مىللەتچىلىك نېمە ئۈچۈن مۇھىم

مىللەتچىلىك نېمە ئۈچۈن مۇھىم

مەنبەسى دەستۇر تور بېكىتى 

ياش ئۇيغۇر يازمىسى

2022-يىلى 1-دېكابىر

ئۇزاق ۋە يېقىنقى زامان تارىخىنى قايتا سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى مەيلى قايسى دەۋردىن ئۆرنەك ئالايلى نەتىجە بەرىبىر ئوخشاش. ئۇيغۇر خەلقى دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى ئۇيغۇرلۇق تۇغى ئاستىغا يىغىلىپ باش قوشقان زامانلىرىدا ھەر ۋاقىت يۇقىرىغا ئۆرلەپ زەپەر قۇچقان بولسا قاچانلىكى سەرگەردان ساياقلارغا، كەلگۈندى يات ئۇرۇقلارغا قۇچاق ئېچىپ ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالغانلىرىدا مىللىي تۇيغۇسىدىن يىراقلىشىپ، زەئىپلىشىپ، شانلىق دۆلەتلىرى قولدىن كەتكەن ئىدى. ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى، قاراخان، ئىدىقۇت، سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ پاجىئەلىك يىقىلىش دەقىقىلىرىدىن زادى نېمىلەرنى يەكۈنلىيەلىدۇق ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇيرۇق كىملىك پاجىئەسى

دۇنيا مىقياسىدا ئەرەب، پارىس، تۈرك، ئىندونىزىئان، مالاي، ئوردۇ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىتاليان، ئىنگلىز، ئىسپان، فىرانسۇز، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر خرىستىئان دىنىنىڭ ھەر تۈرلۈك مەزھەپلىرىگە ئەگىشىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ياپونلار، تايلاندلىقلار، خىتايلارنىڭ بىر قىسمى، ۋىيېتناملىقلار، ھىندىلارنىڭ بىر قىسمى ۋە تىبەتلەر بۇددا دىنى تۈرلۈك ئېقىملىرىنىڭ ۋەكىللىك ئېتىقاتچىلىرىدۇر. بىراق دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى خەلقئارا سورۇنلاردا بۇ مىللەتلەر ھېچبىر ۋاقىت ئۆز ئېتىقادى كىملىكى بىلەن قوشۇپ ئاتالمايدۇ……

قىزىقارلىق ئىشلار يەنە بار: دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە بىر- بىرى بىلەن قانداش ئىرقلار خېلى كۆپ بولۇپ، مىسالغا ئېلىپ ئۆتسەك ئۇكرائىن، بېلارۇس، رۇس ۋە سېربلار سلاۋيان مىللەتلىرىدۇر. ئىتاليان، پورتۇگال ۋە ئىسپانلار لاتىن مىللەتلىرى ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۆز ئارا ئۇرۇش جېدىلى تۈگىمىگەن پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيىكلەرمۇ تارىخى قېرىنداشلاردۇر. بىراق ھەر قانداق يازما ۋە ئورۇنلاردا ئۇكرائىن  سىلاۋيانلىرى، ئىتاليان ۋە ئىسپان لاتىنلىرى ۋە ياكى سانى رۇسلارنىڭ يۈزدىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان چېچەنلەر خەلقئارادا «رۇسىيەدە ياشايدىغان ئاز سانلىق مۇسۇلمان كاۋكازلىرى» دەپ چاكىنا ئاتىلىپ يۈرمەيدۇ. بەلكى پەقەتلا چېچەنلەر دەپ ئاتىلىدۇ ۋە يېزىلىدۇ ……

ئۇيغۇرلار!؟  ئۇيغۇرلار– مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەت ۋە مىللەتتۇر 

ئۇيغۇرلار دۈشمىنىمىز خىتاي تەرىپىدىن جۇڭخۇا مىللىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ دېگەن دۈشمەن، دۈشمەن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت بىزلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ ئېرىتىپ يوقىتىشنى، ئۆز مەقسەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىش قىلدۇرۇشنى ئويلايدۇ ھەم شۇنداق ئاتايدۇ. ئەجەبا باشقىلارنىڭ ئاشۇنداق ئويى يوقمىدۇ ؟ تۈركىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بېرى « بۈيۈك تۈركىيە» چۈشىنى چۈشەپلا كېلىۋاتىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىسلام دىنىنى خالىغىنىچە ئاياغ ئاستى قىلىپ ئۆز ئەرەب كۈلتۈرىنى ھەتتا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى، تىل -يېزىقىنىمۇ ئىسلام دىنى ئېتىقادى بىلەن بىر قىلىپ كۆرسىتىپ ئىدېئولوگىيەلىك ئاسسىمىلياتسىيە ئويۇنىنى دۇنيادىكى ئاسان ھاياجانلىنىدىغان ئاددىي مىللەت قەۋملەرگە يىللاردىن بېرى توختىماي تارقىتىپ  يۈرمەكتە. ئەقىللىق تەجرىبىلىك بېلىقلار قاماققا ئاسان چۈشمەيدۇ بارغانسېرى چوڭ بولىدۇ يوغىنايدۇ، يەنى بۇ بىر ھاياتلىق تەجرىبىسىدۇر.

