Home ئاپتورلارئابدۇۋەلى ئايۇپ يېڭى يىللىق رىقابەتلەر

يېڭى يىللىق رىقابەتلەر

by uyghurtimesuyghur

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە 2024-يىللىق يېڭى رىقابەتلەرگە، پۇرسەتلەرگە ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. رىقابەتلىك رېئاللىق بەزىلەرنى تېخىمۇ غەيرەتلىك قىلىدۇ. خىرىسلىق ئەمەلىيەت بەزى يېڭى كۈچلەرنى زۇلۇمغا قارشى سەپكە قوشىدۇ. بەزى يېڭى پۇرسەتلەر مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ، تونۇتىدۇ، خىتاينى تېخىمۇ ھالسىرىتىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئويلىمىغان ئىھتىماللىقلارغا دۇچ كېلىشىمۇ مۇمكىن.

گەپنى رىقابەتلەردىن باشلايلى. خىتاي بۇ يىلدا بىر قىسىم كىشىلەرنى، بولۇپمۇ بۇرۇنقى لاگىرغا قامالغانلارنى چەتكە چىقىرىپ تەشۋىقاتقا سالىدۇ. لاگىرغا قامالغانلارنى تەشۋىقاتقا سېلىش يېڭى تاكتىكا ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ چەتكە چىقىرىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى بۆلۈپ، ئىرادەسىنى سۇسلاشتۇرۇپ، كۆڭلىنى ئۇتۇشنى قەستلىشى تۇنجى قېتىم.

مۇشۇ ئاينىڭ يەنى يانۋارنىڭ يېرىمىدا ئورتا ئاسىياغا بىر ئۆمەك كېلىدۇ. بۇ ئۆمەك خىتاينىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بايلار، زىيالىلار ۋە ئارتىسلار بولىدۇ. بۇنداق ئۆمەك بۇلتۇر ئورتا ئاسىياغا بىر قېتىم كەلدى. ئۇيغۇرغا تونۇلغان بىر قىسىم ئارتىسلار ئويۇن قويۇپ قايتىپ كەتتى. بۇ ئويۇننى كۆرۈشكە ئىستانبۇلدىن، دۇبەيدىن، مەككىدىن بەزى ئۇيغۇر بايلار ۋە كاتتىلار بېرىپ، ئۆمەكچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدى. ئۆمەكچىلەر ئامېرىكا، تۈركىيە، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بايلارنى، داڭلىقلارنى قايتىپ كېتىشكە دەۋەت قىلدى. ئەركىن ئابدۇللانىڭ قايتىپ كېتىشى دەل شۇ چاغدا چىققان كەسىپداش دوستلىرىنىڭ ۋە جاسۇسلارنىڭ ئىشى بولۇشى مۇمكىن.

18-يانۋار ئورتا ئاسىياغا كېلىدىغان ئۆمەركنىڭ تەركىبىدە بۇرۇن لاگىرلارغا كىرگەنلەر بار. ئېنىق بولغىنى يازغۇچى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى گۈلچىھرە چوڭئەلەم ئەزىز. گۈلچىھرە خانىم 2018-يىلى لاگىرغا قامالغان ۋە بىرەر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ 18-يانۋار تاشكەنتكە كەلمەكچى ئىكەن. بۇنداق ئۆمەكلەرنىڭ ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكا، ئاۋۇسترالىيە ۋە كانادالارغا كېلىدىغانلىقى خەۋىرى بار. كېلىدىغان چىسلاسى ئېنىق بولغىنى ئورتا ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپەلىكى.

2024-يىللىق رىقابەتنىڭ يەنە بىرى پاسپورتلارنى قايتتۇرۇپ بېرىش، كىشىلەرنى تۇغقان يوقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يىغىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى. ئارىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پاسپورتىنى قايتتۇرۇپ بەردى. 2024-يىلى پاسپورتلارنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلەر بولۇشقا باشلاپتۇ. ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە ئۆمەكلەر چۈشۈپ پاسپورتلارنى قانداق كىشىلەرگە ۋە قاچان قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە مۇزاكىرەلەر باشلىنىپ بوپتۇ. يېقىنقى ئايلاردا بۇ ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

