خۇاۋېينىڭ زاۋۇت قۇرۇش پىلانى فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

خۇاۋېينىڭ زاۋۇت قۇرۇش پىلانى فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 2-مارت پارىژ خەۋىرى

 

ئارمان

 

يېقىندىن بۇيان خىتاي ئالاقىلىشىش شېركىتى <<خۋاۋېي>> نىڭ فرانسىيە ستراسبۇرگ شەھىرىگە ئۈسكۈنە زاۋۇتى قۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى تالاش تارتىش قىلىنىۋاتقان ئاساسلىق قىززىق نۇقتىلاردىن بولۇپ قالدى. ستراسبۇرگ شەھىرىنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى بولغان <<سىتاسبۇرگ 89-كوچىسى>> ناملىق گېزىتى 27-فېۋرال كۈنى باش بېتىدە << پۇقرالار ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قوللىغان شېركەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى قوبۇل قىلامدۇ؟>> دېگەن تېمىدا زىيارەت ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. زىيارەتتە ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائېىل گلۇكسماندىن Raphaël Glucksmann بۇ ھەقتە سوئاللار سورالدى.

 

مۇخپىرنىڭ: نېمە ئۈچۈن خۋاۋېي فرانسىيەدە زاۋۇت ئېچىشقا شۇنچىلىك قىزىقىدۇ دېگەن سوئالىغان ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:

 

-<<خۋاۋېينىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى ياۋروپا بازىرىغا سىڭىپ كىرىش. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خۋاۋېي – خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ شېركەت. ياۋروپانىڭ مەركىزى بولغان ستراسبۇرگتەك چوڭ شەھەردە زاۋۇت قۇرۇش خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ياۋروپاغا سىڭىپ كىرىش ئاساسىي ستراتىگىيىسىگە تامامەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن فرانسىيەدەك دۆلەتتە پۇت تىرەپ تۇرغاندىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا ئافرىقا بازىرىغىمۇ سىڭىپ كىرەلەيدۇ. تەھلىل قىلىپ كۆرسەك 2008- يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىش ستراتىگىيىسىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەردە ئۇلارغا تايىنىپ قېلىشتەك ھادىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. بۇنىڭ تىپىك مىسالى گرىتسىيە بىلەن پورتۇگالىيە، بۇدۆلەتلەر خىتايدىن كەلگەن قەرز بېسىملىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئامالسىزلىقتىن پورت ۋە ئېنىرگىيە ھۇل ئەسلىھە زاۋۇتلىرىنى خىتاينىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلىماقتا>>.

 

مۇخبىرنىڭ ئەگەر خۋاۋېي زاۋۇتى قۇرۇلۇپ قالسا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھتىدى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى:

 

<<ئەلۋەتتە ئالساس رايونى فرانسىيەنىڭ ئاساسلىق ھەربىي ئەسلىھەلىرى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر رايون. بۇنىڭدەك مۇھىم رايوندا خۋاۋېيدەك بىر شېركەتنىڭ زاۋۇت قۇرۇشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ رايوندا زاۋۇت قۇرۇش مەسلىسىگە ساددىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك، بۇ پەقەت قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇققا تاقىشىدىغان مەسىلە بولۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تاقىشىدىغان مەسلە،بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىستىخپارات ئورگانلىرىدىنمۇ ئىنتايىن ھوشياربۇلۇشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك>>.

 

مۇخبىرنىڭ <<ھازىر ئامرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پەقەتلا ئىقتىسادى پايدا مەنپەئەتنى كۆزلەپ ئۇيغۇر مەسلىسىنى دەستەك قىلىپ خۋاۋېينى چەكلەۋاتىدۇ،بۇ ئارقىلىق خىتايغا قارا سۈركەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ دېگەندەك كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۇت. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟>> دېگەن سوئالغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

 

<<ئامرىكا ھېچقاچان جازالاگېرلىرىنى قۇرۇپ چىققان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلغان ئەمەس، شۇنداقلا خۋايۋېيدەك تېخنىكا شېركەتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۇيغۇرلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالغانمۇ ئەمەس. ئۇلارنى كۈزىتىپ ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرىشىغا ياردەم قىلغىنىمۇ ئامرىكا ئەمەس. مەن كىشىلەرنىڭ ئامرىكىغا نىسپەتەن بۇ ھەقتىكى گۇمانىي كۆز قاراشلىرىنى توغرا چۈشىنمەن. بىز پەقەت ئامرىكىغا بولغان سەلبىي كۆز قاراشلىرىمىز سەۋەبىدىنلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسلىلەرگە كۆز يۇمساق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن>>.

 

زىيارەتنىڭ ئاخىرىدا رافائېل گلۇكىسمەن ئەپەندى ھازىرقى فرانسىيەدىكى ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بولۇپمۇ 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەسلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنى تەشكىللەۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا لاكوست، ئادىداس، H&Mدېگەندەك داڭلىق ماركىلارنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، ستارسبۇرگ شەھىرى جايلاشقان ئالساس رايونىدىكى بارلىق خەلىقنىڭ ھەركەتكە ئۆتۈپ ھۆكۈمەتنىڭ زاۋۇت قۇرۇش قارارىغا قارشى چىقىشىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان بۇنداق شېركەتنى بايقۇت قىلىشىنى چاقىردى.

 

مەنبە:

 

https://www.rue89strasbourg.com/raphael-glucksmann-huawei-citoyens-massacre-ouighours-201534?fbclid=IwAR0l0sB1_6rnfEydSsh7GIXA3GZf2inn6NPcau_yd7pThDqx9tyJsJ8J3uc

 

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئېيى پارتىيەسى لېدىرى مەرال ئاقشەنەر تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

چا مارت 3 , 2021
ئېيى پارتىيەسى لېدىرى مەرال ئاقشەنەر تۈركىيە پارلامېنتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

You May Like