ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەسەر: ياپونىيە ئارمىيەسى:ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۈش كارىدورى»

بۈيۈك ياپونىيە ئىمپىرىىيەسى قوروقلوق ئارمىيەسى: بىز تېخى بىلمىگەن سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۇروش ستراتىگىيەسى—–ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۇش كارىدۇرى»

ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئەسەر: ياپونىيە ئارمىيەسى:ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۈش كارىدورى»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ،2019-يىلى،20-ئاپرىل

بۈيۈك ياپونىيە  ئىمپىرىىيەسى قوروقلوق ئارمىيەسى: بىز تېخى بىلمىگەن  سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۇروش ستراتىگىيەسى—–ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۇش كارىدۇرى»

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىگەللىشچە ،يېقىندا ياپونىيەدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مۇقەددەس نۇر خانىم بىلەن ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەقدىرىگە ئائىت مۇھىم ئەسەربۈيۈك ياپونىيە  ئىمپىرىىيەسى قوروقلوق ئارمىيەسى: بىز تېخى بىلمىگەن  سىياسىي جۇغراپىيىلىك ئۇروش ستراتىگىيەسى—–ئەمەلگە ئاشمىغان «كوممۇنىزىمدىن مۇداپىئە كۆرۇش كارىدۇرى»ناملىق مۇھىم ئەسەر نەشرگە تەييارلانماقتا.

مۇقەددەس خانىمنىڭ بىلدۇرىشچە،بۇ ئەسەر جەمئى ئۈچ باپتىن تۈزۈلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە  تىبەت،  موڭغۇل ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ياپونىيەنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەرنى    

قۇرۇپ، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ  ھەمكارلىقىدىكى كوممۇنىزىمنىڭ ئاسىيانى ئىگەللىشىنى توسماقچى بولىدۇ.  بۇ ستراتىگىيە ئۈچۈن ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا موڭغۇل تىبەت ۋەشەرقىي تۈركىستانغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ  ئەھۋال ئىگەللەيدۇ. شۇنداقلا ستراتىگىيەنىڭ ئاساسىي مەركىزىنى شەرقىي تۈركىستانغا باغلاپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. بۇ رەسمىي مۇناسىۋەت يەنە كېيىن مەھمۇد مۇھىدىنىڭ ياپونىيە سەپىرىگە باغلىنىدۇ. ئەسەر ياپونىيەدە ساقلىنىۋاتقان بىرىنچى قول تارىخىي ھۈججەتلەر ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ستراتىگىيەنىڭ نىمشقا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ دەۋىر  تارىخنىڭ  تەپسىلاتىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ئەسەر بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ  مۇھىم بىر پارچىسىنى  ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مەھمۇت مۇھىدىلارنىڭ بىز بىلمەيدىغان تارىخىي ئىزلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئەسەر.

  تەرجىمانلار بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈچىنچى بابنى ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە  سۇنۇشنى لايىق كۆرگەن.. كىتابنىڭتولۇقتەرجىمىسىكېلەر يىلى نەشىر قىلىنىش پىلان قىلغان.

ئاپتورى ھەققىدە

 

مۇقەددەس نۇر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

سېكىئوكا  ھىدېيۇكى   ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪلىك  ﻳﺎﺯﻏۇچى ،ﺋﻮبزورچى بولۇپ،  1961-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻛﻴﻮﺩﺍ  ﺗۇﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.  1984-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ  ﻛﯧﻴﺌﻮ  ﺋﯘﻧﯩﯟېرسىتىتى  ﻗﺎﻧﻮﻥ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺷۇ ﯞﺍقىتتىكى ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ- ﺑﯩﺮ  ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯨﯟﻭﺕ   ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ بولغان  ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺭﻭﻧﻼﺷﻘﺎﻥ.  ﻛﯧﻴﯩﻦ بۇ  ﺑﺎنكىنىڭ  ﺑﯧﻴﺠﯩڭدا  تۇرۇشلۇق دائىمى ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ  سۈپىتىدە،  ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ.

1997-يىلى  ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﻰ  سەۋەبىدىن  ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. 2001-ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﺳﻪﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.

2002-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ  ﺭﻩﻧﻨﻴﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ئۇ   «ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ   ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻐﻼ »(ﻛﺎﯞﺍﺩﯤ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﯚﻳﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ)ناملىق  ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩق ساھاسىگە ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ. ئۇنىڭ 2004 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺕ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪنىڭ  ﺋﯩﭽﻜﻰ ئىشلىرىغا  ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ « ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ» (ﺑﯘﻧﺸﻴﯘﻥ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ) ناملىق  ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ 24 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ  ۋە  ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ

«ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ»  (ﻛﻮﺋﯘﺩﺍﻧﺸﻴﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ)

«ﺋﻮﻛﺎﯞﺍ ﺷﻴﯘﻣﯧﻴﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﭼﯩﻠﯩﻘﻰ» «ﻛﻮﺩﺍﻧﺸﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ»

«ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ» (ﭼﯩﻜﯘﻣﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ)

«ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﺸﯩﺸﻰ» (ﮪﯧﻴﺴﯧﻲ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟېتىش ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ)」(ﭖ ﺥ ﭖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ)ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ  ﻛﯩﺘﺎﭖ 2010-يىلى  2-ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ياسۇدا جۈمپېينىڭ قۇتۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر قوراللىق ئەترەتلىرىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەر

يە ئاپرېل 21 , 2019
خىتاينىڭ ئىشغالىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىشنى تاللىغان ئىنقىلابچىلار، مۇجاھىت ۋە غازىلىرىمىز ھەققىدە ئىگىلىگەن تاغدەك دەلىلى بار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى لايىق تېپىشىمدىكى سەۋەپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قوراللىق ئەترەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇر قەھەتچىلىكىنى تۈگىتىش ۋە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىش. ھەممىدىن مۇھىمى، ھەقىقىي مۇجاھىتلارنى قوغداپ، ساختىپەز ياكى خىتاينىڭ رەزىل ئويۇنچىلىرىنى ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

You May Like