ئانالىز: تۇنجى نۆۋەتلىك«ختاي-ئ‍وتتۇرا ئاسيا رەھبەرلەر يېغىنى»-ختاينىڭ «يەر شارى قارا ستراتېگىيە»سنى ئاشكارلىدى.

ئانالىز: تۇنجى نۆۋەتلىك«ختاي-ئ‍وتتۇرا ئاسيا رەھبەرلەر يېغىنى»-ختاينىڭ «يەر شارى قارا ستراتېگىيە»سنى ئاشكارلىدى.

ئانالىز: تۇنجى نۆۋەتلىك«ختاي-ئوتتۇرا ئاسيا رەھبەرلەر يېغىنى»-ختاينىڭ «يەر شارى قارا ستراتېگىيە»سنى ئاشكارلىدى.
ئۇيغۇرىئان
ختاي رەھبىرى شى جىن پىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت لىدىرلىرىنى ختاينىڭ قەدىمى پايتەختى شئەندە كۈتۈۋىلىپ، ئۇ يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويغان «ختاي-ئوتتۇرا ئاسيا رەھبەرلەر يېغىنى »نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىينى ئاچتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ دۆلەتلەر ختاي بىلەن رەسمى شەكىلدە ئىمزالىغان خەلقئارالىق چوڭ كىلىشملەر: دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورنىتىش كىلىشمى، چىگرا بېخەتەرلىك شەرتنامىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىق كىلىشمى، ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بىرىش شەرتنامىسى، بىر بەلباغ بىر يول شەرتنامىسى …قاتارلىق يۈزلىگەن كىلىشمنامىلەر بولۇپ، بۇلار ختاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىنىڭ بېخەتەرلىك ۋە ئېقتسادى ھەمكارلىق جەھەتتكى ھەمكارلىششغا سياسى ۋە قانۇن ئاساس يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.ئۆتكەن يىلى ختاي ۋە ئوتتۇرا ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرى ختاينىڭ مەنپەئىتى ئاساس قىلىنغان ختاي-ئوتتۇرا ئاسيا ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇپ، ھەمكارلىقىنى يەنە بىر پەللە كۈچەيتتى.شئەندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ختاي ۋە ئوتتۇرا ئاسيا بۇ يىلقى رەھبەرلەر يېغىنى-ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 7 كۈچلۈك دۆلەت ياپونىيەدە بىرلەشمە يېغىن ئېچىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. گىرمانىيە ئاۋازى بۇ ئىككى يېغىننى -بەلكىم قۇتۇپلاشقان دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ تەسۋىرلىدى.
روسيەنىڭ ئۇكرائىنا تاجاۋۇزچىلىقى ۋە غەرپنىڭ روسيەگە قاراتقان ئېقتسادى جازاسى روسيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى تەسر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. بۇ ختاي ئۈچۈن مەزكۇر رايوندىكى تەسر كۈچىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تارىخى پۇرسەت يارىتىدۇ. روسيەنىڭ ئۇكرائىنا تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئەندىشە قىلغان ئوتتۇرا ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرى روسيەنىڭ كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن روسيەگە باراۋەر ياكى كۈچلۈك بولغان يەنە بىر خەلقئارالىق كۈچكە مۇھتاج. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ تىرشچانلىقى يتەرسز ۋە جۇغراپىيەلىك ئارلىقى قولايسز بىر مۇھىتتا، ئېقتسادى كۈچلۈك بولغان، خوشنا بولغان ختاي-ئوتتۇرا ئاسيانىڭ روسيەگە قارشى قوللىنىدىغان تەڭپۇڭ كۈچى.
ئوتتۇرا ئاسيا-ختاي، روسيە،ياۋروپا ئېتتپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق يەر شارى كۈچلىرى تەسر دائىرسى تالىشىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك رايون بولۇپ كەلگەن.ئەمما ھازىر بۇ ئۆزگەرمەكتە.ئوتتۇرا ئاسيا بىرىنچى دەرىجىلىك تەسر دائىرسى تالىشىدىغان رايون بولۇپ قالدى.يۇقىرىدىكى يەر شارى خاراكتىرلىك كۈچلەرگە ھىندستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبستان قاتارلىق رايون كۈچلىرىمۇ قوشۇلدى.