2024-يىللىق رېقابەتنىڭ ئەڭ يوشۇرۇن بولىدىغىنى ئىدولوگىيەلىك سىڭىپ كىرىش. خىتاي بىر قىسىم تاراتقۇ شىركەتلەرگە مەخسۇس پۇل خەجلەپ مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىڭىپ كىرىشنى 2020-يىلدىن كېيىن باشلىغان ئىدى، بۇ يىل كۈچەيتىدۇ. خىتاي بۇ قېتىملىق خاماس ئىسرائىلىيە توقۇنىشىدا ئۇيغۇر تىلىدا ئىسرائىيە، ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان بىر قىسىم غەپ دۆلەتلىرىنىڭ تارىخى جىنايەتلىرىنى، قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىدىغان سىنلارنى ئىشلەپ تارقاتتى. خىتاي يەنە مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ ئاغزى، قولى ۋە تىلى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئەيىپلىگەن، مۇسۇلمانلارنى قوللىغان، مەدھىيەلەيدىغان مەزمۇنلارنى تارقاتتى. بۇنداق ئىدولوگىيەلىك سىڭىپ كىرىش يېڭى يىلدا تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ. خىتاي سىڭىپ كىرىشتە دىننى ۋاستە قىلىدۇ، خەلقئارادىكى ۋە مۇھاجىر ئۇيغۇردىكى دىنى تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىدۇ. خىتاي دىندارلارنى ۋاستىچى قىلىپ غەرپكە قارشى جىھاتنى، نەپرەتنى تەكىتلەيدۇ، مىللەتنى، مىللەتچىلىكنى ئىنكار قىلىپ ئىسلامىي قېرىنداشلىقنى تەبلىغ قىلىدۇ.

2024-يىلدا خىتاي تەشۋىقاتتا، ئۆزىنى ئاقلاشتا، قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشتا ئۇيغۇر داڭلىقلارنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدۇ. 2023-يىلدا ئۇيغۇرلارغا داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمى خىتايدا ئېچىلمايدىغان چەتتىكى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارغا داڭلىق دىلرابا دىلمۇراتنىڭ فېيىسبۇك ھېسابى ئېچىلدى، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ نامىدا فېيىسبۇك ھېسابى ئېچىلدى. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، سەنەۋەر تۇرسۇن، ئابدۇرېھىم ھېيىت، مۆمىنجان ئابلكىم قاتارلىقلارنىڭ نامىدا ئېچىلغان تۋىتتىر، فېيىسبۇك ۋە ئىنىستگرام ھېساپلىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن.

ماڭا بىۋاستە كەلگەن خەۋەرلەردىن، كۆزەتكەنلىرىمدىن، بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئېرىشكەن پاكىتلاردىن يۇقارقى رىقابەتلەرنى بىلدىم. مېنىڭ بىلىشىم يېتەرلىكمۇ؟ ياق، مەندە بۇلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار تولۇق ئەمەس. ئەمما خىتاي ئۇيغۇرنى مەندىن ياخشى چۈشىنىدۇ. خىتاينىڭ قولىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى تولۇق توپلانغان بولغاچقا قانداق ھۇجۇم قىلىشنى بىلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنىڭ دىنغا مايىللىقىنى، قانچە پىرسەنتىنىڭ ئىسلامغا ئائىت مەزمۇنلارنى دائىم كۆرۈدىغانلىقىنى، قانچە پىرسەنتىنىڭ خىتايغا داۋاملىق قارشى تورىدىغانلىقىنى، قانچە پىرسەنتىنىڭ سۈكۈتتە ياشاۋاتقانلىقىنى، قانچە پىرسەنتىنىڭ ئۆز تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، قانچە پىرسەنتىنىڭ يىراقلىشىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قانچە كىشىنىڭ مىللىتىگە، تارىخىغا، تارىخى شەخسلەرگە، تەشكىلاتلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى ياكى بىپەرۋالىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ ھۇجۇمى بىلەن بىزنىڭ مۇداپىيە قابىلىيىتىمىز ئارىسىدا پەرق چوڭ، ئەمما بىزمۇ ئاجىز ئەمەس، چۈنكى بىز ھەق تەرەپتە. خىتاي ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ، قاماقتا ئازاپلىنىۋاتقانمىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ قان قىساسى، پەپىلەپ قويغانغا، بېشىنى سىلىغانغا، تۆت تەڭگە بىلەن گۆللىگەنگە تۈگىمەيدۇ.

