ئامېرىكا ئارميسدىكى ئۇيغۇر ئوغلى شەپقەت توختى

(شەپقەتنىڭ مەكتەپ ئورگان تەرەپ ئىلان قىلغان سۈرىتى ) ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت بېنىن ھەربىي بازىسى 10-ماي كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فايسبۇك ۋە تۋېتتىرلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئوغلى شەپقەت توختىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى قوراللىق ھەربىي ئاساسلىق كۇرسىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا ھەربىي زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە كىرىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا ئارمىيەسدىكى ئۇيغۇر ئوغلى شەپقەت توختى

تەييارلىغۇچى: (تايىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان)

ئامېرىكا ئارمىيسدىكى ئۇيغۇر ئوغلى

(شەپقەتنىڭ مەكتەپ ئورگان تەرەپ ئىلان قىلغان سۈرىتى )     ئامېرىكا ئارمىيەسى فورت بېنىن ھەربىي بازىسى 10-ماي كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فايسبۇك ۋە تۋېتتىرلاردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئوغلى شەپقەت توختىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى قوراللىق ھەربىي ئاساسلىق كۇرسىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا ھەربىي زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە كىرىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى خىلى كۆپ بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىجابىي تەسىر قوزغىغان، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئارىسىدىكى زوراۋان ۋە تېررورچى قالپىقىنىڭ يوقىلىشى ئۈچۈن مەلۇم ئىجابىي تەسىرلەرنى ئوينىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئەسلى تېكىست مۇنداق : ماي ئېيى مەزگىلىدە، بىز ئامېرىكا ئارمىيەسى سېپىدىكى ئاسىيالىق ئامېرىكىلىقلار ۋە تىنچ ئوكيانلىقلارنىڭ تۆھپىلىرى ۋە بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى ئەسلەيمىز ۋە تەبرىكلەيمىز. ئىككىنچى دەرىجىلىك لېتىنانت شەپقەت غەيرەت توختىنىڭ ئائىلىسى خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولىدۇ. شەپقەت توختى يېقىندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى تانكىچىلار مەكتىپىنى تاماملاپ، ھازىر «زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپى» گە بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. شەپقەت توختى مۇنداق دېگەن: «مەن جەمئىيىتىم ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەنئەنەمگە ۋەكىللىك قىلىش پۇرسىتىنى بەرگەن بۇ دۆلەت ئۈچۈن ھەربىي مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن» شەپقەت توختى ئوفىتسېرلىق مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا فورت بەننىڭ ھەربىي بازىسىدا مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم ئالغان ۋە چېنىقتۇرۇلۇپ، «ئامېرىكا ئارمىيەسى قوراللىق ھەربىي ئاساسلىق كۇرسى» نى پۈتتۈرگەن ۋە «زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپى» گە كىرىش باسقۇچىدا ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك توربېتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، «زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپى» دە ئوقۇش ئىنتايىن قېيىن، ۋەزىپىلەر ئېغىر، سىناقلار كۆپ ئىكەن، قىيىنلىق ۋە ئىنچىكىلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كەسپى ھەربىي بىلىم ۋە تېخنىكا، تاكتىكىلار، مەشىقلەر بىلەن تاۋلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرەلەيدىكەن. شەپقەتنى بىلىدىغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەپقەت كىچىكىدىن ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، ھەر قانداق ئېغىر بېسىملارغا تاقابىل تۇرالايدىغان كەسكىن ئىرادىلىك، ئەمەلىي ‍ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەر قانداق ‍ئىشنى قائىدە-قانۇنىيەت ۋە پرىنسىپ بويىچە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان بولۇپلا قالماي، ‍ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرىغا كۆيۈمچان، چىقىشقاق يىگىت ئىكەن. ئاتا-ئانىسى غەيرەت ئەپەندى ۋە ئاۋات خانىمنىڭ تەربىيەسى بىلەن كىچىكىدىنلا ئۇيغۇر تىلىنى راۋان ۋە ياخشى سۆزلەيدىكەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەن، ئۆزى بىلەن تەڭتۇش ئۇيغۇر دوستلىرى بىلەنمۇ ياخشى ئۆتىدىكەن، شەپقەت ئۆزىنى «كۈچلۈك مىللىي روھقا ئىگە ئۇيغۇر» دەپ قارايدىغان بولۇپ، ھەربىي مەكتەپتە ئۆز ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنىكەن. بۇ نۇقتىنى ھەربىي تەرەپنىڭ ئورگان ئۇچۇرىدا ئالاھىدە بايقىغىلى بولىدۇ. «زەربىدارلار ئەترىتى ئوفىتسېرلار مەكتىپى» ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەربىي مەكتەپلەر ئىچىدە 61 كۈنلۈك ئۇرۇش قوماندانلىق مەخسۇس كۇرسى بولۇپ، كىچىك گۇرۇپپىلار ئەمەلىي تاكتىكىسىنى مەركەز قىلىدۇ، بۇ كۇرس ئامېرىكا قوراللىق قىسمىدىكى ئەسكەرلەر، دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى، ھاۋا ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم ئوفىتسېرلىرى ۋە ئەسكەرلىرى، شۇنداقلا ئالاھىدە تاللانغان ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە غايەت زور تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئوقۇپ، يەرلىكلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، نەتىجىگە ئېرىشىشى ئاسان ئەمەس، شۇنداقلا بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە جەمئىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىشنى خالايدىغانلىرىنىڭ ئاز بولسىمۇ ئوتتۇرىغا چېقىشى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ، بىز دۇنيانىڭ ھەممە جايىدىكى بارچە ئۇيغۇرنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشمىز. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇتۇق قازانغاندا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز! شۇنداقلا دوستلىرىمىزغا ئۈمىدۋارلىق ۋە ئاكتىپ روھى ئېنېرگىيە، ياخشى تەرەپلەرنى كۆرۈشنى تىلەش بىلەن بىرگە، پاسسىپ ئېنېرگىيە، غەيۋەت-شىكايەتتىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەزكۇر خەۋەر  شەپقەتنىڭ ئائىلىسنڭ رۇخستى بىلەن ئىلان قىلىندى ۋە  مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ،شۇنداقلا مۇناسۋەتلىك كىشلەرنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى ئاساسدا تولۇقلاندى.

(ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى)

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىسى: رابىيە قادىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارشى ئاچلىق ئېلان قىلماقچى!

دۈ ماي 14 , 2018
خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ لىدېرى بېجىڭنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ .

You May Like