ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 3-ئ‍يۇن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 3-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان.

بۇ پائالىيەت تونۇلغان پەلەستىنلىك ئۆلىما ئۆمەر سۇلايماننىڭ تېكساستىكى «ۋەلىي رېنچ ئىسلام مەركىزى»دە باشلانغان. مەزكۇر ئىسلام مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئىقتىسادىي ۋە تەشۋىقات فىلىمى ياردەم بەرگەن.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا لاگىر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئۆز كەچمىشلىرىنى سۆزلىگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت تەرجىمان ۋە چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.

ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋە ياردەم قىلغان زۇمرەت داۋۇت، ئارسلان ھىدايەت، تېكساس داللاس ئۇيغۇر جامائىتى، ۋەلىي رېنچ ئىسلام مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئىمامى ئۆمەر سۇلايمان، ياسىر بىرجاس، ئېپىك ئىسلام مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئىمامى ياسىر قازىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

مەنبەسى: ئۇيغۇر ئ‍سلام مەركىزى ئاممىۋى ئالاقە سۇپىسى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

سياسى ئانالىز: خاقان فىدان ئۇيغۇرستان زىيارىتىنىڭ ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرى

جۈ ئىيۇن 7 , 2024
خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى-ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ۋە ختاي ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇ زىيارەتنىڭ پايدىسى كىملەرگە بولىدۇ ؟ كىملەر زىيان تارتىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابى تەرەپلىرى: 1-بۇ زىيارەت ختايغا «تۈركىيە ھىلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.»دىگەن ئۇچۇرنى بىرىدۇ. بۇ 12 يىلدىن كىين ئىلىپ بىرىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ھسابلىنىدۇ. 2-خاقان فىداننىڭ […]
خاقان فىدان-ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلدى

You May Like