24 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت قانداق ئاشكارىلاندى؟

16- نويابىر، نىيويورك تايمىس گىزىتى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك 403 بەت مەخپى ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ، خىتاي دەسلەپ ئىنكار قىلىپ ئاندىن پەردازلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئىدى.

نىيويورك تايمىس گىزىتى

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى قىسقا تەرجىمىسى

 

2019-12-9

 

16- نويابىر، نىيويورك تايمىس گىزىتى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك 403 بەت مەخپى ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ، خىتاي دەسلەپ ئىنكار قىلىپ ئاندىن پەردازلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئىدى. 

 

24- نويابىر، ئەنگىلىيە تايمىس گىزىتى  24 بەتلىك يەنە بىر مۇھىم مەخپى ھۆججەتنى ئىلان قىلدى،  مەزكۇر ھۆججەتتە  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى قانداق باشقۇرۇلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ ساختا نىقابلىرىنى يەنە بىر قىتىم يىرتىپ تاشلاپ، خىتاينى خەلقئارا سەھنىدە ئوسال قىلدى. ئەنە شۇ 24 بەتلىك خەۋەرنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە تەھدىتلەرگە قارىماستىن خەلقئارا مىدىيالارغا ئاشكارىلىغان كىشى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم ئىدى. 

 

ئاسىيە ئابدۇلئەھەد خانىم 2009- يىلى گوللاندىيەگە كەلگەن بولۇپ، بۇرۇنقى يولدىشى جەسۇر ھەبىبۇللاھ بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن بىر قىز(8 ياش) ۋە بىر ئوغۇل(6 ياش)  پەرزەنت يۈزى كۆرگەن. ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 6- ئايدا، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر كىشى مەزكۇر 24 بەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپى ھۆججىتىنى ئۇنىڭغا ئىلىكتىرونلۇق ۋاستە ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن. ئاسىيە خانىم بۇ ھۆججەتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بايقاپ، ئۇنى خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئاشكارىلاشنى ئويلاشقان ۋە تىۋىتىر ھىسابىدا ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يوللاپ، مۇخبىرلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئاسىيە خانىم تىۋىتىردا مەزكۇر ھۆججەتنىڭ بىر قىسىمىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىر نەچچە ئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرى خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇ يەنە فەيسبۇك مەسسىنجىردا بىر پارچە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا :«  ئەمدى بولدى قىلمىساڭ، ئۆلۈكۈڭنى قىيما قىلىپ، ئىشىك ئالدىڭدىكى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋىتىمىز» دىگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان، ئۇ بۇ خەتتىن ناھايىتى چۆچۈپ كەتكەن.

 

گىرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زەنىز ۋە يەنە بىر مۇتەخەسىس مەزكۇر ھۆججەتكە قىزىقىپ،  ئاسىيە خانىم بىلەن ئالاقىلاشقان، ئادرىيان بۇ مەخپى ھۆججەتنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئەمەلىي ئەھۋال جەھەتتىن ھەقىقەتەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئىيتىپ، ئاسىيەنى بىر مۇخبىرغا تونۇشتۇرغان. ئۇ ھۆججەتلەرنى مۇخبىرلار ئىلان قىلىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئاسىيە خانىم خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە ئۇچرىغان.  بىراق ئاىسيە خانىم  بۇ ھۆججەتلەرنى  ھەرقانداق خەتەرگە قارىماستىن ئاشكارىلاش ئارقىلىقلا ۋىجدانى ۋە ئائىلىسى ھەقىقىي ئەمىنلىككە ئىرىشەلەيدىغانلىقى، ئەركىن ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتتە ئۇ چوقۇم بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەنىلا ئىلان قىلىشتا چىڭ تۇرغان. 

 

