«يەھۇدى دۇنياسىغا نەزەر» تەشكىلاتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك سانلىق مەلۇماتى»تەكشۈرۈش قورالى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

يەھۇدى دۇنياسىغا نەزەر تەشكىلاتى ( Jewish World Watch)-تۈرلۈك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردىن ئامان قالغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە بارلىق دىن ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشلەر بىلەن بىرلىكتە ئىرقى قىيىنچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يەھۇدى تەشكىلاتى.
مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇندىن بىرى،ئۆزىنىڭ زور چاقىرىق ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر قىيىنچىلىقىنى يەھۇدى جەمئىيەتلىرىگە بىلدۈرۈش، ھېمايىچىلىق قىلىش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياردەم توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان.مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق قىلىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق 2000دىن ئارتۇق تەشكىلاتنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىر سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئەگەر سز مەلۇم شىركەت ياكى ماركىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق شۇ شىركەت ياكى ماركىنى ئىزدەپ ئالاقىدار ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز.

https://jww.org/uyghur-china-forced-labor-database/

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ھەر بىر ئۇيغۇرغا بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشى

چا سېنتەبىر 6 , 2023
ختاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش، ھۇجۇم قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش، بىر-بىرىگە ئۆچ قىلىش مەقسىتىدە بارلىق رەزىل-يوشۇرۇن ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتە ۋە تاكتىكىلارنى قوللىنىشنى كۈچەيتمەكتە.سز بىلمەستىن ختاينىڭ ئۇچۇر توپلايدىغان دىتالىنى ئ‍ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بايقىغان ئاساسلىق تەھدىتلەر تۆۋەندىكىچە:1-فايىس بۇكتا سىز بىلەن يالغان ھېسابات ئارقىلىق دوست بولۇش، سىزگە ئۇچۇر ئەۋەتىش […]
تور بېخەتەرلىكى

You May Like