«ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش»ناملىق كىتاب توغىرسدا

«ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» (The War on the Uyghurs) دېگەن بۇ كىتاب ئاخىرى قولۇمغا تەگدى.
كىتاب ئاپتورى شان روبېرتس Sean R. Roberts جورج ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتىتى ئېللىئوت خەلقئارا ئىشلار مەكتىپى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى.

 

مۇھەممەد ئۇيغۇر

 

«ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» (The War on the Uyghurs) دېگەن بۇ كىتاب ئاخىرى قولۇمغا تەگدى.
كىتاب ئاپتورى شان روبېرتس Sean R. Roberts جورج ۋاشىنگتون ئۇنۋېرسىتىتى ئېللىئوت خەلقئارا ئىشلار مەكتىپى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى.
شان روبېرتس ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر كىشى. ئۇنىڭ 90-يىللارنىڭ بېشىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن «ئۇيغۇرستاننى كۈتۈش» (Waiting for Uyghurstan) دېگەن ھۆججەتلىك فىلىمى بار. ئۇنىڭ ئۆتكەنكى ئون يىللاردىكى ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ئۇيغۇرلار ۋە تېرورىزم مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورىزمدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» (The War on the Uyghurs) دېگەن بۇ كىتابى ئامېرىكىدا پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن ۋە ياۋروپادا ئەنگىلىيەدىكى مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
پرنستون ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ كىتاپ ھەققىدىكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى:
2001-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك ۋە ۋاشىنگتونغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېغىر تېرورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ پارتلاش خاراكتېرلىك كىتابتا ئاپتور شان روبېرتس خىتاينىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىك تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنى كۈنسېرى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق يوپۇقى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئېنىقلانمىغان دۈشمەننى نىشان قىلغان بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

 

بۈگۈنكى كۈندە خىتايدا ياشايدىغان 11 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرى»دا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ كىشىلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش پروگراممىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرىدۇر. روبېرتس خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق تولۇق دەلىل-ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى دۇنيا تېرورلۇق ئۇرۇشىغا قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چېتىپ ئەكىرگەنلىكىنى ھەمدە ئۇلارنى بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار خەتەرلىك تېرورلۇق تەھدىتى دەپ جاكارلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىقىنى خەلقئارا تېرورلۇق دەپ قايتا رامكىغا ئېلىشنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىش ئۈچۈن باھانە ۋە تۈرتكە بولغانلىقى، ئاتاقتىكى «ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ تەھدىتى» پەقەت خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدە 10 يىلدىن ئارتۇق باستۇرۇش ئېلىپ بارغىنىدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى، نەتىجىدە بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ بەك باستۇرۇشىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
«ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش» – خىتاينىڭ سىزنىڭ بىلىشىڭىزنى خالىمايدىغان ئىنسانىيەت پاجىئەسىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر ھېكايىسى. بۇ كىتاب شان روبېرتسنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تەپسىلى زىيارىتىنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە ماڭغان ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلغا قايتۇرۇلدى

سە سېنتەبىر 8 , 2020
ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە تاراتقۇ ۋاستىلىرىغا ختتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدا بىگۇناھ قاماققا ئىلىنغان، ئىز-دېرىكى بولمىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش يولغا چىققان 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش 6-سىنتەبىر ئەنقەرەگە كىرگۈزۈلمىگەن.

You May Like