ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى 2018-يىللىق يېغىن خۇلاسسى

غۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ خۇلاسىسى مەزكۈر ئەنجۈمەن 2018-يىلى 27- ۋە 28-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ خۇلاسىسى مەزكۈر ئەنجۈمەن 2018-يىلى 27- ۋە 28-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۈر ئەنجۈمەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىق ئۇچراۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىدەك جىددىي ۋەزىيەتتە ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، قازاقىستان ۋە ئاۋسترالىيىدىكى زىيالىيلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەنجۈمەننىڭ مەقسىتىنى ئىخچام شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى: «بىر مىللەت مۇنقەرز قىلىنغاندا، خەلق ئالدى ئۆزىنىڭ سىياسىيونلىرىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. ئەگەر سىياسىيونلىرى ئۇلارنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرالمىسا، خەلق ئارمىيىسىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. ئەگەر بۇ خەلقنىڭ ئۇرۇش قىلىپ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك ئارمىيىسى ۋە قوماندانلىرى بولمىسا، ئۇلار تەبىئىي ھالدا ئۈمىدىنى زىيالىيلىرىدىن كۈتىدۇ. ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈن بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خەلقىمىزنىڭ بىزدىن كۈتۈۋاتقان مانا مۇشۇ ئۈمىدىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يىغىلدۇق.» بۇ چاقىرىققا جاۋاب قايتۇرۇش باشتىن-ئاخىر ئەنجۈمەننىڭ ئاساسلىق مۇقامى بوپ كەلدى. ئىككى كۈنلۈك ئەنجۈمەن تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئۆزىنىڭ تاللاش شەرتلىرى قىلدى: • ئۇنۋاندىن كۆرە، ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇھىم؛ • نام-ئاتاقتىن كۆرە، ئۆزىنى بېغىشلاش مۇھىم؛ • داغدۇغىدىن كۆرە، ئەمەلىي نەتىجە مۇھىم؛ • توقۇنۇشتىن كۆرە، ھەمكارلىق مۇھىم. قاتناشقان زىيالىيلاردىن كۈتۈلگەن تەلەپلەر: • ۋەتەنپەرۋەرلىك—«ھەممە ۋەتەن ئۈچۈن!» • مەسئۇلىيەت—«ئۆز خەلقىگە مەسئۇل بولمىغان زىيالىي زىيالىي ئەمەس!» • ھەقىقەتچىلىك—«زىيالىيلىق ئىلىملىك بولۇشنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدىنىشنى، سۆزلەشنى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ھەرقانداق ئىلىمنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ھەقىقەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر!» • ئوبيېك تىپلىق—«ئادىللىق، تەرەپسىزلىك، تەڭپۇڭلۇق ۋە ئەقلىيلىك ھەقىقەتنى بايقاشتىكى مۇھىم مېتودلاردۇر!» ئەمجۈمەننىڭ قائىدىسى: • دەرد تۆكۈشكە • ئۆتمۈشنى سۆزلەشكە • تەرەپبازلىققا 1 • ھۆرمەتسىزلىككە ئورۇن يوق. مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلار: • جازا لاگېرلىرىنى تاقاش • خەلق ھەرىكىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش • تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى ئەنجۈمەندە قوللىنىلىدىغان مېتود: • SWOT ئانالىزىدۇر. سۋوت ئانالىزى تەشكىلاتلار، ئىدارە-ئورگانلار ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن كەڭ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئىستراتېگىيىلىك پىلانلاش ئۇسۇلىدۇر. ئۇ ھەرقانداق بىر شارائىت ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ ئالدىن قارىلىدىغان مۇنداق تۆت ئامىلدىن تەركىب تاپقان: • ئاجىزلىقلار—نىشانغا يېتىشكە زىيانلىق ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۈر تەشكىلات ياكى ئورگان ئۆزىدە ساقلىغان كۈچسىز ۋە ئۇنىڭ ھايات قېلىشىغا پايدىسىز ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئامىل ئۇنى رىقابەتچىلىرى