ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالامدۇ؟

ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالامدۇ؟

 

ئابدۇرەھىمجان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 20 – ئاۋغۇست

 

ئىخچاملاپ ئېيتقاندا، تەشكىلى قۇرۇلمىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىسى « دۆلەت » دەپ ئاتىلىدۇ . دۆلەت دەرىجىسىدىن ھالقىغان قۇرۇلمىلار ئىمپېرىيە، فېدېراتسىيە – دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، دۆلەتلەر ئىتتىپاقى دېيىلىدۇ . يەنە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەردەك، دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتنىڭ كچىكلىتىلمە شەكىللىرىمۇ بولىدۇ . دۆلەتنىڭ شەكلى، سىياسى تۈزۈملىرى، سىياسى خاراكتېرى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تەشكىلى قۇرۇلما ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئابستراكىت ئۇقۇمدىن ئىبارەتتۇر. يەنى مەلۇم بىر تۇپراقنىڭ دۆلەت بولغانلىقى ياكى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى، شۇ تۇپراقتا ياشىغان مىللەت ۋە خەلقنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتى تەشكىللەندى دېمەكتۇر. ھاكىمىيەت بولسا تەشكىلى ئاپپاراتلارنىڭ بىرىكمىسىدۇر.
مەلۇم بىر تۇپراقتا ياشايدىغان مىللەت ۋە خەلقلەر، ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان تېررېتورىيىنى بەلگىلەپ، ئىچكى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەرنى بېجىرىپ، مۇنتىزىم قانۇن تۇرغۇزۇپ، بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش تەرتىۋىنى ئورناتمايدىكەن، ئۇ يەر دۆلەت دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ . دۆلەت – يەرنىڭ نامى ئەمەس . شۇنىڭدەك يەرسىز ھۆكۈمەتمۇ دۆلەت ئەمەس . يەر بىلەن شۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان مىللەت قۇرۇپ چىققان، ھاكىمىيەت تەشكىلاتىنىڭ بىرىكمىسى – دۆلەت دېمەكتۇر.
قەدىمقى زامانلاردا دۆلەتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى . بىرەر ئېگىزلىككە مۇستەھكەم قەلئە قۇرالىغۇدەك، بىر قانچە مىڭ ئەسكەرنى بېقىپ، ئۇرۇشقا سالالىغۇدەك كۈچكە ئىگە گۇرۇپپىلار، ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن يۇرت، ئايماقلارنى دۆلەت قىلىپ باشقۇرالايتتى. ھۈنەر – سەنئەت تەرەققى قىلىپ تېخنىكىغا يۈزلىنىشى ۋە ئىنسانلار كۆپىيىپ، ئاڭ چۈشەنچىنىڭ بېيىشى ئارقىسىدا تىل، ئۆڭ، ئادەت ئورتاقلىقىغا ئىگە قەبىلىلەر، مىللەتلەر كۈچلىنىش ئېھتىياجىدىن، ئارىلىرىدىكى پاسىللارنى يىقىتىپ، بىرىكىشكە ۋە ھەممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئورتاق ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنى قۇرۇشقا باشلىدى . كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا بىرىكىپ، چوڭ دۆلەتلەرنى ھاسىل قىلىشى پاراللېل دەۋرىدە بولغان ئەمەس. بەلكى شۇ جايلاردىكى ئىنسانلارنىڭ قەبىلىداشلىق، مىللەتچىلىك ۋە دۆلەتچىلىك ئاڭ – چۈشەنچىلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا، تەرەققى تېپىپ ۋايىغا يېتىشىگە باغلىق بولۇپ، بەزى رايونلاردا بۇرۇن، بەزى رايونلاردا كېيىن روياپقا چىققان.
