خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن جەنۋەدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

24- ئىيۇن بۈگۈن شىۋىسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-25

 

24– ئىيۇن بۈگۈن شىۋىسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈنكى نامايىش 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 10-يىللىقىنى خاتىرلەش ھارپىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرپىدىن جىددىي ئۇرۇنلاشتۇرلدى.بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم مۇنداق دىدى: ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ (ش ت )مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرلار ۋەزىيتىنىڭ ناھايىتى ياخشى كىتىۋاتقانلىقى ۋە  «جازا لاگىرنىڭ» يوقلىقى ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى بولغان، بۇ رەزىل قىلمىشتىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي رەھبەرلىكى بۇ قېتىملىق نامايىشىقا جىددىي چاقىرىق قىلدۇق.بىز ئارلىقنى يىراق كۆرمەي مىڭ نەچچە يۈز كىلومىتىر يولنى بېسىپ چاقىرقىمىزغا ئاۋاز قوشۇپ بۈگۈنكى نامايىشىقا كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئەلۋەتتە ھەرقانداق كۈرەش بەدەلسىز بولمايدۇ، بىز مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي كۈرەش قىلغاندىلا مۇستەقىللىقىمىز يېقىن. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق نامايىشىنى ئورۇنلاشتۇرشىمىزدىن خەۋەردار بولغان خىتاي ئەركىن تۇنىيازنىڭ دوكىلات بېرىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇمۇ بىزنىڭ كىچىك بىر غەلبىمىز.

بۈگۈنكى نامايىشىقا ياۋرۇپادىكى ئەنگىلىيە، شىۋىسيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە،ئاۋىستىريە، بىلگىيە  قاتارلىق 7 دۆلەتتىن ئۇيغۇر تەشكىلار ۋە شەخىسلەر بولۇپ 200دىن كۆپ ئۇيغۇرلار قاتناشتى. گەرچە يول يىراق، ھاۋا ئىسسىق بولسىمۇ نامايىشقا كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز ھېرىپ چارچاشقا قارىماي ھەممىسى تىك ۋە جانلىق تۇرۇپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قارشىسىدىكى مەيداندىن ئاۋازىنى بىنا ئىچىگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا  يەتكۈزۈشكە تىرىشىتى. بۈگۈنكى پىژغىرىم ئىسسىق بىرمۇ ئۇيغۇرنى سۇسلاشتۇرۇپ قويمىدى. ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جەمىئەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئارقا -ئارقىدىن سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ داۋا يولىدىكى ئىرادىللىرىنى  ۋە كۈرەشنىڭ غەلبە قىلغانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىكىنى بىلدرۈشتى .

نامايىشچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاۋازى يولدىن ئۆتكەن يۇلۇچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ھەربىرى توختاپ نامايىش ئۈچۈن قويۇلغان لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى تەپسىلى كۆردى ۋە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختاپ ئۆزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەلۋەتتە نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ بەرزەن تەربىيەسىز ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىمۇ جاۋاپسىز قالمىدى.

بۈگۈنكى نامايىشنى بىر قانچە تېلىۋىزيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرىلىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى.

ئاخىردا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم يىغىندىن چىقىپ يىغىندىن دوكلات بەردى ۋە تەكرار رەھمىتىنى بىلدۈردى.نامايىشقا كەلگەنلەرمۇ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپاغا چىدايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى 5-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تىرشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇلار يالغۇز بىراق تەنھا ئەمەس!

دۈ ئىيۇن 24 , 2019
يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئورۇن، ۋاقىت، داۋام جەھەتتىن شەخىس ياكى كىچىك بىر گۇرۇپ كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىختىيارىغا باغلىق ئىلاستىكىلىققا ئىگە تەشۋىقات شەكلى بولغاچ، يالغۇز كىشلىك نامايىشقا ئاتلانغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.
abdurehim-gheni

You May Like