ۋە دۈشمىنى ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. • ئارتۇقچىلىقلار –نىشانغا يېتىشكە پايدىلىق ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەزكۈر تەشكىلات ياكى ئورگان ئىگە بولغان كۈچلۈك ۋە ئۇنىڭ ھايات قېلىشى ھەمدە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئامىل ئۇنى رىقابەتچىلىرى ۋە دۈشمىنى ئالدىدا ئاكتىپ ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ. • تەھدىدلەر—شارائىتتىكى ئۇشبۇ تەشكىلات ياكى ئورگاننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا تەھلىكە ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. • پۇرسەتلەر—شارائىتتىكى ئۇشبۇ تەشكىلات ياكى ئورگاننىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى تامان يۈزلەندۈرەلەيدىغان ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ. سۋوت ئانالىزى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، يۇقىرىقى تۆت ئامىل ھېچ قاچان تۇرغۇنلۇقتا تۇرۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار بىر-بىرىگە ئايلىنىش مۇمكىنلىكىگە ئىگە. بۇنىڭدىكى ھالقىلىق نۇقتا قانداق قىلىپ، ئاجىزلىقنى ئارتۇقچىلىققا، تەھدىدلەرنى پۇرسەتلەرگە ئايلاندۇرۇشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئارتۇقچىلىقلارنى پۇرسەتلەرگە ئايلاندۇرۇشنى ۋە ئاجىزلىقلارنىڭ تەھدىدلەرگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشنى كۆزلەيدۇ. دېمەك، سۋوت ئانالىزى بىر دىنامىك سىستېمىدۇر. 2 ئا. ئەنجۈمەندىكى مۇھاكىمىلەر ئەنجۈمەندە تۆۋەندىكى ئۈچ ھالقىلىق نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىندى. تۆۋەندىكىسى بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: 1. لاگېرنى تاقاش: 1.1 لاگېر ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى تەشكىللىك ۋە پاكىتلىق ئېلىپ بېرىش. لاگېر ھەققىدە تەشكىللىك ھالدا ھەر قايسى دۆلەتلەردە، ھەر خىل تىللاردا توغرا، قاراتمىلىق ۋە سىستېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى توختىماستىن ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇ ھەقتە قېلىپلاشقان، مۇكەممەل ۋە پاكىتلىق تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى تەييارلاپ، كۆپ خىل تىللاردا كۆپەيتىپ، ھەر يەردە، ھەر خىل يوللار بىلەن تارقىتىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ خىل تىل بىلىدىغان زىيالىيلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. 1.2 كونگرېس ۋە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يېزىش ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش. دېموكراتىك ئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ۋەتەنداشلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شتاتلاردىكى سېناتورلار ۋە كونگرېس ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قەتلىئام ھەققىدە خەت يېزىشى ۋە مۇمكىن بولسا ئۇلار بىلەن يۈز تۇرا كۆرۈشۈپ ئەھۋال بايان قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. 1.3 ئاخبارات،مېدىئاۋەئىجتىمائىيتاراتقۇلاردىنتوغراپايدىلىنىش.ئاخباراتئورۇنلىرى،ئىجتىمائىيتاراتقۇلار،نوپۇزلۇقمېدىئالار،ھەر خىل مۇھىم جامائەت مۇنبەرلىرى، ھۆكۈمەت ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ تەشۋىقات مۇئەسسەسىلىرى، خەلقارالىق يىغىنلار ۋە باشقا سورۇنلاردىن ئامالنىڭ بارىچە پايدىلىنىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. 1.4 مەشھۇرشەخسلەردىنپايدىلىنىش.تونۇلغانشەخسلەربىلەنئالاقەقىلىپ،ئۇلارنىڭيازمىسىۋەئاغزىئارقىلىقلاگېرمەسىلىسىنى ۋە ئۇيغۇلارنىڭ مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئارقىلىق لاگېر مەسىلىسىنى دۇنياۋى بىر مەسىلە سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك. 1.5 خىتاينىڭيۈز-ئابرويىنىتۆكۈش.