بۇ ھەپتە خىتاي دۆلەت كېڭىشى خەۋەر بۆلىمى تۇنجى «خىتاينىڭ ئېكسپورت كونترولى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا ئېكسپورتنى كونترول قىلىشتىكى «گۇرۇھ» ئالامەتلىرى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن پەيدا بولغان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.

ختتاي دىپلوماتىيە منسترلىكى، ختتاي ج خ منسترلىكى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىر تۇتاش پىلانلىغان، ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان (ئۇيغۇرستان)دىكى سياسەتلىرىنى ماختاشنى مەقسەت قىلغان «ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار تور سۆھبەت يېغىنى» مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-دېكابىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ نۆۋەتتىكى ئۇكرانىيە مەسىلىسى، ئىران يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ۋە خىتاي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەل ئارابىيە تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا بۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە MDLBeast نامىدىكى مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ فېستىۋالغا 730مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. سەئۇدى ئەرەبىستان «خان جەمەتى ئومۇمى كۆڭۈل ئېچىش ئورگىنى» (GEA) رەئىسى تۈركى ئەل شەيخنىڭ دېيىشىچە مەزكۇر فېستىۋال تۆت كۈن داۋاملاشقان بۇ فېستىۋال ھازىرغىچە دۇنيادىكى قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ زور مۇزىكا فېستىۋالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 2018-يىلىدىن بىرى ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى نامىدا،ختتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنيا خەلقىگە پاش قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەتلىك بىلىم، ئۇچۇر ۋە خەۋەر تارقىتىدىغان سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ ئۇلۇغۋار سەپكە قوشۇلۇپ، سەمىمى ۋەتەنپەرۋەر زىياليلار بىلەن خىزمەت قىلىڭ!

بىر مەيدان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانىڭ نىشانىنى قايتىدىن تۈزىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى — 2020- يىللى ئىقتىساد مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسىلا «مۆجىزە»، چېكىنىشى ئانچە چوڭ بولمىسىلا غەلىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ 2021- يىلى كۆپ خىل ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قايتىدىن جانلىنىپ، ئېشىش نىسبىتى رېكورد ياراتتى؛ ھالبۇكى 2022- يىلى، يەنى خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىپ ئۈچىنچى يىلى بولغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستا – ئاستا نورمال ھالەتكە قايتىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ ئىقتىسادى زادى قانداق بولىدۇ؟

2-دىرىكتورلار -ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىنچىلىققا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئىغىر كۈنلەردە، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىغان دۇرۇس ۋە ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار ، يتەكچىلىك رولىغا ئىگە زىيالىيلار بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ بارلىق ئوت يۈرەك زىيالىيلىرى بىلەن بىر سەپتە، ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مەڭگۇ ئۇنۇتمايدىغان شەرەپ ئىگىلىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇلار ئ‍نسان، ئۇيغۇر، پەرزەنت،ئانا ياكى بالا، قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلىۋاتقان مەسئۇلىيەتچان كىشلەردۇر.

تۈركىيە «سەلەنگە» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ« شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا سۇنۇلدى.

خىتاي تاراتقۇسى «دۇنيا ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 22-دېكابىر بېيجىڭغا جايلاشقان «خىتاي تارىخ تەتقىقات ئاكادېمىيەسى» دە ئاتالمىش «2021-يىللىق شىنجاڭ ئاقىللار مۇنبىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارمىقىدىكى خىتاي تارىخى تەتقىقات ئىنستىتۇتى چېگرا رايون تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاقىللار ئامبىرى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.

تۈركىيەدىكى « مودېرن سەنئەت» ژۇرنىلىنىڭ 11-12 ئايلىق پەسىللىك سانى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە سان قىلىپ چىقىرىلدى. بۇ ژۇرنال پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىتىلىدىغان بولۇپ ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا لاگېر شېھىتى مېھراي ئەركىننىڭ رەسىمى ئىشلىتىلدى.