خىتايلار يالغان سان-سېفىرلار سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق داۋاملىق دۇنيانى ئالدىماقتا

خىتايلار يالغان سان-سېفىرلار سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق داۋاملىق دۇنيانى ئالدىماقتا

خىتايلار يالغان سان-سېفىرلار سېلىشتۇرمىسى ئارقىلىق داۋاملىق دۇنيانى ئالدىماقتا

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 8-ئۆكتەبىر

سۇلتان تەييارلىغان

خىتاي باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتىدا داۋاملىق ساختا سان-سېفىرلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، دۇنيانى ئالداشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىت سانىنى ئامېرىكا شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مەسچىتلەر سانى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، خىتايدا «دىنىي ئەركىنلىك» قوغدىلىۋاتىدۇ دەپ بىلجىرلىغان. ھەمدە ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن قايسىسىنىڭ يالغان سۆزلەپ كېلىۋاتقانلىقى، قايسىنىڭ بەكرەك دىنىڭ ئەركىنلىكنى قوغدىغان قىياپەتكە كېرىۋالغانلىقىغا سوئال قويغان. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «تېررورلۇق» نى باھانە قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايىتىنى يېپىشقا ئۇرۇنغان. 

ئۇ ئۆزىنىڭ 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدە يوللىغان تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا (خۇا چۇنيىڭنىڭ سۆزىچە شىنجاڭ) 24400 مەسچىت بولۇپ، بۇ ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىكى مەسچىتلەر سانى يىغىندىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئارتۇق، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر 530 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ دەپ بىلجىرلىغان. شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان بىزلەر بۇ سان-سېفىرغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ قىپقىزىل يالغانچى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 1950-يىلىدىكى ئۈچ مىليون 600 مىڭدىن 2020-يىلىدىكى 11 مىليون 600 مىڭغا كۆپەيگەن دېگەن. 

ئاددىيغىنە ھېسابلاپ باقساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارچە ئۇيغۇرلار نامازخان، مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ، ئومۇمىي سان 24400*530=12932000 بولۇپ، خىتاي ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلمىغان بالىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىۋەتكەن. ياق، بۇ يەردە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۇڭگان قاتارلىق باشقا مۇسۇلمانلارمۇ بار دېگەن تەقدىردىمۇ، خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئېلان قىلغان سىتاتىسكىسىدا، 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار ئاتاپ كېلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ سانى 14 مىليون 932 مىڭ 200 ئەتراپىدا. دېمەك، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئۇلار ئېيتقاندەك 13 مىليونغا يېقىن. 

ئەمما، خىتاي نومۇس قىلماستىن 0 ياشتىن باشلاپ سەكراتتىكى كىشىگىچە جەملەپ، ھەر مەسچىتتە قانچىلىك كىشىنىڭ ناماز ئوقۇيالايدىغانلىقىنى پەش قىلغان. ئىنچىكە ئويلاپ باقساق، شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر مەھەللە مەسچىتى بولۇپ، كۆپ بولغاندا 100~200 ئەتراپىدىكى كىشىلەرلا سىغىدۇ. خىتاي بىر مەسچىتكە 530 كىشى سىغىدۇ دېيىش ئارقىلىق باشقىلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەر ناھايىتى چوڭ ئىكەن دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرمەكچى بولغان. 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي سىياسەت، تۈزۈملىرىدە ئېنىق قىلىپ ئوقۇغۇچى، ھۆكۈمەت تەمىناتىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن. خىتاينىڭ سىتاستىكىسىدا، يالغۇز ئۇيغۇرلار نوپۇسىدىكى 0~14 ياشلىقلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 30% دىن ئارتۇق بولۇپ، خىتايچە بولغاندا بۇلار ناماز ئوقۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا 15~22 ياشقىچە بولغان تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ خىتاي ناماز ئوقۇشنى چەكلىگەنلەر قاتارىدا. خىزمەتتىكى كىشىلەر ۋە دېھقان پارتىيە ئەزالىرىمۇ خېلىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان ئاياللار يوقنىڭ ئورنىدا ياكى پەقەتلا يوق. دېمەك، خىتاينىڭ سىياسىتىگە كۆرە، ناماز ئوقۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر سانى خىتاي كۆرسەتكەن 13 مىليوننىڭ 10 دىن بىرىگە ئاران توغرا كېلىدۇ. لېكىن، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لاگېرلارغا قامىلىپ، كېسىلىپ، قىيناپ ئۆلتۈرۈۋېتىلمەكتە، ئىچكى ئەزالىرى تۆكمە قىلىپ سېتىلماقتا. بىر قىسمى مەجبۇرىي ئەمگەككە سىلىنىپ، قۇلنىڭ كۈنىنى كۆرمەكتە. 

يەكۈن شۇكى، خىتاي نومۇسنى پۈتۈن قايرىۋەتكەن. بولۇپمۇ خۇا چۇنيىڭدىن ئىبارەت بۇ ئايال نومۇسىنى تولۇق قايرىۋەتكەن بولۇپ، يالغانچىلىقتا ئۇچىغا چىقىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالدىماقتا. 

(خىتاي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئىشىنىپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ سىتاستىكىدىكى سان-سېفىرلار دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغانلىق ئېھتىمالغا يېقىن) 

سىتاستىكا مەنبەسى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئورگان تورى
تور ئادرېسى:  

http://www.gov.cn/zhengce/2021-09/26/content_5639380.htm

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

رابىيە قادىر: ب د ت قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنمىدۇق، كۈچ توپلىدۇق

يە ئۆكتەبىر 9 , 2022
رابىيە قادىر: ب د ت قارارىدىن ئۈمىدسىزلەنمىدۇق، كۈچ توپلىدۇق

You May Like