ئابدۇۋەلى ئايۇپ: ۋەتەنسىز قالدۇق، ئۈمىتسىز قالمايمىز

تۈنۈگۈن كانادادىن بىر ئىنىمىز كەلدى. 2006-يىلى كاناداغا كەلگەندە يۈك ماشىنىلىرىغا ھامماللىق قىلىپ ئىش باشلىغان ئىكەن،

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

2019-2-2

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈنۈگۈن كانادادىن بىر ئىنىمىز كەلدى. 2006-يىلى كاناداغا كەلگەندە يۈك ماشىنىلىرىغا ھامماللىق قىلىپ ئىش باشلىغان ئىكەن، 13 يىل ئۆتۈپ بىر شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ. تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەچ، سەفاكۆيدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىنداشلارنى يوقلاپتۇ. قولىدا ئىش، يانچۇقىدا دوللار، كاللىدا پىلان بولغاچقا روھى كۆتۈرەڭگۈ بۇ يىگىت ماڭا ئاجايىپ كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ، بىرمۇنچە ئۇتۇقلۇق ھىكايىلەرنى، تەسىرلىك گەپلەرنى قىلىپ بەردى.

-مەن كاناداغا يېڭى كەلگەندە ماشىنىغا يۈك باساتتىم، بىر ھىندى شوپۇر ماڭا «بولە تېز، مەن ئالدىرايمەن!» دەپ بۇيرۇق قىلدى. كىملىكىنى سورىسام، مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتىكى بىر شوپۇر ئىكەن. شوپۇرلۇق ئۈچۈن پراۋا ئالىدىكەنمەن. خەپ دېدىم مەن «پىراۋا ئېلىپ سەندەك شوپۇر بولمايمەن، شوپۇرلارنى ياللايدىغان ترانسپورت شىركىتىگە خوجايىن بولىمەن» دېدىم. راست دېگىنىمنى قىلدىم، شوپۇرمۇ بولدۇم، پۇلمۇ تاپتىم، ئاخىرى شىركەت قۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم. ئەتراپتىكىلەر 6 ئايدا ۋەيران بولىسەن دېيىشتى. مەن ئالتە ئاي ئەمەس بىر يىل جاپا تارتتىم، ئەمما مانا ھازىر ئون نەچچە ئادەم ئىشلەيدىغان بىر شىركەتكە خوجايىن بولدۇم.

ۋەتەننىڭ جەنۇبىدىن چىقىپ دۇنيانىڭ شىمالىدىكى بىر سوغۇق شەھەردە ياشاۋاتقان بۇ ئىنىمىزنىڭ سودا پىلانلىرى مېنى قىزىقتۇردى. ئۇ يۈك توشۇش جەريانىدا قەيەردە نېمىگە ئىھتىاجنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۆزى يىگىرمە تىيىنغا توشۇپ بەرگەن بىر مالنىڭ قانداق قىلىپ تاختىغا 20 دوللار بولۇپ چىققانلىقىغا شاھىت بوپتۇ. ئۇ ئامېرىكا ۋە كانادا ئارىسىدا قاتناپ، ئېكىسپوت-ئىمپورت سودىسىكى سىرلاردىن ۋاقىپ بوپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىتسىزلىك، قانائەتچانلىق، يۈرەكسىزلىك ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. ئۇيغۇرلارنى ھۈنەر ئارقىلىق قانداق كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە كۆپرەك سىرداشتۇق.

ھاممالىقتىن خوجايىنلىققا يۈكسەلگەن بۇ ئىنىمىز ۋە ئۇنىڭ بوغالتىرلىقتا ئوقۇپ ئېرىگە ھەمدەم بولۇۋاتقان ئايالى بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشتۇق. ئۇ خوشلىشىۋېتىپ: «ئاكا، مىللەتكە ئۈمىد بېرىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىڭ. نەگە بارساق بىر بىرىمىزگە دەرت ئېيىتماي مەدەت بېرەيلى، بارىكاللا ئېيتايلى، ھە دېسە سەلبى كەچمىشلەرنى سۆزلەپ روھىمىزنى چۈشۈرمەيلى، ئۆز-ئارا ھىچ ئىش قىلىشىپ بەرمىسەكمۇ قىلالمايسەن دەپ ئۈمىتسىزلەندۈرمەيلى، بىز ۋەتەنسىز قالدۇق، ئۈمىتسىز قالساق، چۈشكۈنلىشىپ يىقىلساق مۇساپىرچىلىقتا يۆلىۋالىدىغان ئادەم يوق!» دېدى. مەنمۇ ئەلۋەتتە ماقۇل بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈنسىز ياردەم يوللاۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمغا سالام ئېيتتىم.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: سەمىمىيەت قەھەتچىلىكىدە ئۇيغۇريار

يە فېۋرال 3 , 2019
تۈركىيەدە سەمىمىيەت قەھەتچىلىكى مەۋجۇت. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ پۇقراغىچە، تاراتقۇدىن تارتىپ دەرسخانىغىچە يالغانلار ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.

You May Like