خىتايلار بىزنى مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەت ۋە مىللەتتۇر.خىتاي ئاشكارا دۈشمىنىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى قوبۇل قىلمىساقمۇ كۈنىمىزدە تۈركلەرنىڭ بۈيۈك تۇران تۇزىقىغا ۋە ئەرەبلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق بايرىقى ئاستىدىكى قارمىقىغا ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن چۈشۈپ يۈرۈپتىمىز. 40- يىللىرى گومىنداڭ خىتايلىرى ئۇيغۇرلارنى رۇسلارغا دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوينىغان «تۈرك ئۇلۇسى» ئويۇنىغا تىيىلىپ ۋەتەننى قولدىن كەتكۈزىۋەتكەن بولساق، 90- يىللىرىدىن بۈگۈنگىچە ئەرەبلەرنىڭ «مىللەت يوق ئۈممەت بار، ئۈممەت بار بولسىمۇ يەنە ئەرەب بار» دەيدىغان شېكەردەك تاتلىق پىلانلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ ئۇلارنىڭ پىتنە ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن مىڭلاپ توپ يېمى بولۇپ بەردۇق….

خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاز كېلىۋاتقاندەك چەتئەللەردە يەنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى بولغان چەتئەللەردە ياشايدىغان ئەزىز مىللىتىمىز ئۆز ئىرقىنى، مىللىي كىملىكىنى جان تىكىپ قوغدىشى ئورنىغا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھېلى«تۈرك» بولۇپ قېقىلىپ يۈرسە، ھېلى «ئۈممەت» بولۇپ ئەرۋاھ كەبى سۈرگۈندە بولۇنماقتا. مانا بۇلارنى يەكۈنلىسەك، كېسىپ ئېيتالايمىزكى ھەممىنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا ئۆز قەدىر قىممىتىمىزنى ئۆزىمىز يەرگە ئۇرۇپ ھېلى «ئۇيغۇر تۈركى» بولۇپ تۈرك بولالماي، ھېلى ئۈممەت بولىمىز دەپ ئەرەب بولالماي، ئۆزىمىزدىن تېنىپ تۈرك ۋە ئەرەبنىڭ ئىككى ئۈچىنچى سىنىپ مۇئامىلىسىگە قېلىپ يۈرگەنلىكىمىزدىندۇر.

ۋەتەن سىرتىدا قۇيرۇق كىملىكنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز قانداق قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟

بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىز ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ھەج سەپىرى قويۇقلاشقانىدى. تاكى 50- يىللىرى چېگرالار تاقالغۇچە بولغان ئارىلىقتا ۋە كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق كۆچ- كۆچلەردە ئېيتىشلارغا قارىغاندا سەئۇدى ئەرەبىستانغا يىغىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىلا بىر قانچە يۈز مىڭغا بېرىپ قالىدىكەن. تىرىشچان ، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتى ھەر تۈرلۈك ھۈنەر كەسىپلەر بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خېلىلا ئىقتىسادى بايلىقلارغا، يەر زېمىنلارغا ئىگە بولۇپتۇ. بىراق ئۇلار ئىككىنچى ئەۋلاد دەۋرىدە كىرەر كىرمەيلا بىر مۇنچىلىغان ئەرەبلەشكەن ئەۋلادلارغا ئىگە بولۇپ قاپتۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ۋەتىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ياش تۆككەچ بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئىككى مىللەتتەك ھاياتتىن ئازابلانغانچە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىشىپتۇ، سانى يۈزمىڭدىن ئاشماي تۇرۇپ مىڭ يىللاپ باشقا چوڭ مىللەتلىك دۆلەتلەر ئىچىدە ياشاپ كەلگەن كىچىك مىللەتلەردىن دۇنيادا خېلى كۆپ بار، بىراق مەلۇم بىر دۆلەتتە سانى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىپ تۇرۇپمۇ شۇنچە قىسقا ئارىلىقتا يەرلىكلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن مىللەتلەر ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. ئىشنىڭ ئەڭ ئېچىنارلىق تەرىپى شۇكى بۇ خىل پاجىئەلەر كۈنىمىزدىمۇ ئۇيغۇرلار ئىستىقامەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھەر چەتئەل مەملىكەتلىرىدە يۈز بەرمەكتە. ئۈممەتچىلىكنىڭ مىللەتنى يەكلىمەيدىغانلىقىنى ئاشۇ ئىنسانلار بىلسە ئىدى شۇ ئازابلارغا دۇچار بولارمىدى؟

ئارتۇقچە تۈركچىلىك ۋە ساددا ئۈممەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