دۇنيانىڭھەرقايسىدۆلەتلىرىدىكىپارلامېنت،ھۆكۈمەتئورۇنلىرى،خەلقئارالىقتەشكىلاتلار، رايونلۇق تەشكىلاتلار ۋە ب د ت نىڭ ئالدىدا مۇھىم كۈنلەردە، يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا، نامايىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قانخور جىنايىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ يۈز-ئابرويىنى بارلىق ئاماللار بىلەن تۆكۈش كېرەك. 1.6 لاگېرغائالاقىدارئۇچۇرئامبىرىقۇرۇش.بىرتۈركۈممۇتەخەسىسلەردىنتەركىبتاپقانگۇرۇپپاقۇرۇپ،شەرقىيتۈركىستانغا، جۈملىدىن لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ھەر بىر شەخس بىر بىرلىك قىلىنىپ بىر سانلىق ئامبار قۇرۇش كېرەك. بۇ گۇرۇپپا بۇ ئۇچۇلارنىڭ توغرا-خاتالىقى، ئەسلى ياكى ئەسلى ئەمەسلىكى ۋە راس-يالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئۇنى ۋاقتى- ۋاقتىدا يېڭىلايدۇ. بۇ ئارقىلىق لاگېر ھەققىدە چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار، تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مەتبۇئاتلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنى مۇكەممەل، تولۇق ۋە ئىشەنجلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1.7 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايىتىنى خىتاي خەلقىگە بىلدۈرۈش. دۈشمىنىمىز خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي خەلقى ئەمەس دېگەن قاراش بويىچە، خىتاي خەلقىگە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانلىق ئەپت-بەشىرىسىنى ئېچىپ كۆرسىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قارا كۈننىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى شۇڭلاشقا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. 1.8 خىتاينىڭتىجارىتىگەتوسقۇنلۇققىلىش.خىتايبىلەنسوداقىلىۋاتقانبارلىقغەربدۆلەتلىرى،بولۇپمۇخىتاينىئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا قارىتا ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىققا تەۋسىيە قىلىش كېرەك. شۇنىڭدەك، 3-دۇنيا ئەللىرى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پروجېكتىگە قاتنىشىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىگە خىتاي دۆلىتىنىڭ رەزىل نىيىتى، ۋەھشىيلىكى، كېڭەيمىچىلىكى، تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئىرقچىلىقىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا بۈگۈن كەلگەن بۇ قورقۇنچلۇق قىسمەتنىڭ تاڭلا ئەتە ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كەپ قالماسلىق ھەققىدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشىمىز، ئۇلارنى خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىققا دەۋەت قىلىشىمىز ۋە خىتاي ماللىرىنى دۇنياۋى مىقياستا بايقۇت قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك. 1.9 كومپيۇتېر خەككېرلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. كومپۇتېر بىلىمى ۋە ماھارىتى ياخشى شەخسلەر تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ۋەتىنىمىزدىكى لاگېرلارنىڭ ئورۇنلىرىنى، سۈرەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە تەشكىللەش كېرەك. 1.10 چەتئەلدىكى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن تىرىك شاھىدلارنى لاگېر ھەققدە ئاممىۋى گۇۋاھلىق بەرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش. ھەمدە ھەر بىر ئائىلە ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرى ھەققىدە بىر ئىسپات توپلاش پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش ۋە توپلانغان ئۇچۇرلارنى لاگېر ئۇچۇر ئامبىرىغا قويۇش كېرەك. 