ئابدۇۋەلى ئايۇپ: تالىباننىڭ تۈگىمەس بايلىقى-ئۇيغۇرلار

ئابدۇۋەلى ئايۇبنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان سىياسى ئوبزورى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

19-ئاۋغۇست ب ب س ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەيدىغان بولغان ئىدى. مەن مازار شەرىف، كابۇل قاتارلىق شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاخباراتنىڭ ئالدىغا چىقىشنى خالايدىغانلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بۇ ئىشقا دوستلارنىڭ ھەمكارلىقى جىددىي ۋە ئەستايىدىل بولدى، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشايدىغان، ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن دوستلار ئاكتىپ ماسلاشتى.

ئەپسۇس، بۈگۈن سەھەردە ب ب س مۇخبىرى گۇۋاھلىققا چىققۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. سەۋەبى ئۇلار بىخەتەرلىكتىن ئەندىشە قىلغان.

ئەندىشە تالىبان ۋە خىتاينىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىنى مەنبە قىلغان. كابۇلدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئاللىقاچان ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تالىبان بىلەن ئۇيغۇر ئوۋلاشقا باشلىغان. 

كابۇلدا ۋە مازار شەرىفتە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇجاھىدلار بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇلار ئافغانىستاننىڭ پۇقراسى. ئۇلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى شەرقى تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن قېچىپ چىققان. شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئىدى.

تالىباننىڭ ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋەدىسى دۇنياغا سىر بولمىغان بىلەن، ئۇلارنىڭ جىھاتچىلىق قىلمايدىغان پۇقرا ئۇيغۇرنى نىشانغا ئېلىشى تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش. 1997-يىلدىن بۇيان تالىبان ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنى پاكىستان ئارقىلىق خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ كەلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا پۇقرا ئۇيغۇرنى ئوۋلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

تالىبان كابۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەر ھاياجانغا چۆمدى. ئۇيغۇردىن تۇغۇلغان ئەمما ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرلۇقىدىن شەكلەنگەن كىشىلەر ئامېرىكىدىن ئۆچىنى ئالغاندەك بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى مۇسۇلماننىڭ غەلىبە قىلىشى، كاپىرلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى شەكلىدە چۈشەندى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، مەخسۇس سۆز قىلىپ تالىباننى تەبرىكلىدى.

تالىبان ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەمدۇ؟ مەنچە بىرەر ئىككىنى بېرىدۇ. بىۋاسىتە ئەمەس دۇبەي، پاكىستان ۋە تاجىكىستان ئارقىلىق بېرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ھەرگىز مىسىر قىلغاندەك قىلمايدۇ. 
خىتاي بىلەن تالىبان دوستلاشتى. تالىبان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ھەربىي ئەسلىھەلەرنى خىتايغا سېتىشقا باشلىدى. ئەمما بۇمۇ تۈگەيدۇ. تالىباننىڭ قولىدا بىر تۈگىمەس بايلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرى ھەققىدە

دۈ ئاۋغۇست 23 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى قېتىملىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋىرى ھەققىدە

You May Like