فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇن» تەشكىلاتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسى يېنىغا تاجىكىستان ساقچىلىرى ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى بولغان.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتىنىڭ پايتەختى باندارى سەرى بەگاۋاندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 39 قېتىملىق «شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر كۆرۈشۈشى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك «جەڭ» مەيدانىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە تىركىشىش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا قويۇلغان زىددىيەتلىك پىكىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىستانبۇلدا «ئاپتور ۋە ئوقۇرمەن ئۇچرىشىشى » نامىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە ئەركىن سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئەردوغان ئامېرىكا،فرانسىيە،ئەنگلىيە قاتارلىق 10دۆلەت باش ئەلچىلىرىنى قارشى ئىلىنمايدىغان كىشلەر دەپ ئىلان قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.