3 1.11 ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن چىققان خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە تەيۋەنلىكلەر بىلەن لاگېر مەسىلىسى ھەققىدە بەش تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈش. 1.12 خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇش. 2. ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا خەلق ھەرىكىتىنى بەرپا قىلىش ۋە كۈچەيتىش: 2.1 نامايىشلارنىڭئۈنۈمىنىئاشۇرۇش،كۆلىمىنىكېڭەيتىشۋەشەكلىنىكۆپخىلاشتۇرۇش.چەتئەلدەلاگېرغاقارشىئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ، بولۇپمۇ ھازىر ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياشلار نامايىشىنىڭ، كۆلىمى كېڭەيتىلىشى، ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىر دۇنياۋى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. نامايىشلارنىڭ شەكلىمۇ ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن كۆپ خىل بولۇشى، بولۇپمۇ يەككە كىشىلىك نامايىشلار رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. نامايىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ۋە كۈچلۈك قىسمىنى قوزغاش كېرەك. 2.2 نامايىشلاردا قوللىنىلىدىغان سىمۋوللار، مەسىلەن كىيىم -كېچەك قاتارلىقلار، چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭدەك، نامايىشلاردا ئىشلىتىلىدىغان شوئارلار، لوزۇنكىلار ۋە تەلەپلەر دۇنيا بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلۇشى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە سۇنىلىدىغان تەلەپلەر ۋە مەتبۇئاتقا قىلىنىدىغان باياناتلارمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك. 2.3 ھەممەيلەنۋەتەننىقۇتقۇزۇشتاسەپەرۋەرلىككەكېلىش.ھەركىمقولىدىنكەلگەنئاماللارۋەمۇمكىنچىلىكلەربىلەنۋەتىنىمىزدەيۈز بېرىۋاتقان قەتلىئامنى دۇنياغا تېخىمۇ كەڭ بىلدۈرۈشى كېرەك. تەنھەركەتچىلەر تەنتەربىيە تۈرلىرى، سەنئەتكارلار سەنئەت ئەسەرلىرى، يازغۇچىلار ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ناخشىچىلار ناخشا-مۇزىكىلىرى ئارقىلىق بۇ زۇلۇم ھەققىدە سۆزلىشى، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۆزلىرى ئۇچراشقان باشقا مىللەتلەر، خەلقلەردە ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش بويىچە بىر ئاممىۋى جىددىيلىك تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. 2.4 ياشلارتەربىيىسىنىقاناتيايدۇرۇش.ياشلارنىڭۋەتەنپەرۋەرلىك،توغرائىسلامىيئېتىقادۋەمىللەتپەرۋەرلىكقارىشىنىيېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلار ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى ئۇلارغا قەرەللىك تۈردە لېكسىيە ۋە تەلىم-تەربىيە كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ مىللىي روھ يېتىلدۈرۈش ئىشىنى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا تۇتۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر روھى قايتىدىن ئۇرغۇتۇلۇشى كېرەك. 2.5 ياشلارغاسورۇنھازىرلاش.ياشلارنىڭئۆزىگەخاسدۇنياقاراشقائىگەبولۇشى،ئەقلىيپىكىرقىلىشقابىلىيىتىنىئاشۇرۇشۋەيېڭى ئىدىيىلەرنىئوتتۇرىغاقويۇشىنىرىغبەتلەندۈرۈشئۈچۈن،ياشلارئۆزلىرىباشقۇرىدىغان Tedxشەكلىدىكىلېكسىيەمۇنبىرىقۇرۇپ چىقىش كېرەك. 2.6 مەشرەپئارقىلىقئۇيغۇرلارنىڭئۆز-ئۆزىنىباشقۇرۇشمېخانىزمىنىكۈچەيتىش.ئۇيغۇرلارئولتۇراقلاشقانشەھەر،يېزا-قىشلاقلاردا مەشرەپ ئەنئەنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق جامائەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆز ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا قارار بېرىش قابىلىيىتىنى مۇئەسەسسەلىشىش شەكلىدە بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭدەك، مەھەللە بىرلىكى قۇرۇپ، يىگىت بېشى ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. 2.7 چەتئەلدەئۇيغۇرلارنىڭئوبرازقۇرۇلۇشىنىبەرپاقىلىش.