بۇ مەسىلىنى يىغىنچاقلاپلا ئىپادىلەش مۇمكىن، ئۈممەتچىلىك مەسىلىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەردە مەۋجۇت ئەھۋال بولۇپ پەقەت ئوخشىمايدىغان يېرى باشقىلار ھېچبىر ۋاقىت ئۆز مىللىتىدىن كېچىپ تۇرۇپ، ئۆز مىللەتچى كىشىلىرىنى ئاتالمىش گۇناھ قىلدىڭ دەپ تۆھمەت چاپلىماي تۇرۇپ ئۈممەتچىلىكىنى داۋام قىلالايدۇ. ئەمما بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئۇلۇغ دىنىمىزنى چالا پۇلا ئۆگىنەر ئۆگەنمەي ئارىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر مىللەتچى ئىنسانلىرىمىزغا پەتىۋا پىچىپ ئۈممەت داۋاسى قىلىدىغان زاتلىرىمىزنىڭ مىللەتنى مىللەتسىزلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى ئاقىۋىتىمىزنىڭ ھازىرقىدەك زۇلمەت ئىچىدە بولۇپ قېلىشىغا كۆپلىگەن تۆھپىلەرنى قوشتى.

سۆز تېمىسى ئاتالمىش تۈركچىلىككە كەلگەن ھامان بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ بۇ خىل ۋابانىڭ ئۇيغۇر ئىرقى ئارىسىغا نەقەدەر چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. يۈز يىللاپ ئېزىلگەن، قانچە قېتىملاپ دۈشمەنگە قارشى كۆتۈرۈلسىمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلىنىپ ئىنقىلابلىرى باستۇرۇلغان تەلەيسىز مىللىتىمىزدە بەلكى باشقا قانداش ياتلارغا بولغان مۇھەببەت كۈچەيگەنلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك تۈركى قەۋملەرگە بولغان يېقىنچىلىق تۇيغۇلىرى ئالاھىدە كۈچلۈكتۇر. كۆپ يىللاپ مائارىپسىزلاشتۇرۇلۇپ باشقۇرۇلغان مىللىتىمىزنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش پۇرسەتلىرى ھەقىقەتەن ئاز بولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز خىيالى تەپەككۇرىنى ئەمەلىيەت بىلەن باغلىۋېلىش ئىشتىياقلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ھاياتىدا بېرىپ باقمىغان دۆلەت خەلقلىرىدىن قېرىنداش ئىزدەش، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ھېس قىلىش قاتارلىق ساددا كېسەللەرگە مۇپتىلا بولغانىدى.  ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ چەت يېزا قىشلاقلىرىدىكى ھاياتىدا ناھىيە بازىرىغا بىر نەچچىلا قېتىم بېرىپ باققان بىرىدىن قايسى دۆلەتنى ياخشى كۆرىسەن دەپ سورالغىنىدا ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا تۈركىيەنى تىلغا ئېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. 90-يىللىرىدىن كىيىن بەزى تىجارەت ۋە ئوقۇش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى تاللىشىمۇ تۈركىيە بولغانىدى. ئەلۋەتتە مىللىتىمىزنىڭ چەتئەللەرگە يۈزلىنىشى ياخشى بىر ئەھۋال بولغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ساددا قەلبىنى مەپتۇن قىلىۋالغان تۈركىيەگە كېلەر كەلمەي ئۆزلۈكىنى ئۇنتۇپ كېتىشى، ئەس ۋۇجۇدى بىلەن تۈركلەرگە رازى بولۇپ تۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشى، ئىككىنچى ئەۋلادقا بارار بارماي يوق بولۇپ سىڭىپ كېتىشكە يۈزلىنىشى ئىنساننى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

ئۇيغۇرنىڭ تۈركلىشىش ئاقىۋىتىنى تېخى چۈشىنىپ يىتەلمەسلىكىمىز ئاخىرى بېرىپ ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك ۋەتەنسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يىتەلىشىمىز شۇنچە قىيىن ئىشمۇ؟ سەۋەبى ئاددىي : مىللەت ئۇقۇمىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋەتەن ئۇقۇمىدىمۇ ئېنىقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزنى تۈرك ھېسابلىسىڭىز تەبىئىي ھالدا سىزنىڭ ۋەتىنىڭىز تۈركىيە دۇر ( كەچۈرۈڭ سىز ئۇلارنى قاندىشىم دەپ بىلىدىغان زامانلار بۇنىڭدىن مىڭ ئۈچ يۈز يىل بۇرۇنقى ئىشلاردۇر ) ئۆزىڭىزنى بارغانسېرى تۈرك ھېسابلىغانسىرى سىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلار پەقەت تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولۇپ قالىدۇ ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى ئۇيغۇر ۋەتىنى گۇمران بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقان دەقىقىلەردە شۇنى ئويلايسىزكى : « ۋەتىنىمنىڭ ئۇ تەرىپى گەرچە ۋەيران بولغان بولسىمۇ ئەلھەكمۇلىللاھ – ۋەتىنىمنىڭ يۈرىكى( تۈركىيە) تېخى قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇقلۇق ئەمەسمۇ! » ………….

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي سۇيىقەستىگە خىتاي تەدبىرى(4)

دۈ يانۋار 3 , 2022
خىتاي سۇيىقەستىگە خىتاي تەدبىرى(4)

You May Like