سىنايدۇ »

تۈركىيەدىن پىكىر بايان قىلغان ئابدۇلئەزىز مۇنداق دېدى: « سىيت تۈمتۈرك سىياسىي ساھەدە ئىزچىل تىرىشىۋاتىدۇ، شەخسى نۇقتىدىن ھەر بىر سىياسەتچى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى ، ياخشى ئوبراز قالدۇرۇشى، تەشكىلاتىنى كۈچەيتىشىنى ئويلايدۇ، بۇ تەرەپ شۇ تەشكىلاتنىڭ سىياسىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۇتقان سىياسىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بىرى سىيت تۈمتۈركنىڭ تۈركىيەدىكى  پائالىيەتلىرى تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق تەشكىلاتىدەك كۈچلۈك بولمىدى، بەلكىم بۇنىڭ بىر سەۋەبلىرىدىن بىرى، سىيت تۈمتۈرك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كەسكىن بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى بولسا كېرەك »

ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە،  ۋاشىنگتوندا  بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن دىدارلىشىشتىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئورگانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
سىيت تۈمتۈرك ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىي پارتىيە باشلىقى ۋە باشقا ئالاقىدار سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن . ئۆتكەن يىلى سىيت تۈمتۈرك ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئارقا كۆرۈنۈشتە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكىنىڭ ئالتە نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەيۋەنگە زىيارەت قىلىپ، تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ئاستا-ئاستا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. تۈركىيەمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلماقتا.

سىيت تۈمتۈرك نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان مىللىي مەجلىسنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر كۆچمەنلەر جامائىتىنى يېتەكلەپ كېلىۋاتقان.

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ باردى

جۈ ماي 6 , 2022
بۈگۈن ئەتىگەندە بېلگىيەنىڭ سونې شەھرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

You May Like