تېۋىتىر شركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئالاقىدار 170مىڭ تېۋىتىر ھېسابىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تېۋىتىر شركىتى ختتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن 170مىڭدىن ئارتۇق ساختا ھساباتنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ستانفورد تور نازارەت جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ھسابلار خىتاينىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە كورونا ۋېرۇسىغا ئالاقىدار يالغان ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسگە پايدىلىق مەزمۇنلارنىلا تارقىتىدىكەن. بۇ ھسابلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى ئايدا ئېچىلغان بولۇپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ،ۋاشنگىتون

 

ئۇيغۇرىئان

 

تېۋىتىر شركىتى ختتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاقىدار ئىكەنلىكى جەزىملەشتۈرۈلگەن 170مىڭدىن ئارتۇق ساختا ھساباتنى تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ستانفورد تور نازارەت جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ھسابلار خىتاينىڭ خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە كورونا ۋېرۇسىغا ئالاقىدار يالغان ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسگە پايدىلىق مەزمۇنلارنىلا تارقىتىدىكەن. بۇ ھسابلارنىڭ كۆپىنچىسى بىرىنچى ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، ئىككىنچى ئايدا تېز سۈرئەتتە خىتايغا پايدىلىق ئۇچۇر تارقىتىشنى باشلىغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 10 ئەگەشكۈچىسىمۇ يوق، تەرجىمھالى يېزىلمىغان، ئىنكاس ۋە تېما شەكلىدە خىتاي كومپارتىيىسىنى ماختايدىكەن. ئۇلار دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە كۈندە سەككىز سائەت ئۇچۇر يوللايدىغان بولۇپ، ھەپتە ئاخىرى ئىنتايىن ئاز يوللايدىكەن. ئۇلار ھىچقانداق سۈنئىي تور مۇلازىمىتى ئىشلەتمەستىن بىۋاستە تورغا چىقىدىكەن. ھەمممىسى خىتاي ئىچىدىكى ئىنتېرنېت ئادرېسى ئىكەن. بۇ ھسابلارنىڭ ئىچىدە 23مىڭ 750 ھساب مەخسۇس تېما يوللاشقا، قالغان150مىڭ ھساب ئۇچۇرلارنى كۈچەيتىشكە مەسئۇل بولغان، ئۇلار جەمئى 348مىڭ 608 پارچە ئۇچۇر تارقاتقان.
پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئشلار منىستىرلىكى باياناتچىسى خۇۋاچۇنيىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ: ئەگەر تېۋىتىر ساختا ئۇچۇرلارغا راستىنلا زەربە بەرمەكچى بولسا، جۇڭگو ساختا ئۇچۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىينىغا ئۇچرىغۇچى. بىز ساختا ئۇچۇرلارغا قارشى»دېگەن.
ئۆتكەن يىلى تېۋىتىر خىتاي چىگراسى ئىچىدىن تورغا چېقىپ يالغان تەشۋىقات تارقاتقان 1000 ھسابنى تاقىۋەتكەن ئىدى.

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

كەسكىن نارازىلىق!!!

شە ئىيۇن 13 , 2020
ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ( شەرقى تۈركستان) بايرىقىنى ھاجەتخانا ئەۋرەز ئولتۇرۇق ئاستىغا سېلىپ ئامازوندا كۆرستىپ ساتماقچى بولغان. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە، شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت.

You May Like