چەتئەلدىكىئۇيغۇرلارنىڭئوبرازىنىبۇزىدىغان،يامانكۆرسىتىدىغانۋە خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. 2.8 ئىشەنج يېتىلدۈرۈش. نۆۋەتتە خەلق ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا ئىشەنجنىڭ كەمچىللىكىنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۈچەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 2.9 خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش. خىتايدا 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت پىلانى بولۇشى ۋە بۇ پىلان قەدەم-باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. 3. تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى: 3.1 كۆپ خىل تەشكىلاتلارنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى. ھەر خىل تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. دىياسپورادىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھازىرچە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىر بولۇشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەركەزلىشىشى كېرەك. ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەرەللىك قۇرۇلتاي (بىرلەشمە كېڭەش) ئۆتكۈزۈشى كېرەك. 3.2 مەۋجۇتۋەقۇرۇلغۇسىئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىنىڭتۈرلىرى.تۈرلۈكئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىشەرقىيتۈركىستاننىڭھۆرلۈكىۋەئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلەشتەك ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ھەر خىل شەكىلدە بارلىققا كەلسە بولىدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ ھازىرقى ھاكىمىيەت رامكىسى ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاي بىلەن ماسلىشىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىگە زىت ئىش ۋە ئۇنىڭغا ساتقىنلىق قىلىدىغان ھەرقانداق تەشكىلاتنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كېرەك. 4 3.3 خاراكتېرىۋەنىشانغايېتىشتىكىۋاسىتىسىنىڭقانداقبولۇشىدىنقەتئىينەزەر،ئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىچوقۇمئەمەلقىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە: • شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى • ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش • ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش • ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش • تەشكىلاتلار ئىچىدىكى ۋە ئارىسىدىكى جاسۇسلارغا قارشى تۇرۇش • تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇشى تەبىئىي. ئەمما ئۇنى قېرىنداشلىق روھى بويىچە ھەل قىلىش لازىم. 3.4 ئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىئۆزئارامۇناسىۋەتتەئەمەلقىلىدىغانپرىنسىپلار: • تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ شەخسىيىتىگە ۋە ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلماسلىق لازىم. • تەشكىلاتلار قىلىۋاتقان خىزمىتىدە سەمىمىي بولۇشى، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بېرىلمەسلىكى لازىم. • ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىر-بىرىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، بىر-بىرى بىلەن جامائەت ئالدىدا جەڭگە-جېدەل قىلماسلىقى ۋە بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. • تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىتەرەپ تۇرىدىغان ۋە جامائەتچىلىكتە يۈز-ئابروي ى بار شەخسلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا قۇرۇلۇشى كېرەك. • تەشكىلات مەسئۇللىرى قائىدىگە بوي سۇنمايدۇ. • تەشكىلاتلاردا ئېنىق ئىستراتېگىيە يوق. • تەشكىلاتلاردا ئۆز-ئۆزىگە ئىگىدارلىق قىلىش كۇلتۇرى يوق. • تەشكىلات مەسئۇللىرىدا شۆھرەتپەرەسلىك ئېغىر. • تەشكىلاتلاردا جاۋابكارلىق تۇيغۇسى ئاجىز. • تەشكىلاتلاردا ئىقتىسادىي ھېساب-كىتاب (ئوچۇق-يورۇقلۇق) كەمچىل. • كەمچىلىكلەرنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىش جاسارىتى كەمچىل. 