تۈركىيە باشچىلىقىدىكى تۈركى دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ سياسى غايىلەرنى نشان قىلسمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدى ۋە ئۇنىڭغا تەسر كۆرستىۋاتقان كۈچلەر ئۇلارنى كۈتكەن غايىسگە تىز يەتكۈزمەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسنىڭ مەغلۇبيتى، روسيەنىڭ ئۇكرائنا تاجاۋۇزچىلىقى-ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىنىڭ ختاينى تاللشىدىكى تاشقى ئامىللارنىڭ بىرى.
ئوتتۇرا ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى-ئۆزىنىڭ دۆلەت بېخەتەرلىكى ۋە روسيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئوخشاش ئۆز دۆلەتلىرىگە قول سوزۇماسلىقى.شۇنداقلا ئېقتسادى ھەمكارلىق بەلبىغى ۋە ئەركىن سودا كىلىشمىنى كۈچەيتىش.ئۇلار خىلى ئۇزۇن بىر دەۋرگىچە ئۇيغۇرلار ياكى باشقا تۈركى خەلقلەرنى ئويلايدىغان ئىرادىسى، مەنپەئىتى ۋە كۈچى بولمايدىغانلىقى ئاشكارا بولۇپ كەلدى.تۈركىيە-بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايوندىن ھالقىپ يەر شارى خاراكتىرلىك كۈچ ئىكەنلىكى، بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى رىقابەتچلىرى ۋە ئېتتپاقداشلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىرىشمەكچى بولىدۇ.بۇ ھىچبولمىسا، ئوتتۇرا ئاسيادىكى سياسەتچىلەر ۋە بېيجىڭدىكى ختتاي قارارچىلىرىنىڭ باھاسى.
ئوتتۇرا ئاسيانى تالىشۋاتقان بارلىق كۈچلەر ئىچىدە،ختتاي- ئوتتۇرا ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يېقىنلىشپ، بار كۈچى بىلەن قوللاۋاتقان بىردىنبىر ھەمكارلاشقۇچى. ئەمما ختاينىڭ مەقسدى-ئوتتۇرا ئاسيا قورچاق جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتپاقى بەرپا قىلىش بولۇپ، ختاي بۇنىڭدىن ھەم بېخەتەرلىك – ھەربى، سياسى ۋە دىپلوماتىك، ئېقتسادى مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
ئۆتكەن 30 يىلدا جىياڭزىمىن ۋە ئۇ قۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى-نەزەربايۇۋ ۋە ئسلام كەرىموۋلارنىڭ قوللىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرستان مۇستەقىللىقىنى چەكلەشتىكى ئالدىنقى فىرونتتا ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردى. نۆۋەتتە ختاي بۇ دۆلەتلەر ئارقىلىق بىرلا ۋاقتتا روسيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.بۇنى بىلىش ئۈچۈن شى جىن پىڭنىڭ 19-ماي بۇ يېغىندا قىلغان سۆزىگە دىققەت قىلىش ئەرزىيدۇ:بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن 2013-يىلى بىر بەلباغ ، بىر يول قۇرۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىىپ، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ختاينىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق.دۇنيا ئوتتۇرا ئاسياغا مۇھتاج.دۇنيا-بىر مۇقىم ۋە بېخەتەر بولغان، گۈللەنگەن، دۇنياغا تۇتاشقان بىر ئوتتۇرا ئاسياغا مۇھتاج.بىز بۇنىڭدىن كىين مۇنداق 4 نەرسنى كۈچەيتشمىز كىرەك: بىرىنچى ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش، ئىككىنچى ئورتاق تەرەققى قىلىش، بېخەتەرلىكتە چىڭ تۇرۇش، دوستانە دۇنيا بەرپا قىلىش». بۇلار ھەممىسى قارىماققا خەلقئارا نىزامنامىلەرگە ۋە نورمال ئەقىلگە ئۇيغۇندەك تۇيۇلىدۇ.ئەمما بۇ تەرتىپلەر ۋە تۇزۇملەرنىڭ ختاي تەرىپىدىن يولغا قويۇۋالىۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنىڭ بۇ چەمبرەكتە ختاي سزغان يول خەرىتەسى بويىچە مېڭىشى لازىملىقىنى كۆرستىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇكرائىنا پىرىزدىنتى زىلنىسكى ئەرەپ ئىتتىپاقى يىغىنىغا كەلدى

شە ماي 20 , 2023
ئۇكرائىنا پىرىزدىنتى زىلنىسكى ئەرەپ ئىتتىپاقى يىغىنىغا كەلدى

You May Like