ختاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن ۋەزىيتى ۋە كەلگۈسىدە كەسكىن بايانات بەردى.بايدىن: تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز

ئەركىن ئ‍ۇيغۇر، 17-يانۋار

تەيۋەندە ختايغا قارشى پارتىيە نامزات لەي چىڭدى پىرەزدىنتلىققا سايلانغاندىن كىين، پۈتۈن دۇنيادا ختاينىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلىقى داۋام كۈچلۈك قىزىزىقىش قوزغىماقتا.

تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان نامزات سايلامدا ئۇتقان كۈنى،ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا سۇئالىغا قىسقىلا قىلىپ: ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ-دىگەن.

تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان نامزات سايلامدا ئۇتقان كۈنى،ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا سۇئالىغا قىسقىلا قىلىپ: ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ-دىگەن.

ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار منستىرى بلىنكىن تەيۋەن پىرەزدىنتىنىڭ دىموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن، بۇ ختاينى قاتتىق بىئارام قىلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 2024-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، مىسىردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ختاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاھىرەدە مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەن..

مۇخبىرلارختاينىڭ تەيۋەن رايونىنىڭ رەھبەرلىرى سايلانغاندىن كېيىنكى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن ۋەزىيىتىگە بولغان قارىشىنى سورىغاندا:

   تەيۋەن ئەزەلدىنلا دۆلەت بولغان ئەمەس، ئىلگىرى ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ! «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەزەلدىن مۇمكىن ئەمەس، ئىلگىرى مۇمكىن بولمىغان، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ! تەيۋەن ئارىلىدا كىمكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» قىلماقچى بولىدىكەن، جۇڭگو زېمىنىنى پارچىلىغان بولىدۇ، ئۇ جەزمەن تارىخ ۋە قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. خەلقئارادا كىمكى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولىدۇ، ئۇ چوقۇم بارلىق جۇڭگو خەلقى، ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ

    ۋاڭ يى: « تەيۋەن رايونىنىڭ سايلىمى جۇڭگو يەرلىك ئىشلىرى. سايلام نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسىي پاكىتنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

.

  ۋاڭ يى: 80 يىل ئىلگىرى بىز ھازىر تۇرۇۋاتقان قاھىرەدە جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ئۈچ دۆلەت «قاھىرە خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلىپ، «ياپونىيە ئوغرىلاپ كەتكەن جۇڭگو زېمىنى تەيۋەننى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىش»نى ئېنىق بەلگىلىگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 1945-يىلى جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «پوتسدام ئاخباراتى»نىڭ 8-ماددىسىدا «<قاھىرە خىتابنامىسى>نىڭ ماددىلىرى چوقۇم يولغا قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ياپونىيە «پوتسدام ئاخباراتى»نى قوبۇل قىلىپ، شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ بىر قاتار خەلقئارا قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆججەتلەر ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس زېمىنى ئىكەنلىكىنىڭ تارىخى ۋە قانۇن نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغان

.

.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىسلاندىيەنىڭ رېكيانىس يېرىم ئارىلىدا يەنە بىر قېتىم يانار تاغ پارتلىدى

چا يانۋار 17 , 2024
 ئىسلاندىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رېيكيانېس يېرىم ئارىلى گرېنداۋىك بازىرى ئەتراپىدا 14-يانۋار يانار تاغ پارتلىدى. بۇ 2023-يىل 12-ئايدىن بۇيان بۇ رايوندىكى ئىككىنچى قېتىملىق يانار تاغ پارتلاش ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يانار تاغ 14-چېسلا ئەتىگەندە پارتلىدى. بۇ قېتىمقى پارتلاش يانار تاغ يېرىقنىڭ پارتلىشى، ئادەتتە چوڭ يانار تاغ […]
يانار تاغ

You May Like