3.5 ئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىداساقلىنىۋاتقانمەسىلىلەر: • تەشكىلاتچىلىك كۇلتۇرىنى كۈچلەندۈرۈش • تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. 3.6 ئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىغاقىلىنغانتەشەببۇسلار: • ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىكى دىرېكتورلار كېڭىشى )Board of Directors( دىكىلەر مەنئەپەت توقۇنۇشى بوپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ تەشكىلاتتىن مائاش ئالماسلىقى كېرەك. دىرېكتورلار كېڭىشىدىكىلەر بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيىتىدە كۈندىلىك خىزمەت قىلىدىغانلار ئوخشىمىغان شەخسلەردىن بولۇشى كېرەك. بىر دۆلەتتىن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولمىغان باشقا تەشكىلاتلاردىن مائاش ئالىدىغان شەخسلەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى بولماسلىقى كېرەك. 3.7 شەرقىيتۈركىستانتەشكىلاتلىرىئۇيغۇرلارنىلائەمەس،بەلكىشەركىيتۈركىستانداياشايدىغانباشقامىللەتلەرنىمۇئۆزئىچىگەئېلىپ كىرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. 3.8 ھازىرقىئەھۋالداچەتئەلدىكىھېچقانداقبىرتەشكىلاتبىزئۇيغۇرلارغاۋەشەرقىيتۈركىستانغاتولۇقۋەكىللىكقىلىدىغان تەشكىلاتمىز دېمەسلىكى كېرەك. 4. گۇرۇپپا مۇزاكىرىلىرىنىڭ خاتىمىسدە يۇقىرىقى پىكىر-تەكلىپ ۋە ئىدىيىلەر يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا تاللىنىپ، تۆۋەندىكى 6 تېمىغا قىسقارتىلدى: 4.1 ھەرقايسىتەشكىلاتلارسەرقىيتۈركىستاننىڭمۇستەقىللىقىنىقوللىشىكېرەك. 5 4.2 ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياشلار نامايىشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئۇنى ئۇزاق مۇددەت ئېلىپ بېرىش كېرەك. 4.3 ۋەتەنگە،لاگېرغاۋەئۇيغۇرلارنىڭچەتئەلدىكىھاياتىغائائىتئۇچۇر(سانلىق)ئامبىرىقۇرۇپچىقىش. 4.4 ئۇيغۇرلارئارىسىداكۆپخىلتەشكىلاتلارنىڭمەۋجۇتلۇقىۋەبارلىققاكېلىشىنىئېتىراپقىلىش.قارشىچىقماسلىق. 4.5 خىتاينىڭ لاگېر ئوپېراتسيونىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان قارشىلىقنى پاكىتلىق، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىش كېرەك. 4.6 ئۇيغۇرتەشكىلاتلىرىئەمەلقىلىشقاتېگىشلىكئورتاقپرىنسىپلارنىتۈزۈپچىقىشكېرەك. 5. يۇقىرىقى 6 تۈرلۈك تەلەپ-تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان ھەرىكەتلەر، ئىدىيىلەر ۋە تەشەببۇسلار يەنە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قويۇلۇپ، ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇزاكىرە قىلىندى ۋە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەندى: 5.1 ھەممەتەشكىلاتلارئېتىراپقىلىدىغان،قوبۇلقىلىدىغانۋەبويسۇنىدىغانبىرئورتاقنىزامنامەتۈزۈپچىقىلىدۇ. 5.2 شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر دېگەن نامنى قوللىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىدە چوقۇم شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كىرگۈزۈلۈشى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. • تەشكىلات تىزىمغا ئېلىنغان شۇ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بېقىپ، ماسلىشىشچان ۋە ئىستراتېگىيىلىك يول تۇتسا بولىدۇ. ئەمما، شەقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەرقانداق ھەرىكەت، گەپ-سۆز ۋە ئىدىيىلەرگە قارشى تۇرۇلىدۇ. • زۆرۈر بولغاندا يانداش تۈرلەر (پروجېكتلەر)، تەتقىقات مەركەزلىرى، پەن-مائارىپ پائالىيەتلىرى مۇئەسسەسىلىرىنى قۇرۇپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك ياردەملىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇلاردىن ئاكتىپلىق بىلەن پايدىلىنىش كېرەك. 