خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر ھېتگاھتا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇرلار سىياقىدا ساما ئويناتقان
ئۇيغۇرىئان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-ماي ۋاشىنگتون
2022-يىللىق روزى ھېيت دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 2-ماي كۈنى بولغان بولۇپ ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە 3-ماينى ھېيت دەپ جاكارلىغان.
3-ماي كۈنى خىتاينىڭ دوۋيىن، كۇۋەي شوۋ قاتارلىق سوتسىيال مېدىيا سۇپىلىرىدا تارقاتقان ۋىدىئولاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا مىڭلىغان «ئامما» روزى ھېيتنى تەبرىكلەپ ساما ئوينىغان كۆرۈنۈش ئۇيغۇرلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ساما ئۇسۇلى-ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ خۇشاللىق ئۇسۇلى بولۇپ، خۇشال كۈنلەردە ئوينىلىدۇ.
مەزكۇر ۋىدىئو خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسسارى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلۇشىدىن كېيىن ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش مەقسەت قىلىنغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بۇ ۋىدىئونىڭ تارقىلىش ۋاقتى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆلىمىدىن بىنورماللىق ھېس قىلىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بەش يىلدا قەشقەر شەھىرىدىن ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشنى تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، ياش، نەۋقىران ئۇيغۇرلارنى تېپىش ئاسان ئەمەس.
خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ۋە ئالاقىدار مەزمۇنغا ئائىت ئېرىشكەن ۋىدىئولاردىن كۆرىشىمىزچە، مەزكۇر ۋىدىئودا غايەت زور ساندا ئېتنىك خىتاي پۇقرالىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. ھەتتا خىتاي ئاياللىرىمۇ ئۇسۇل ئوينىغۇچىلار قاتارىدا بىللە چۆرگىلەيدۇ.
ماسكا تاقىۋالغان كۆپلىگەن ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ ئېتنىك خىتاي ئەرلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرمەك تەس ئەمەس. ئۇلارنىڭ يۈز چىراي بەلگىلىرى، ئىرقى ئالامەتلىرى، ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي چاندۇرۇپ قويغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تارتقان ۋىدىئولاردا غەرەزلىك ھالدا بېلىگە بەلۋاغ باغلىغان، ئۇزۇن ساقاللىق، دوپپا كىيگەن بوۋايلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئىشلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلىپ بارماقچى بولغان تەكشۈرۈشىگە بىر تۇتاش تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي بولغان تەشۋىقات، ماسلىشىش ۋە بىخەتەرلىك ، ئۆگىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، بىر قىسىم خىتايلار ئۇيغۇرلار سىياقىدا رول ئىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق روزى ھېيت ساماسىدىمۇ ئوخشاشلا خىتايلارنىڭ ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ رول ئىلىشى مۇمكىن ئىكەن.