ئوتتۇرا ۋە شەرقى شىمالى ئاسىيادا – ئۆتۈكەن، ئالتاي، تەڭرىتاغ ۋە پامىر ئېتەكلىرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىرق ۋە جۇغراپىيە ئورتاقلىقىغا ئىگە بارلىق مىللەت ۋە قەبىلىلەر ئىچىدە، ئەڭ بۇرۇن دۆلەتلىشىشكە، كىچىك دۆلەتچىلىكتىن چوڭ دۆلەت قۇرۇشقا، ئىمپېرىيە قۇرۇشقا يۈزلەنگەنلىرى ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ھون، كۆك تۈرك، ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت قۇرغانلار قىرغىز قاتارلىقلاردۇر. قىرغىزلاردىن كېيىن تاتار قەبىلىلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، موڭغۇللار دۆلەت قۇردى. موڭغۇللارنىڭ دۇنياغا كېڭىيىشىدە، ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينىغان . دۆلەت قۇرۇش دېمەك – تەشكىللەش ۋە ئىدارە قىلىش دېمەكتۇر. ئەمما ئاق يەرگە دۆلەت قۇرۇش بىلەن، دۈشمەنلەر ئىشغال قىلغان دۆلەتنى، مۇستەملىكە ئاستىدىكى ۋەتەننى ئازات قىلىپ، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار. ئاق يەرگە دۆلەت قۇرۇش دېگەندە – باشقىلار دۆلەتلەشمەي، ئىپتىدائى ئۇسۇلدا، قەبىلە تۈزۈمىدە ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپراقلارغا سىڭىپ كىرىش ياكى بېسىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆز ئىرادىلىرى بويىچە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زورلۇق بىلەن قۇرغان دۆلەت كۆزدە تۇتىلىدۇ . شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ دۆلىتىنى باستۇرۇپ، يوقىتىپ، دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنى، نامىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى بىر ھاكىمىيەت پەيدا قىلىشمۇ ئاق يەرگە دۆلەت قۇرۇشنىڭ بىر تۈرىدۇر . ئەمما دۈشمەنلەر ئاغدۇرۇپ يوقاتقان دۆلەتنى، ئىشغال قىلىۋالغان ۋەتەننى ئازات قىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاش ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش بولسا، ھەممىدىن قىيىندۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مانجۇرلارغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتايلارغا ئەسىر بولۇپ قېلىشى، قايتا مۇستەملىكە قىلىنىشى قاتارلىق تارىخى ۋەقەلەر بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىراق : ھازىرقى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارىغا، دۆلەت قۇرۇش مەدەنىيىتىگە ئىگىمۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن تۇرۇپ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت قۇرۇش لاياقىتىگە ئىگە بولالامدۇ؟ دېگەندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرىغا ۋە كەلگۈسىگە گۇمان بىلەن قاراۋاتقان، جەڭگىۋار ئەمما ئۈمۈتسىزلىكتە قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان ياشلارنىڭ دىققىتىدىكى، بەزى چۆكتۈرمىلەرگە ۋە بەزى كۆپتۈرمىلەرگە ئىزاھات بەرمەكچىمەن .
تەشۋىقات ۋە تەرغىباتلاردىكى كۆپتۈرمىچىلىك – بىر بولسا ئۆزىمىزنى، رېئاللىقتىن ئاشۇرۇپ ماختاش؛ مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدىغان كىچىككىنە ئىشنى تاغدەك قىلىپ، بىردەمدىلا ۋەتەن ئازات بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىش؛ بىر بولسا خىتاينى ۋە ئاتالمىش « خەلقئارا » نى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ كۆرسىتىپ، خۇدادىن باشقىسىنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىغا كىشىلەرنى قايىل قىلىۋېتىش شەكلىدە بولۇپ كەلمەكتە. چۆكتۈرمىچىلىكمۇ دەل مۇشۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلدا، بىر بولسا ئۇيغۇرلارنى يەر بىلەن يەكسان، سازاڭ قۇرۇتىدىنمۇ ئەبگا، بىچارە ھالدا تەسۋىرلەش . بىر بولسا خىتاينى چۈشۈرۈپ، بىرلا پۈلەپ، توزغاقتەك توزىتىۋىتىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشتەك، تۇترۇقسىز بايانلار ئارقىلىق، ئاۋام خەلقنىڭ ئېڭىنى، سىياسى تەپەككۇرىنى چالغىتىپ ئوينايدىغان، ھەر تۈرلۈك تەتۈر تەشۋىقاتلار ئاينىپ كېتىۋاتىدۇ . بىز مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، ئازاتلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قەلەم كۈرىشى، تەشۋىقات كۈرىشى قىلىپ كېلىۋاتىمىز . كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۈتۈن ماددى، مەنىۋى كۈچىمىزنى، بوش ۋاقتىمىزنى، زېھنىمىزنى، تەپەككۇرىمىزنى تەشۋىقات ئىشلىرىغا قاراتتۇق .