5.3 ياشلار ھەرىكىتىنى ۋە نامايىشلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بىلەن قوللاش، ئۇنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كېڭىيىشى ئۈچۈن ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. • ياشلارنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى ياشلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. • ياشلار ئارىسىدىكى يېتەكچى ياشلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىدىن پايدىلىنىپ، باشقا ياشلارنى تەربىيىلەش ۋە ياشلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش كېرەك. • ئايلىق، پەسىللىك ۋە يىللىق ئاساستا قەرەللىك ھالدا ياشلارنى ئىسلام دىنى، تارىخ ۋە باشقا ساھەلەردە تەربىيىلەش يىغىنلىرى ۋە كۇرسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. تەپسىلاتى 2.4 دە. • ياشلارمۇ نامايىشىدىن ئايلىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ، ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىرىنى يەكۈنلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئاممىغا ئېلان قىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. 5.4 ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە سىياسىي جەھەتتە بىتەرەپ ئۇيغۇر زىيالىيلار مۇنبىرى قۇرۇلۇشى كېرەك. تەپسىلاتى ب قىسىمدا. 5.5 كومپۇپېرمۇتەخەسىسلىرىدىنبىرگۇرۇپپاقۇرۇپ،ئۇچۇرئامبىرىنىجىددىيقۇرۇپچىقىشكېرەك.تەپسىلاتى1.6دە. ھەممە ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ھەمدە مىللىي مەنپەئەتىمىزگە قارشى بولغان بۆلگۈنچىلىك،جاسۇسلۇق، ساتقۇنلۇق، خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. 5.6 ئۇيغۇرلارغائائىتكۆپتىللىقمەخسۇستەشۋىقاتئورۇنلىرىنىقۇرۇپچىقىشۋەشەرقىيتۈركىستاننىڭۋەزىيىتىھەققىدەقەرەللىك خەۋەر قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. 5.7 يىغىپ ئېيتقاندا، ئەنجۈمەن شۇنداق قاراش بىلەن خۇلاسىلەندىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىدە بار ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئومۇمىي يۈزلۈك خەلق ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلۈپ،پۈتۈن سەپلەر بويىچە خىتايغا قارشى تەشۋىقات، دېپلوماتىيە ۋە سودا جەھەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىشى كېرەك. بۇ ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلار جىددىي رەۋىشتە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئىقتىسادىي گەۋدىنى بەرپا قىلىشى، زىيالىيلارنىڭ كۈچىدىن تېخىمۇ پايدىلىنىشى، ياشلارنى تەربىيىلىشى ۋە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ۋە خەلقلەرگە بارلىق ئاماللار بىلەن بىلدۈرۈشى كېرەك. 6 ب. ئەنجۈمەننىڭخاتىمىسى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى تەييارلىق ھەيئىتىنىڭ قارارى (ئۇيغۇر ئېلىپبە تەرتىۋىدە ھەيئەت ئەزالىرى: پەرھات بىلگىن، تاھىر ئىمىن، تۇرمۇھەممەت ھاشىم، غەيرەت سابىت، قەيسەر سېيىت، مەمتىمىن ئەلا ۋە نۇرى مۇساباي) مەزكۈر ئەنجۈمەننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئەنجۈمەنگە قاتناشقان بارلىق زىيالىيلارنى شۇ قەدەر خۇش قىلغان ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكەن بولسا، ئۇنىڭدا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلارنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى ئۇلارغا يۈكلىنىدىغان باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيەتنىمۇ قايتا ئەسكەرتتى. ئەنجۈمەننىڭ روھى بويىچە ۋە ئۇنىڭدا مۇزاكىرە-مۇھاكىمە قىلىنغان تېمىلارنىڭ، ۋەزىپىلەرنىڭ ۋە ھەرىكەت پىلانلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى كۆزلىگەن ئاساستا، ئەنجۈمەن تەييارلىق ھەيئىتى ئەنجۈمەننىڭ خاراكتېرىنى تۆۋەندىكىدەك بېكىتتى: 1. ئەنجۈمەن بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلدىكى زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ۋە پايدا قوغلاشمايدىغان مۇنبىرى سۈپىتىدە رەسمىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئىسمىنى «ئۇيغۇر زىيالىيلار مۇنبىرى» گە ئۆزگەرتىدۇ. 