ئابدۇۋەلى ئايۇپ: سەمىمىيەت قەھەتچىلىكىدە ئۇيغۇريار

تۈركىيەدە سەمىمىيەت قەھەتچىلىكى مەۋجۇت. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ پۇقراغىچە، تاراتقۇدىن تارتىپ دەرسخانىغىچە يالغانلار ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

2019-2-2

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيەدە سەمىمىيەت قەھەتچىلىكى مەۋجۇت. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن تارتىپ پۇقراغىچە، تاراتقۇدىن تارتىپ دەرسخانىغىچە يالغانلار ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپ تۇرىدۇ. بىر يېرىم ئاي بۇرۇن 19 تۈرك مۇخپىرنى مىھمان قىلىپ دەردىمىزنى ئاڭلاتتۇق ۋە قامالغان زىيالىلار تىزىملىكىنى بەردۇق. خۇداغا شۈكرى، «قارار» دېگەن گېزىت باش بەتكە مەھبۇس زىيالىلىرىمىز ھەققىدە خەۋەر بەردى. باشقا ئۈچ گېزىتمۇ مەزكۇر خەۋەرنى كۆچۈرۈپ باستى. ئەمما مەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا سۆيۈملۈك ئۇستازىم راھىلە داۋۇت ھەققىدە «ئانتروپولوگ (ئىنسانشۇناس)» دېگەن ئىدىم، «قارار» دا بولسا «داڭلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى راھىلە داۋاۇت» دەپ يېزىپتۇ. گەرچە بۇنى قەستەن يالغانچىلىق دېمىگەن تەقدىردىمۇ يالغان يېزىلغان. چاتاق يېرى باشقا مەلۇماتلارنى مەن بەرگەن، تىزىملىك مېنىڭ قولۇمدىن چىققاچقا يالغانغا مەنمۇ شىرىك بولدۇم.

تۈركىيەدەك سەمىمىيەت كەم تېپىلىدىغان، ئۇيغۇرلارمۇ يالغانچىلىق ئەيىپ سانالمايدىغان موھىتتا يۇقۇملىنىۋاتقان، ھەتتا بىر قىسىملارنىڭ خىتايدا يۇققان ساختىكارلىق كېسىلى باغجانلاپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا ئىككى ئوقۇغۇچى راست گەپ قىلدى.

2018-يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇريار فوندىدىن مۇكاپات ئېلىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچىمىز مۇكاپاتنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇ قىزىمىز كونيادىكى سەلچۇق ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ،  نەتىجىسى ياخشى بولغاننىڭ ئۈستىگە تۈركچە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ئىدى. قىزىمىز خىزمەت تېپىپ بىر ياقتىن ئىشلەپ، بىر ياقتىن ئوقۇغىدەك شارائىتقا ئېرىشىپتۇ، شۇڭا ئۇيغۇريار مۇكاپاتىنىڭ تېخىمۇ ئىھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. بىز مۇشۇنداق راستچىللارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن بىر سەمىمىيەت مۇكاپاتى تەسىس قىلىشنىمۇ ئويلاشقان ئىدۇق.

2019-يىلى ئىستانبۇل ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان يەنە بىر ئوقۇغۇچىمىز مۇكاپاتنى رەت قىلدى. ئۇمۇ بىر شىركەتتىن ئىش تېپىپتۇ. بۇ ئوغلىمىزنىڭ راستچىللىقىدىن تەسىرلەندىم، ھەتتا راست رەت قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قايتا قايتا سورىدىم.

ئۇيغۇرياردەك مۇقىم مۇئاشلىق خادىمى يوق، ئىشخانىسى يوق، ھەممە ئادەم يېنىدىن چىقىرىپ پىداكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان بىر فوند ئۈچۈن سەمىمىيەت بەكمۇ موھىم. چۈنكى بىز تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى، پىدائىيلىق خىزمەت پىلانى، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدىن باشقا ھىچ قانداق ئەھۋالىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈشكە قادىر ئەمەس. ئىككى ئوقۇغۇچى مۇكاپاتتىن ۋاز كەچتى دېگەن سۆز ھەر بىرەيلەن ئېيىغا مۇقىم كىرىۋاتقان مىڭ لىرا پۇلدىن ۋاز كەچتى دېگەن گەپ. بىر ئىشچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مۇئاشى ئىككى مىڭ لىرا قىلىپ بېكىتىلگەن تۈركىيەدە بۇنداق ۋاز كېچىش ئاسان ئىش ئەمەس. دېمەك بىز ئوقۇۋېتىپمۇ ئىش تاپالايدىيغان، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ يەنە يۇقۇرى مۇئاش ئالالايدىغان بالىلارنى تاللاپتۇق. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىنىشى بىزنىڭ «جۈرئەتسىز ئاجىزلارنى يۆلىمەيمىز، تىرىشچانلارنى كۈچلۈكلەردىن قىلىپ چىقىمىز» دېگەن ئىددىيەيىمىزگە ماس كەپتۇ.

ئەسلى ئىككى يىلدا ئارىمىزدا نەپسىدىن كېچىپ مۇقىم كىرىمنى رەت قىلغان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ چىققانلىقى ھەققىدە يېزىش زۆرۈر ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، ئەمما بۇ شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈركى بىز ئۇيغۇريارنىڭ تۈرلىرىنى سەمىمىيەت قەھەتچىلىكىدە قالغان بىر ئەلدە داۋام قىلىۋاتىمىز. بىز ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ، تەلەپكارلىرىمىزنىڭ سەمىمىيلىكى بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىكى بىزنى ئۈمىتلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ياردەمسىز مۇستەقىل ھاياتقا قەدەم قويغانلىقى خۇددى مۇستەقىللىقىمىزنىڭ شەپىسىدەك بىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ۋاتىكان پوپى ئەزھەر كاتتا ئىمامى بىلەن مۇھىم كىلىشىم ئىمزالاشتى

دۈ فېۋرال 4 , 2019
خىرستئان دۇنياسى روھانىيلار رەھبىرى، ۋاتىكان پوپى فىرانسىس ئسلام دۇنياسى ئىلىم ساھەسىنىڭ ۋەكىلى دەپ ئاتالغان ئەزھەرنىڭ بۈيۈك شەيىخى، كاتتا ئىمام شەيىخ ئەھمەد ئەلتەييب بىلەن «ئېكستىرىمىزىمغا قارشى تۇرۇش» ھەققىدە بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويدى.

You May Like