چەتئەللەردىكى پىكىر ئەركىنلىكى بوشلۇقىدا، ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن، مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن، ئاخىرىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كېرەكلىك پىكىرلەرنى، ئەركىن تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا يورۇتۇپ كېلىۋاتقىنىمىزغا يانداش، بىر تۈركۈم تەتۈر تەشۋىقاتلارمۇ ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەپ ماڭماقتا . « قازاننىڭ قاينىشىغا، بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باقما » دەيدىغان گەپ بار. تەتۈر تەشۋىقاتچىلارنى چەكلەش ئىمكانىيىتىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما لايىقىدا ئىزاھات بېرىش، يولىدا رەددىيە قايتۇرۇش، تۈزەتمىگەنلەرنىڭ دەككىسىنى بېرىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ . تەتۈر تەشۋىقات ئەڭ كۈچلۈك مىكروپقا ئوخشاش يۇقۇملاندۇرىدىغان، تەپەككۇرنى زەھەرلەيدىغان ئاكتىپچانلىققا ئىگە بولۇپ، بىزدەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرگە قارشى مۇستەملىكىچى، زوراۋان، دىكتاتور دۆلەتلەر قوللىنىدىغان ئەجەللىك قورالدۇر. قانخور خىتاي زوراۋانلىرى، بىزنىڭ چەتئەلدىكى ھەركەتلىرىمىزنى قارىلاپ، تارقاتمىغان ئىغۋاسى قالمىدى . ئۇنى ئاز دېگەندەك، ھەر تۈرلۈك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئىشقا سېلىپ، ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ساددا خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ، كەربالا چۆللۈكلىرىدە خانە ۋەيران قىلدۇرىۋەتتى . تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ جاندىن ئۆتۈۋاتقىنى شۇ بولدىكى، خىتاينىڭ ۋەھشىلىكىگە، زوراۋانلىقىغا قارشى چەتئەللەردە تۈرلۈك پائالىيەت ۋە قەلەم كۈرىشى، نەق مەيدان تارقىتىش سۆھبەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئاكتىپچانلىق سالاھىيەتلىرىنى نىسبەتەن تونۇتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئىنكار قىلىپ، چۆكتۈرۈپ، خىتايلارنى كۆپتۈرۈشلىرى، ئاۋام خەلقنى مىكروپتەك زەھەرلىمەكتە . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادەتتىكى پائالىيەتچىلەردىن پەرقلىق، يوغان ديپلومغا ئىگە كىشىلەر بولغاچقا، ئاۋام خەلقتە قوزغايدىغان تەسىرىمۇ كۈچلۈك بولماقتا.
ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىنكار قىلىش ۋە چۆكتۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىكى نۇقتىلىق جۈملىلەر تۆۋەندىكىچە : « ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ نامى ئەمەس . بەلكى مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ئورتاقلىقىغا ئىگە، كۆپلىگەن قەبىلىلەرنىڭ بىر ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا توپلاشقان، سىياسى نام ئىدى؛ ئۇيغۇرلار 13. ئەسىردە تارقىلىپ، يوقالغان خەلق؛ بۈيۈك تۈركىستان خەلقىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن، رۇسلار 24. يىلى پەيدا قىلغان… » . « ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك ساپاسىزكى، ئەگەر خىتاي ۋەتىنىمىزنى تاشلىۋېتىپ چىقىپ كەتسىمۇ، ئۇ يەردە دۆلەت قۇرالمايدۇ؛ بىرەر سەھرانى باشقۇرغۇچىلىك قابىلىيىتى يوق » . « ئۇيغۇرلار بەك چېچىلاڭغۇ، ئىتتىپاقسىز خەق؛ بىر – بىرىگە ئورا كولاشنىلا بىلىدۇ؛ بۇ ھالى بىلەن خىتايدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولىشى خام خىيال » . « ئۇيغۇرلار ئۇرۇش قىلىدىغان بولسا، پۈتۈنلەي قىرىلىپ تۈگەيدۇ؛ ئۇيغۇرلارنى دۇنيادا ھېچكىم قوللىمايدۇ » . « مۇستەقىل بولىمىز دەپ قۇرۇق گەپ قىلغۇچە، لاگىردىكى قېرىنداشلارنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن قېنى؛ مۇستەقىللىق – دەپ، قۇرۇق شوئارنى توۋلاپ، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى » . « ئۇيغۇرلار قوراللىق ئۇرۇش قوزغىسا، ئۆز – ئارا ئېتىشىپ بېشىنى يەيدۇ » . « مەن ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى لاگىردىكى ئاتا – ئانام، قېرىنداشلىرىم؛ ئۇلارنى خىتاي ئۆلتۈرۈپ بولسا، ئۇنداق ئادەمسىز تۇپراقنىڭ ماڭا كېرىكى يوق! » . يۇقىرىقىدەك، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان، ئىنكار قىلىدىغان، ئۈمۈتسىز تۇيغۇ بېرىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتلارغا يانداش ھالدا، تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر ئارقىلىق، بەزىلەر خىتاينى كۆپتۈرۈپ، خىتاينىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ : « خىتاي دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا ئۆتكىلى نەۋاق؛ دۇنيا ئىقتىسادىنى خىتاي ئالقىنىدا ئوينىتىۋاتىدۇ؛ ئامېرىكىمۇ خىتاينىڭ ئالدىدا شۈمشەرەپ تۇرماقتا » . « خىتاينىڭ قوراللىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا؛ خىتاينىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسىغا، ھەربى كۈچىگە تەڭ كەلگۈدەك، دۇنيادا باشقا دۆلەت قالمىدى؛ خىتاينىڭ دۇنيانى سورايدىغان ۋاقتى كەلدى» . « بىز ۋەتەننى ئازات قىلىمىز دەپ، چۈش كۆرۈپ يۈرگەن بىلەن، خىتاي ھازىر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىدارىسى ئاستىغا ئېلىپ بولدى؛ رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ تەسىرىگە كىرىپ بولدى؛ ئۇزۇنغا قالماي خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغانلىقىنى كۆرىمىز تېخى » . « خىتاي ۋەتەننىڭ ھەممە جايلىرىدا يېتەرلىك لاگېرلارنى تەييارلاپ قويدى، ئەگەر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى يىغىپ لاگېرغا سولاپ قىرىپ تاشلايدۇ » .
يۇقىرىدىكى ھەر ئىككى تۈرلۈك ئېغۋالار، ئەسلىدە خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىدىن، ئوچۇق ئاشكارا تارقىتىلىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتلاردۇر . دۈشمەن كۈچلەر ھەرقاچان تەتۈر تەشۋىقات ئارقىلىق، قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈپ، خۇنۈكلەشتۈرۈپ، قورقۇنچ سېلىپ ، روھى كەيپىياتىنى بۇزۇپ، پاراكەندە قىلىشنى ئالدىنقى سەپ ئۇرۇشىدىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. دۈشمەن كۈچلەر ئۆزلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى قارشى تەرەپتىكى دۈشمەن سېپىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزەلىسە، ياكى دۈشمەن سېپىدە خىزمەت قىلىدىغان خادىملارنى ئىشقا سالالىسا، ئۇ چاغدا ئاز چىقىم بىلەن كۆپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. دۈشمەنلەر بۇنداق تەتۈر تەشۋىقات ئۇسۇلىنى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇرۇشىمىزدا، جانلىق ئىشقا سالغان ئىدى . بىرىنچى جۇمھۇرىيەت ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ھەربى سەپتە تۇڭگانلارنى ماختايدىغان، ماجۇڭيىڭنى ئۇلۇغلايدىغان، تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ ھەقىقى تەقۋادار غازاتچى ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ماھارىتىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بىرەر پاي ئوق تەگسىمۇ يىقىلىپ چۈشمەيدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنچ پەيدا قىلغان ھەم 34. يىلى فېۋرالدا، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ پايتەخت قەشقەر شەھىرىنى تاشلاپ، ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىدىمۇ، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى خادىملاردىن تۇڭگانغا سېتىلغان خائىنلارنىڭ : « ئاقسۇ تەرەپتىن لەكمىڭلىغان تۇڭگان قوشۇنلىرى باستۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ؛ مۇھىم رەھبەرلەر ۋاقىتلىق ئۆزىنى دالدىغا ئالمىسا بولمايدۇ » – دېگەندەك سېتىلمىلىقلىرى، جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئۇرۇشى ۋە تىنچلىق دەۋرىدە، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ سېپىدە غالچىلىق قىلىدىغان ئۇلۇسچىلار، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى بىر ياقتىن ئەلەم كۈرىشى، بىر ياقتىن قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغان . ئۇيغۇر جۇمھۇرىيەت ئەسكەرلىرى ماناس ناھىيىسىگىچە قىستاپ كەلگەن، جايلاردىكى مەمۇرىي ۋە ھەربى خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قېچىۋاتقان، قاچالمىغانلىرى ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋاتقان، ئۆلۈمدىن قورققانلىرى مۇسۇلمان بولۇۋاتقان، خىتاينىڭ پۈتۈن كۈچى ئۈرۈمچى رايونىغىلا مۇھاسىرە قىلىنغان، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئۇل – ئەسلىھەلىرى تەق بولغان پەيتتىمۇ، بىر تۈركۈم داھى سۈپەت خىتاي پەرەست، چىن تۈركىستانچى ئۇلۇسچىلار، مۇستەقىللىقىمىزغا قارشى ئىزچىل خائىنلىق قىلغان . ئۇلارنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى ئىچىدە، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇندىكى ئېغۋالىرى ئەجەللىك رول ئوينىغان ئىدى : « بىزنىڭ ئۇلۇسىمىز مۇسۇلمان تۈركتۇر؛ ئىلى ئىسيانچىلىرى ۋەتىنىمىزدە كوممۇنىزمنى پەيدا قىلىپ، ئۇلۇسىمىزنى دىندىن چىقارماقچى؛ كوممۇنىزم بەك خەتەرلىكتۇر » . « بىزنىڭ ئۇلۇسىمىز بەك نامرات، نادان، ئۆز ئالدىغا دۆلەت تۇتالمايدۇ؛ ئىلى ئوغۇرلىرى ئۇلۇسىمىزنى ئىسيانغا كۇشكۇرتۇپ، خىتايدىن ئايرىپ، ئۇرۇسلارغا قۇل قىلىپ بەرمەكچى؛ ئىلى ئوغۇرلىرىنىڭ نىيىتى بەك ياماندۇر؛ ئۇلارغا ئەگەشمەسلىك لازىم » . « ئۇلۇسىمىز چىنى تۈركىستان مۇختارىياتى تەلەپ قىلىدۇ؛ خىتايلارمۇ زۇلۇم چەككەن يۇۋاش خەلق؛ بىزنىڭ ئۇلۇسىمىزغا خىتايلاردىن زەرەر يەتمەيدۇ؛ ئەگەر بىز خىتايلاردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىمىزغا دۆلەت قۇرىمىز دېسەك، بىزدە دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرغىدەك بىلىم ۋە ئىقتىساد يوق؛ بىز خىتايدىن ئايرىلساق، بىزنى ياكى كوممۇنىست ئۇرۇسلار يەپ كېتىدۇ، ياكى ئىنگلىزلار يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار بەك خەتەرلىكتۇر؛ ئۇلار مۇسۇلمانلارغا بەك ئۆچلەر ». ئۇلار يۇقىرىقىدەك تەتۈر تەشۋىقاتلىرى بىلەن، مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ روياپقا چىقىپ قېلىشىغا چىش تىرناقلىرى بىلەن قارشى تۇرغان ئىدى.
ئارىدىن يەتمىش يىللار ئۆتتى . زامان ئۆزگەردى . شەكىل ئۆزگەردى . ئىنسانلار ئالماشتى . دۇنيا تەرتىپى، دۇنيانىڭ قىياپەتلىرى ئۆزگەردى . لېكىن مۇناپىقلىقنىڭ خاراكتېرى، ماھىيىتى ئۆزگەرمىدى. ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ بىزگە كۈچى يەتمەيۋاتسىمۇ، بىزنى باشقۇرالمايۋاتسىمۇ، مۇناپىق تەتۈر تەشۋىقاتچىلار: بىز خىتايدىن ئايرىلساق، كوممۇنىست بولۇپ كېتىمىز؛ ئۇرۇسلار يەپ كېتىدۇ؛ ئىنگلىزلار يەپ كېتىدۇ؛ بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك ئەمەس؛ چىنى تۈركىستان ئاپتونومىيەسى كېرەك! بىز خىتايدىن ئايرىلمايمىز – دەپ، خەلقىمىزنى قورقۇتۇپ، قايمۇقتۇرۇپ خىتاينىڭ پاچىقىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان بولسا، بۈگۈنكى ئەركىن دۇنيادا، بىزنىڭ بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خىتاي يوقالسۇن – دەپ، شوئار توۋلاپ تۇرۇپ: ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالمايدۇ؛ خىتايلار بەك كۈچلۈك؛ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئەللىرى قوللىمايدۇ؛ ئۇيغۇرلار ئۇرۇش قىلسا، خىتايلار قىرىپ تاشلايدۇ – دېگەندەك، تەتۈر تەشۋىقاتنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ . يەتمىش يىل بۇرۇنقىلار چىنى تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ دەردىنى يىغلىغان بولسا، بۈگۈنكىلەرمۇ ئوخشاش شۇ دەرتنى يىغلاۋاتىدۇ. يەنى خىتايدىن ئايرىلماسلىق، خىتاي بېرىدىغان ئاپتونومىيەدە خاتىرجەم ئۆتۈش . بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاقلىق، ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ئىشەنمەسلىك ۋە خالىماسلىق ھەم قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت، مۇناپىقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنى ئەلۋەتتە مۇستەقىل قىلالايدۇ. ئەمما ئالدى بىلەن كۆڭلىدە، ۋىجدانىدا، روھىدا، ئوي- تەپەككۇرىدا مۇستەقىل بولىشى كېرەك . ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالايدۇ . لېكىن ئۇ دۆلەت بىر پارچە يەرنىڭ ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئۇيغۇر دۆلەتنى ئالدى بىلەن قەلبىدە، كۆڭلىدە، مېڭىسىدە، ئېڭىدا قۇرۇپ چىقىشى لازىم . مۇستەقىللىق ۋە ئۇيغۇر دۆلىتى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىلەن تەڭ قىممەتكە ئايلىنىشى، ئىمانى بىلەن تەڭ ئەقىدىگە ئايلىنىشى كېرەك . مۇستەقىللىق ئۈچۈن، ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىنى بېرەلەيدىغان، ئاتا – ئانىسىنى، بالىسىنى، قېرىنداشلىرىنى پىدا قىلالايدىغان، گېزى كەلسە جەننىتىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان پىداكار بولالىشى كېرەك . دادام بىلەن ئاپامنى خىتاي ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنداق تۇپراقنىڭ مۇستەقىللىقى ماڭا كېرەك ئەمەس! – دەيدىغانلارغا، مۇستەقىللىق ۋە دۆلەت مەڭگۈ راۋا ئەمەس . ئۇنداق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان مىللەت خورلۇققا، رىزالەتكە مەھكۇمدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولىشى ئۆزىگە باغلىق، ئۆز قولىدىكى ئىش . ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇلىرىنى خىتايدىن باشقا ھېچ قانداق دۆلەت چەكلىمەيدۇ. بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سەپنىڭ ئالدىدا خىتاينى تىللاپ يۈرگەنلەرنىڭ غايىسى، خىتايدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولۇش ئەمەس. بەلكى زۇلۇم سېلىۋاتقان كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشىشىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىراق دېموكراتىك خىتاينىڭ كېلىشىنى ۋە ئۆزلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ .
ئارزۇ – تەلەپلىرىڭلارنى دۇنياغا ئاڭلىتىڭلار – دەپ، مىكروفوننى قولىغا تۇتقۇزۇپ: ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلامدۇ؟ – دەپ، ئاغزىغا گەپنىمۇ سېلىپ بەرسە، – ياق، ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدۇ؛ ئاپتونومىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ – دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاۋاتقان، ئالدىنقى سەپتىكى مۇناپىقلارنىڭ : « خەلقئارا بەلگىلىمىلەردە، خەلقئارا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە، بىرەر مىللەت، مەلۇم بىر دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرىمىز دېيىش ھوقۇقى يوق » دېگىنى، سېپى ئۆزىدىن يالغانچىلىق ۋە مۇناپىقلىقتۇر . مىللى مەسىلىلەر بەلگىلىمىسى – دېيىلىدىغان، خەلقئارالىق ئۆلچەم بىرلىكى يوق . دۇنيا مىقياسىدا مۇنچە يۈز دۆلەت بولىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن ئارتۇق – كام بولمايدۇ – دەيدىغان بىر سانلىق بەلگىلىمە يوق . خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مۇنداق مىللەت دۆلەت قۇرسا بولىدۇ، مۇنداق مىللەت دۆلەت قۇرسا بولمايدۇ – دەيدىغان بىر مىللى ئەندىزە يوق . مىللەت ئاھالىسى مۇنچە مىليونغا يەتسە دۆلەت قۇرالايدۇ، ئۇنىڭغا يەتمىسە دۆلەت قۇرالمايدۇ – دەيدىغان بىر نوپۇس ئۆلچىمى يوق . دۇنيا تەرتىۋىدە، بۇرۇن دۆلەت قۇرغان مىللەتلەر دۆلىتىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ، بۇرۇن دۆلەت قۇرۇپ باقمىغانلارنىڭ ئەمدى دۆلەت قۇرۇش ھەققى يوق- دەيدىغان بىر پىرىنسىپمۇ يوق . « بىز مۇستەقىل بولىمىز دېسەك، خەلقئارا قوللىمايدۇ » – دەپ، مىللىتىمىزنى ھازىرغىچە ئالداپ كېلىۋاتقان بايراقدار، مەشھۇر مۇناپىقلار – بىر بولسا، شۇنداق تەتۈر تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن، خىتايدىن مەنپەئەت ئالىدىغان، بىزنىڭ سېپىمىزدە بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، خىتاينى يالغان قاغاپ ، بىزدىنمۇ پايدىلىنىدىغان، قوش مەنپەئەتدار كەسپى مۇناپىقلاردۇر . بىر بولسا خىتاينىڭ چەتئەلدىكى مەخسۇس ئىش بېجىرىش خادىملىرىدۇر. يا بولمىسا خالىس مۇناپىقلاردۇر. پىچاق سۆڭەكتىن ئۆتۈپ كەتكەندىمۇ، كەسپى مۇناپىقلارنىڭ، خالىس مۇناپىقلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرماي، ھەر بىر زىيانلانغۇچى ئۇيغۇر ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، مۇستەقىللىق شوئارىنىڭ ئاستىغا توپلىنىشى، قانغا – قان، جانغا – جان قىساس ئېلىشقا تەييار ھالەتنى كۆرسىتىشى لازىم.
ئۇرۇشنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇرۇشنى نەدە قىلىمىز؟ قورالنى كىمدىن ئالىمىز؟ دۆلەتنى قانداق قۇرىمىز؟ – دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق . ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇش ۋە دۈشمەندىن قىساس ئېلىش ئۇرۇشىغا تەييار بولۇشنىڭ ئۆزى جاۋابتۇر.

Uyghur Reporter

Next Post

تالىبان باياناتچىسى: خىتاي ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ

جۈ ئاۋغۇست 20 , 2021
تالىبان يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەردى.

You May Like