2. زىيالىيلار مۇنبىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئىلمىي نۇقتىدىن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاداققى مەقسىتى قىلىدۇ. 3. مۇنبەر رەھبەرلىكى مۇنبەر ھەيئىتىنىڭ كوللېكتىپ قارار قىلىش مېخانىزمى ئۈستىگە قۇرۇلغان دېموكراتىك رەھبەرلىك بولىدۇ. 4. مەزكۈر ئەنجۈمەنگە قاتناشقان زىيالىيلارغا بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇش ھەققىدە تەكلىپنامە ئەۋەتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەزالىقى بېكىتىلىدۇ. 5. ئۇنىڭغا كىرىش زىيالىيلارنىڭ ئەركى بولغىنىدەك، ئۇنىڭدىن خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ كېتىشمۇ ئۇلارنىڭ ئەركىدۇر. شۇنىسى تەكىتلىنىدۇكى، ئۇنىڭغا كىرىشتە ئاددىي ئىلتىماس قىلىش جەريانى تەلەپ قىلىنىدۇ. 6. مۇنبەر كەلگۈسىدە يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن پىكىر-تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارغا يوللاش، بەزى ھەرىكەت پىلانلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. يۇقىرىقى تەشكىلاتچىلىق خاراكتېرىدە، ئەنجۈمەن كەلگۈسىدە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئۆز ئەزالىرى بىلەن قىلىدۇ: 1. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنى بىتەرەپ نۇقتىدىن كۆزىتىدۇ، ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ كەسپلىشىشى، جاۋابكارلىشىشى، ئوچۇق-يورۇقلۇشىشى ۋە ئۈنۈملۈكلۈشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يىللىق دوكلات تەييارلايدۇ. بۇ دوكلاتتا چەتئەلدىكى بارلىق تەشكىلاتلارنىڭ يىللىق خىزمىتى بىر يۈرۈش كاتېگورىيىلەر بويىچە سىستېمىلىق باھالىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى قاراپ چىقىلىدۇ،ئۇلارغا تەۋسىيىلەر سۇنۇلىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بىتەرەپ نۇقتىدىن سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇ دوكلات كېلەر يىلى باشلىنىدۇ. 2. مۇنبەر چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار ئارىسىدا ھەقىقىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، ماسلاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم ئامىل ھەممە تەشكىلاتلار ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان بىر ھەرىكەت نىزامنامىسى تۈزۈپ چىقىش ۋە ئۇنى ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۆزىتىشنىڭ قىبلىنەمىسى قىلىش. بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى يىللىق دوكلاتتىن يەر ئالىدۇ. 3. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش. 4. ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى ۋە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش. 5. مۇنبەر فۇندىنى قۇرۇپ چىقىش. بۇ فۇندنى مۇنبەرنىڭ كەلگۈسىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىش. 6. ھەر يىلى بىر قېتىم مەلۇم دۆلەتتە ئۇچرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش. 7

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

خىتاي شى جىنپىڭنىڭ يەرشارى ستىراتىگىيسنىڭ پەسكەشلىكى ئاشكارىلاندى!

سە ئاۋغۇست 28 , 2018
ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى شى جىنپىڭنىڭ يەرشارى ستىراتىگىيسنىڭ پەسكەشلىكىنى ئاشكارىلايدۇ.

You May Like