 9- ئاينىڭ باشلىرىدا ئاسىيە خانىمنىڭ بۇرۇنقى ئىرى جەسۇرنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئالاقە قىلىشمىغان، ۋەتەندە سوت مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغان بىر دوستى تۇيۇقسىز جەسۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا جەسۇرنىڭ 80 ياشلىق ئانىسىدىن يەتكۈزىدىغان مۇھىم ئۇچۇر بارلىقىنى ئىيتىپ، جەسۇرنى دۇبەيگە كىلىشكە چاقىرغان، جەسۇر دوستىغا ئىشىنىپ دۇبەيگە بارغان. جەسۇر 9-ئاينىڭ 9- كۈنى دۇبەيگە يىتىپ بارغان، بىراق دۇبەيدە جەسۇرنى ئۇنىڭ كونا دوستى ۋە بىر قانچە خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى كۈتىۋالغان. خىتايلار جەسۇرنى بىر نەچچە كۈن سوراق قىلغان، ئۇلار جەسۇرغا :« ئەگەر بىز بىلەن ھەمكارلاشساڭ ساڭا ۋىزا بىرىمىز، ھەرۋاقىت ۋەتەنگە قايتالايسەن، ئەگەر ھەمكارلاشمايمەن دىسەڭ، سىنى بۇ قۇملۇقتا ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتسەكمۇ 20-30 يىلغىچە ھىچكىم جەسىتىڭنى بايقىيالمايدۇ» دىگەن. ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ يىغلاپ تۇرغان ۋىدىيوسىنى كۆرسۈتۈپ، ئانىسىنىڭ ھاياتى بىلەن تەھدىت سالغان. خىتايلار ئۇنىڭغا بىر دانە يۇ دىسكا بىرىپ، يۇ دىسكانى ئاسىيە خانىمنىڭ كومپىيوتىرىغا چىتىپ، ئۇچۇر ئوغۇرلاشقا بۇيرىغان. بىراق جەسۇر ۋە ئاسىيە خانىم يەنىلا باتۇرلۇق بىلەن بۇ مەخپى ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاشنى، گوللاندىيە ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشنى قارار قىلغان.  24- نويابىر،  17 گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مۇخبىرلار تەكشۈرۈش ئۇيۇشمىسى مەزكۇر ھۆججەتكە ئاساسەن لاگىرلارنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئاشكارىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان.  

 

تەتقىقاتچى ئادرىيان زەنىز پەقەت جاسارەت بىلەن ئالدىغا چىقىشلا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغانلىقى، سۈكۈت ۋە يوشۇرۇش ئۇنى تىخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش مۇمكىنلىقىنى ئىيىتقان. ئاسىيە خانىم ھۆججەت ئىلان قىلىنىپ، ئۆزىنى ئاشكارالىغاندىن كىيىن كۆڭلى تەسكىن تېپىپ، راھەتلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئىيتقان. 

 

قوشۇمچە: ئەنە شۇنداق تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، يەنىلا  كۆپلىگەن ئۇيغۇر، قازاق قىرىنداشلار تىۋىتىر، فەيىسبۇك ۋە تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئۈچۈن  جەسۇرلۇق بىلەن دەۋا قىلماقتا.  ئاسىيە خانىم ئاشكارىلىغان بۇ ھۆججەت خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، ئاسىيە خانىم ئۆزىنى ئاشكارىلىغاندىن كىيىن خىتاينىڭ زۇۋانى «يەرشارى گىزىتى» چوڭ ماۋزۇلۇق ماقالە ئىلان قىلىپ، ئۇنى يالغانچىغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا تۆھمەتلەرنى قىلدى. ئاسىيە خانىمنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىرى جەسۇر ھەبىبۇللاھ ھەم ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇلارنى لاگىرلارنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاشتىن توسۇپ قالالمىدى. ئۇلار ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئاھۇ-زارى، مىللەتنىڭ قايغۇ- ئەندىشەسىنى تېخىمۇ جىددىي ۋە خەتەرلىك ۋەزىيەتتە ھىس قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى. ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن، ئاسىيە ئابدۇلئەھەد، جەسۇر ھەبىبۇللاھ ۋە باشقا بارلىق تەھدىتكە يولۇققان قىرىنداشلارنىڭ ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز!

 

كىسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا، بۈگۈن تەھدىتنى يوشۇرساڭ ئەتە باندىت خىتايلار ساڭا رەھىم قىلمايدۇ. جاسارەتلىك بول، قىرىندىشىم!

 

 

 

مەنبە:

 

https://www.nytimes.com/2019/12/07/world/europe/uighur-whistleblower.html

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا بىلەن ختتاي تۇنجى نۆۋەتلىك سودا كىلىشمى ئىمزالىدى

جۈ دېكابىر 13 , 2019
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋاشنگىتون،13-دىكابىر،2019-يىلى ۋول سچرىت گېزىتىنىڭ خەۋىرى ۋە شنخۇۋا ئاگېنىتلىقى ختتاي سودا مىنستىرلىكىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا ۋە ختتاي ئارسدىكى تۇنجى سودا كىلىشمى ئىمزالانغان

You May Like