تالىبان باياناتچىسى: خىتاي ئافغانىستاننىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالايدۇ

تالىبان يېقىن كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەردى.

بىلمەسجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى، 21- سېنتەبىر

 

 The Hillتاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تالىبان باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرىغا مۇنداق دېدى: خىتاي ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىدە رول ئوينايدۇ.

 

باشقا دۆلەتلەرنىڭ تالىبانغا قارىتا ئىككىلەنگەنلىكىگە قارىماي، خىتاي ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سىگنال بەردى.

 

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: «تالىبانلار خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.» دېدى.

 

خۇا يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار خىتاينىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.»

 

خۇا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز بۇنى قارشى ئالىمىز. خىتاي ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى مۇستەقىل بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ.» دېدى.

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىلىنكېن ئافغانىستان مالىمانچىلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندا، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئالاقىلىشىپ، تالىبانغا قارشى خەلقئارانىڭ بىرلىككە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

 

«11- سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن تارتىپ، خىتاي ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا قاتارلىق ناتو كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تالىبانغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى تالىبان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار دەپ مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق ناتو كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن، خىتاي بىر دومىلاپلا تالىباننىڭ يېقىن دوستى ۋە تۇنجى قوللىغۇچىسىغا ئايلىنىۋالدى.

Uyghur Reporter

Next Post

دوغۇ پېرىنچېك: ئافغانىستاندا زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئەر-ئايال باراۋەرلىكىنى تالىبانلار ئېلىپ كېلدۇ

شە ئاۋغۇست 21 , 2021
خىتايپەرەس دوغۇ پېرىنچېكنىڭ تالىبانلار ھەققىدىكى بايانلىرى

You May Like