بىز ئۆزىمىزنى يۇقارقى رىقابەتلەردىن قوغداشتا خىتايدەك توردىن، ھەر قايسى ئەللەردىن بىۋاستە ئۇچۇر توپلايدىغان مىڭلىغان شىركەتلەرگە ۋە خادىملارغا ئىگە ئەمەس، بۈگۈنكى دۇنيادا كىمنىڭ قولىدا ئۇچۇر تولۇق بولسا، كىمنىڭ قولىدا سانلىق مەلۇماتلار يېتەرلىك بولسا شۇنىڭ تەدبىرى جايىدا، ھۇجۇمى نىشانلىق بولىدۇ. ئەمما مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانىغا ئىشىنىمەن، ئادالەتنىڭ بارلىقىغا چىنپۈتىمەن، ھەقنىڭ ھامان غەلىبە قىلىشىغا ئىمانىم كامىل، خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇملاردا غەلىبە قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن. توغرا، خىتاي يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇھاجىرەتكە چىقىشىغا رۇخسەت بەردى، ئەمما تېخى ئۇلارنىڭ بىرىمۇ غەرپ مەتبۇئاتىدا خىتاينى ماختىغان يوق. ئۇلاردىن بىرىمۇ قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىپ تاراتقۇلاردا سۆزلەپ كەتمىدى. يېڭى چىقىۋاتقانلارنىڭ يوشۇرۇن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىرى ئاز ئەمەس، ئەمما تېلۋىزورلاردا سۆزلەپ زۇلۇمنى ئاقلاۋاتقانلار كۆرۈلمىدى. خىتاي مەيلى داڭلىقلارنى سۆزلەتسۇن، مەيلى دىنىمىزدىن بايدىلانسۇن، مەيلى بىرلىكىمىزنى بۇزسۇن، پاسپورتلارنى تارقىتىپ، مەھبۇسلارنى چەتئەللەردە سۆزلەتسۇن مەغلۇپ بولغىنى بولغان.

خىتاينىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى، قىلىۋاتقان مۇداپىيەسىنى، تىپىرلاشلىرىنى بىزگە قاراتقان رىقابەتلەرنى مەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبەسى دەپ بىلىمەن. بىز خىتاينى كەينىگە چېكىندۈرۈپلا قالماي، تىرلىيۇنلاپ ئىقتىسادىغا زىيان سېلىۋاتىمىز، ئۆزىنى ئاقلاشقا مىليارتلاپ دوللار سەرپ قىلغۇزۇپ ئىنجىقلاتتۇق. ئەمدى بۇ رىقابەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ۋەتەندىكىلەرنىڭ ئەقلىگە، ۋىجدانىغا ۋە ئىرادىسىگە باغلىق.

بۇ رىقابەتلەرگە سىز قانداق قىلىسىز؟ مەن قانداق قارشىلىق قىلىمەن؟ خىتاينىڭ لاگىرىدىن چىقىپ، «ئ‍ويۇن» قويۇشقا، «تىجارەت» قىلىشقا، «تۇغقان» يوقلاشقا سەپەر قىلىپ چەتئەللەردە تەشۋىقات قىلغانلار كىم بولسۇن، قانداق باھانە كۆرسەتسۇن، مەن پاش قىلىمەن، كەچۈرمەيمەن! خىتايغا بېرىپ، «ۋاي ئوڭشىلىپ كېتىپتۇ!» دەپ كەلگەنلەرنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىمەن. چەتتە دىنىمىزنى تەرغىپ قىلىپ، تالىپ تەربىيەلەپ، «ئاللاھ بەردى» دەپ بىلىپ بىلمەي خىتاينىڭ پۇلىغا باغلانغانلارنى، تۈركىيە، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، مالايسىيە، ھىندونۇزىيە ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى سېتىلما ئىسلامىي فوندى جەمئىيەتلەردىن، شۇلارنىڭ قولى بىلەن خىتايدىن ۋاستىلىق مەبلەغ ئېلىۋاتقانلارنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنىڭ دوللار ھېسابىنى شىكايەت قىلىپ تاقىتىشقا كۈچەيمەن. چۈنكى ئاشكارىلىسام ئۆزى ئىشەنمەيدۇ، سىلەرمۇ ئىشىنەلمەيسىلەر.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment