ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق كەيپىيات كۆتۈرۈلمەكتە

ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق كەيپىيات كۆتۈرۈلمەكتە

 ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق كەيپىيات كۆتۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى22-ئىيۇن

يۈسۈپجان تەييارلىغان

كېنىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى WILLIAM·RUTO سەيشەنبە(21-ئىيۇن) كۈنىدىكى بىر ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلامدا ئەگەر پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا دۆلىتىدىكى يەرلىكلەرنىڭ خىزمەت پۇرسەتلىرىنى ئىگىلىۋالغان خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: « كېنىيەدىكى مەيلى قاقلىغان قوناق سېتىۋاتقان ياكى تېلېفون سېتىۋاتقان خىتايلار بولسۇن…بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ ئۆز دۆلەتلىرىگە يولغا سالىمىز. ئەسلى بۇ خىزمەت پۇرسەتلىرى كېنىيە خەلقىگە مەنسۇپ ئىدى…بۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن ئەنسىرىمەڭ، بىزدە ئۇلارنى توشۇشقا يېتەرلىك ئايروپىلان بار.»

بۇنىڭدىن سىرت شەرقى ئافرىقا دۆلىتى مالاۋى ساقچى دائىرىلىرى 21- ئىيۇن ئۆز دۆلىتىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان خىتاي پۇقراسى لۇ كېنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ب ب س تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە مەزكۇر خىتاي پۇقراسى مالاۋىغا چېگرىداش بولغان زامبىيەدە قولغا ئېلىنغان.

لۇ فامىلىلىك خىتاي پۇقراسى 2019-يىلى مالاۋىدىكى مەلۇم بىر يېزىدا يەرلىك بالىلارنى يىغىپ ئۇلارغا ئاز مىقداردا پۇل ۋە يېمەكلىك بېرىپ سىن فىلىمى ئىشلەشكە مەجبۇرلىغان. بۇ سىن فىلىمىدا بالىلارغا خىتاي تىلىدا «مەن بولسام قارا ئالۋاستى، مېنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىم تۆۋەن» دېگەن سۆزلەرنى دېگۈزگەن. ۋە بۇ فىلىمنى خىتاي دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىگە سېتىپ ئارىلىقتىن ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ تارقاتقاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور تەسىر قوزغاپ تورلاردا خىتايلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا قارشى نارازىلىق سادالىرى قوزغالغان، ۋە بۇ خىتاينى دەرھال قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. 21-ئىيۇن مالاۋىنىڭ پايتەختىدىكى پۇقرالار خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش قىلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا لۇ فامىلىلىك خىتاينىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلماي مالاۋىدا سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلارنىڭ ھېربېرت سامۇئېلى نۇرى تۈركەل

پە ئىيۇن 23 , 2022
2022 . يىلى 21-ئىيۇن كۇنى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان نۇرى تۇركەل ئەفەندىم كومىتېتنىڭ 2022—2023 يىللىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى. نۇرى تۇركەلگە، ئۇيغۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن.

You May Like