پاكىستاندا خىتايلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى ئۆلۈپ ئىككى كىشى يارىلانغان

پاكىستاندا خىتايلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى ئۆلۈپ ئىككى كىشى يارىلانغان

 پاكىستاندا خىتايلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى ئۆلۈپ ئىككى كىشى يارىلانغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 29-سېنتەبىر

28-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كاراچى شەھىرىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر كىشى ئۆلۈپ ئىككى كىشى يارىلانغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى بىمار سىياقىدا ياسانغان بىر كىشى كاراچى شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى Richard Hu ئىسىملىك خىتاي ئاچقان چىش ئامبۇلاتورىيەسىگە كىرىپ ئۇلارغا ئوق چىقارغان. ۋەقەدە دوختۇر ياردەمچىسى Ronald Chow ئىسىملىك بىر خىتاي نەق مەيداندا قازا قىلغان،Richard Hu ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى Margaret يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئەۋەتىلگەن. 

خەلقئارا خەۋەر قاناللىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خىتايلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ۋە پاكىستان قوش دۆلەت گىراژدانلىقىغا ئىگە ئىكەن. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئەزەلدىن قوش دۆلەت گراژدانلىقنى ئېتىراپ قىلمايدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ كۆپ ساندىكى پۇقرالىرى پاكىستاندا قوش گىراژدانلىق سالاھىيىتى بىلەن بەخىرامان ياشايدىكەن.

پاكىستان يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى 29-سېنتەبىر مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تېخى قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىدىن كەلگەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئىسپات-«ئىمزەك ئاپتونومىيە»

پە سېنتەبىر 29 , 2022
خىتاينىڭ كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئىسپات-«ئىمزەك ئاپتونومىيە»

You May Like